ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
گۇگول ئېكولوگىيەسىنىڭ كۈچىيىشى ئالمىنى قاتتىق چۆچۈتتى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-22 15:28:25

ۋېيفېڭ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالدىنقى ھەپتىدىكى Google I/O يىغىنى ئالما شىركىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى. بۇ قېتىم ئىزدەش كەسپىدىكى بۇ گىگانت كارخانا Google Assistant ئارقىلىق ساھەسىدە چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلىدى، Google Lens ئارقىلىق سۈرەت ئىزدەش ۋە تەھرىرلەش ساھەسىدە ئۆز ماھارىتىنى نامايەن قىلدى، Instant Apps ئارقىلىق تور بەت ئىزدەش تېخنىكىسىغا قايتىدىن ئېنىقلىما بەردى، گۇگول ھەتتا ئۆزى ئەڭ ماھىر بولغان ئىزدەش كەسپىگە خىزمەت ئىزدەش ئىقتىدارىنىمۇ قوشتى.

باشقىچە ئېيتقاندا، گۇگول ئېكولوگىيەسى ئالما بەرپا قىلىۋاتقان قاتتىق/يۇمشاق دېتال بىرلەشكەن يېڭى ئېمپىرىيەدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ چۈشتى، نېمىلا دېگەن بىلەن ئالما شىركىتى مەۋھۇم رېئاللىق، Siri، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئاپتوموبىل ساھەسىدە باشقىلارنىڭ خېلىلا كەينىدە قالدى.

گۇگولنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى ئېنىق، ئۇلار تېخىمۇ چوڭقۇر سانلىق مەلۇماتلارنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ئارقىلىق باشقا شىركەتلەر تايىنىۋاتقان سۇپىنى تارتىۋالماقتا.

ئەلۋەتتە، كېلەر ئاينىڭ 5-كۈنى ئالما WWDC يىغىنى باشلىنىدۇ، بۇ ئالما شىركىتىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان سەھنىسى. تۆۋەندە ئالما شىركىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن «جىددىيلىشىپ» قالغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن ئارقىلىق قايتۇرما ھۇجۇم تەشكىللىشى كېرەكلىكىنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى.

گۇگول شىركىتى تۆۋەندىكى ساھەلەردە ئالما شىركىتىدىن ھالقىپ كەتتى

سۈنئىي ئىدراكلىق مەۋھۇم ياردەمچى: گۇگولنىڭ ئاۋازلىق ياردەمچىسى گۇگول Assistant ئاللىقاچان Siriدىن ئېشىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، سوئاللارغا تېخىمۇ توغرا جاۋاب بېرەلەيدۇ. يېڭى بىر ئەۋلاد گۇگول Assistant قورالىدا، مەۋھۇم ياردەمچى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قولىدىكى بۇيۇملارنى ئېنىقلاش، تۈرىنى بېكىتىپ چىقىش ئىشقا ئاشتى، Assistant يەنە سىرتتىن تاماق بۇيرۇتۇشنىمۇ قوللايدۇ. ئەڭ قورقۇنچلىق بولغىنى، گۇگول بۇ ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسىنى iPhone ئابۇنتلىرىغىمۇ ئېچىۋەتتى.

ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە جابدۇقى: ئالما شىركىتى ئەقلىي ئائىلە جابدۇقى ساھەسىدە تېخى ھىچقانچە ئىش قىلمىدى، ئەمما گۇگول I/O يىغىنىدا ئۆزىنىڭ Google Home ئارقىلىق بۇ ساھەدىكى باشلامچى ئامازون Echoدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى نامايەن قىلدى. ئابۇنتلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىشتىن باشقا، Google Home يەنە تۇرۇپكىسىز سۆزلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئالما WWDC يىغىنىدا Siri ياڭراتقۇسىنى ئېلان قىلامدۇ-يوق، بۇنىسى تېخى نامەلۇم.

سۈرەت: گۇگول Google Photosقا نۇرغۇنلىغان يېڭىچە ئىقتىدارلارنى قوشتى، ئەڭ مۇھىمى Google Lens ئىقتىدارىنىڭ قوشۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ كامېرانى ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە قىلىدۇ، شۇنداقلا Photos بىلەن Assistantنىڭ چوڭقۇر دەرىجىدە بىرلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مەۋھۇم رېئاللىق (VR) ۋە كۈچەيتىلگەن رېئاللىق (AR): «ئالما شىركىتى يېڭى بىر ئەۋلاد iPhoneغا AR ئىقتىدارى قوشىدۇ» دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما گۇگول بۇ جەھەتتىمۇ ئالما شىركىتىدىن بىر قەدەم ئالدىدا ماڭدى، ئۇ ئۆزىنىڭ VR ئۈسكۈنىسىنى يېڭىلاپلا قالماي، يەنە ئىككى خىل AR يانفونى ئېلان قىلدى.

Chrome تور كۆرگۈچىسى: تور كۆرگۈچ جەھەتتىمۇ گۇگول ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى نامايەن قىلدى، Chromeنى ئاندىرويىدتىلا ئىشلەتكىلى بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە iPhoneدىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، گۇگول ھەتتا Chromeنىڭ VR سۇپىسىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل: گۇگول بۇ قېتىم ئۇزۇن يىل تەييارلىق قىلغان Android Autoنى كۆپ تەكىتلىمىدى، ئۇلار ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىگە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كىرىپ، Assistant ئارقىلىق ھەممىنى كونترول قىلماقچى بولدى، گۇگول يىغىندا ۋولۋو ۋە ئاۋدى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدەش ۋە ساندان: بۇ قېتىم گۇگول ئۆزىنىڭ ئىزدەش قورالى ۋە زور ھەجىملىك ساندان تېخنىكىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئۇ گۇگولنىڭ ئىزدەش ماتورىغا خىزمەت ئىزدەش ئىقتىدارىنى قوشقاندىن كېيىن، بۇ ساھەدە تېخى بوۋاق ھالەتتىكى ئالمىنىلا ئەمەس، توردا خىزمەت ئىزدەش ساھەسىدىكى ئەنئەنىۋىي كۈچلۈك كارخانا بولغان LinkedInنىمۇ چۆچۈتۈپ قويدى.

مانا مۇشۇنداق ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان گۇگول شىركىتىگە نىسبەتەن، ئالما شىركىتى يەنىلا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتەلەيدۇ.

مىسال ئالساق، ئالما شىركىتى ئۇچۇر قورالى جەھەتتە Facebookتەك كۈچلۈك بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ساھەدە ئىزچىل يولىنى تاپالماي كەلگەن گۇگولغا قارىغاندا ياخشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالما شىركىتى زور مىقداردا ئابۇنت ئاساسىغا ئىگە. بۇندىن باشقا، ئالما شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتال يېڭىلاش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمۇ ناھايىتى روشەن، ئۇ ئاندىرويىدتەك پارچىلىنىپ كەتمىگەن.

ئىزدەش كەسپىگە كەلسەك، ئالما مەڭگۈ گۇگولغا يېتىشەلمەيدۇ، ئەمما VR ،AR ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە جابدۇقى ساھەسىدە گۇگولغا يېتىشىۋېلىشىدە ئۈمىد بار.

بىراق، ئالما شىركىتىگە بېرىلگەن ۋاقىت ئۇنچە كۆپ ئەمەس، ئەگەر داۋاملىق ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كەلمىسە، ئۇنداقتا پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش