ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
ياپونىيە ساناتورېيەسىدە «سىرداش ماشىنا ئادەم» ئىشقا چۈشتى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-17 12:00:07

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 17-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياپونىيە مىياگى ناھىيەسى ئۇراياسۇ ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە يېڭىدىن بىر خىزمەتچى — Telenoid ماشىنا ئادىمى كەلدى. ئۇ كەلگەندىن كېيىن ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە كۈلكە ئاۋازلىرى كۆپەيدى.

ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ 16-ماي خەۋەر قىلىشىچە، Telenoid ماشىنا ئادىمىنى ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ياسىغان، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 2.7 كىلومېتىر، ئېگىزلىكى 50 سانتىمېتىر، بىر جۈپ قارا كۆزىدىن باشقا، يۈزىدىكى بەش ئەزاسى ئېنىق ئەمەس. سىرتىدىن قارىغاندا چىراي ئىپادىسى يوق، يېشى ۋە جىنسىنى بىلگىلى بولمايدىغان «ئەرۋاھ»قا ئوخشايدۇ.

لېكىن بۇ كىچىك ئەرۋاھنى سەل چاغلىماڭ، ئۇ ياشانغانلار بىلەن تۇغقانلىرىنى باغلايدىغان تۈگۈن. تۇغقانلار ياشانغانلار بىلەن يىراق مۇساپىلىق پاراڭلاشقاندا ئالدىدىكى مىكروفون ۋە كامىرا ئاۋاز ۋە چىراي ئىپادىسىنى ئېلىپ ھەر ۋاقىت Telenoidغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ، بۇنداق بولغاندا Telenoid بىر تەرەپتىن گەپ قىلىپ، بىر تەرەپتىن تۇغقانلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان چىراي ئىپادىسى چىقىرىدۇ، بۇ ياشانغانلارغا تۇغقانلىرى يېنىدا تۇرغاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ.

ياشانغانلار ساناتورىيەسى خىزمەتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، Telenoid كەلگەندىن كېيىن بىر قىسىم مۇز چىراي، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ياشانغانلار مۇلايىملىشىپ كەتكەن، ئېغىر دەرىجىدە دېۋەڭلىك كېسىلى بارلارمۇ Telenoidنى «تىرىك ئادەم» دەپ قارىغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش