ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
ئالما مىليارد دوللار چىقىرىپ رېنو شەھىرىدىكى سانلىق مەلۇمات مەركىزىنى كېڭەيتىدۇ
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-11 16:36:40

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شۇ يەرلىك تاراتقۇ Reno-Gazette Journalنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ نېۋادا شىتاتىنىڭ غەربىگە جايلاشقان رېنو شەھىرىدىكى ئالما سانلىق مەلۇمات مەركىزى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىلىدىكەن. يېقىندا رېنو شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالمىنىڭ مەلۇمات مەركىزى كېڭەيتىش تۈرىنى مۇزاكىرە قىلغان. مەزكۇر تاراتقۇنىڭ مۇخبىرى Anjeanette Damon تەلىيى كېلىپ بۇ مۇزاكىرىگە قاتناشقان بولۇپ، بۇ تۈرگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالنى تولۇق خەۋەر قىلغان. مۇزاكىرىگە ئاساسەن، ئالما شىركىتى بىر مىليارد دوللار مەبلەغ چىقىرىپ، رېنو تېخنىكا باغچىسىدىكى ئەسلىدە بار بولغان سانلىق مەلۇمات مەركىزىنى كېڭەيتىدۇ، بۇ قېتىم سېلىنىدىغان مەبلەغ ئەسلى پىلاندىكىدىن ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇلغان.

رېنو سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ سۈرىتى

بۇ يىل 2-ئايدىلا بەزى ئالامەتلەر ئالما شىركىتىنىڭ شۇ جايدىكى ئۆزىگە تەۋە سانلىق مەلۇمات مەركىزىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئالما شىركىتى بۇ جايدا 373 مىڭ 893 كۋادرات ئىنگلىز چىسى (تەخمىنەن 34 مىڭ 736 كىۋادىرات مېتىر، ياكى تەخمىنەن 52.1 مو) كېلىدىغان زېمىننى سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ ئورۇنغا سەككىز يۈرۈش سانلىق مەلۇمات مەركىزى بىناسى، بىر يۈرۈش مەمۇرىيەت بىناسى بىر يۈرۈش ماشىنا ئامبىرى ۋە بىر يۈرۈش توك چىقىرىش بىناسى قۇرۇشنى پىلانلىغان. بۇ قېتىمقى كېڭەيتىش تۈرىنىڭ ۋاكالەت نومۇرى Project Isabel بولۇپ، نۆۋەتتە كېڭەيتىش پىلانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلىغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش