ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
گۇگول I/O يىغىنى «بەك قىزىپ كېتىپ» ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-19 16:19:40

بېتا تورىنىڭ 19-مايدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

گۇگولنىڭ بۇ يىللىق I/O يىغىنىدا بىر قاتار مۇھىم مەزمۇنلار ئېلان قىلىندى، بۇ مەزمۇنلار يىغىن زالىنىڭ كەيپىياتىنى بىراقلا كۆتۈرۈۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن يىغىن «بەك قىزىپ كېتىپ»، ئاقىۋەت راستتىنلا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، يىغىنمۇ ۋاقىتلىق توختىتىلدى.

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇگول I/O يىغىنىدا بىر كىچىككىنە ۋەقە كۆرۈلگەن بولۇپ، يىغىن مەيدانى ئەتراپىدىكى بىر ئاشخانىغا تۇيۇقسىز ئوت كېتىپ يىغىن ۋاقىتلىق توختىتىلغان، بارلىق مۇخبىرلار تارقاقلاشتۇرۇلغان. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋاقتىدا يېتىپ كېلىپ ئوتنى ئۆچۈرگەن، I/O يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىمىغان، پەقەت يېرىم سائەت توختىتىلغاندىن كېيىن قايتىدىن باشلانغان.

نۆۋەتتە بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس، ئەمما بەزىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا چاقچاق قىلىپ: «يىغىن كەيپىياتى بەك قىزغىن بولۇپ كەتكەنلىكتىن ئوت كەتتى» دېدى.

ئىلگىرىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، گۇگول بۇ قېتىملىق I/O يىغىنىنىڭ تۇنجى كۈنى Android Oنىڭ ئىككىنچى پىروگراممېرلار ئالدىن كۆرۈش نۇسخىسىنى ئېلان قىلىپلا قالماي، يەنە ئاددىيلاشتۇرۇلغان نۇسخىدىكى كۆچمە سىستېمىسى Android Goنى ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە AI ئاساسىدىكى ئىككىنچى ئەۋلاد TPU ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئېلان قىلغان.

ئەڭ يېڭى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئوت ئاپىتىدە ئۈچ نەپەر خىزمەتچى خادىم يارىلانغان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەننىڭ يارىسى خېلى ئېغىر ئىكەن.




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش