ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
كۆچمە خەۋەرلىشىش CEOسى: چەكسىز ئېقىم مىقدارى مۇلازىمىتىنى قەتئى توسىمىز
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-26 15:23:54


بېتا تورى 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«چەكسىز ئېقىم مىقدارى» كەسپى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىغان. شياڭگاڭ «ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لى يۆ پايچېكلار يىغىنىدا خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت بازىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان «چەكسىز ئېقىم مىقدارى» پىلانىغا قارىتا، بۇ پىلاننىڭ جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە چوقۇم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئېقىم مىقدارىغا چەك قويۇلمىغان يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرنىڭ بىر قىسىم خېرىدارلارنى تارتىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لى يۆنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر زور بولۇپ، ئۇ ھەر خىل چارە ئاماللار بىلەن «چەكسىز ئېقىم مىقدارى» پىلانىنىڭ چىقىشىنى توسىدىكەن، چۈنكى بۇ پىلاندا قىسقا مۇددەت ئىچىدە پايدىغا ئېرىشكەندەك قىلغان بىلەن، ئۇزۇن مۇددەتنى كۆزلىگەندە بۇ مۇلازىمەت تۈرى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەش قىيىن ئىكەن، ھەتتا شىركەتكە چوڭ زىيان كەلتۈرىشى مۇمكىن ئىكەن.

بىراق جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى تەرەپ پېڭپەي ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرىغا شىياڭگاڭ تاراتقۇلىرى لى يۆنىڭ سۆزىنى خاتا چۈشىنىۋاپتۇ، ئۇنىڭ ئەسلى دېمەكچى بولغىنى خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت كارخانىلىرى زور كۆلەمدە «چەكسىز ئېقىم مىقدارى» يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلىرىنى يولغا قويسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، دەپ چۈشەنچە بەرگەن.

«چەكسىز ئېقىم مىقدارى» ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئېقىم مىقدارىغا چەك قويۇلمايدىغان يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەر ئىلگىرى چەتئەللەردە يولغا قويۇلغان. نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى 3 چوڭ خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركەتلىرىمۇ ئىلگىر ئاخىر بولۇپ «چەكسىز ئېقىم مىقدارى» يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلىرىنى چىقارغان.

بۇ يىل 2-ئاينىڭ 24-كۈنى جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى شاڭخەيدە پۈتۈنلەي يېڭىچە «ماروژنى» يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلىرىنى چىقاردى. بۇ يېڭى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەردە «سۆزلىشىش ھەققى» ۋە «ئېقىم مىقدارى»غا بىردەك چەكلىمە قويۇلمىدى. شۇنداق قىلىپ جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى تۇنجى بولۇپ دۆلەت ئىچىدە كۆچمە خەۋەرلىشىش ئېقىم مىقدارىغا چەك قويماسلىقنىڭ تۇنجى پەردىسىنى ئاچتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئايلىقى 398 يۈئەنلىك «ماروژنى» يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى دۆلەت ئىچىدە چەكسىز سۆزلىشىش ۋە چەكسىز ئېقىم مىقدارى بىلەن تەمىنلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇ چاغدا جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى سۇن جىياڭشەن پېڭپەي ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرىنى قوبۇل قىلغان چاغدا «ماروژنى» يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئابونتلارنى كۆپەيتىپ، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ARPU قىممىتى (ئابۇنتلار ياراتقان ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىم)نى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارەت داۋامىدا سۇن جىياڭشەن مۇنداق دەيدۇ: «چەكسىز ئېقىم مىقدارى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلىرىنى دۆلەت ئىچىدە بىز تۇنجى بولۇپ يولغا قويدۇق. بۇنىڭدىن ئىلگىرى چەتئەللەردىكى خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركەتلىرى بۇ خىل مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ ئۇتۇق قازانغان. بىز باشقا خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭمۇ دەۋرگە ماسلىشىپ، چەكسىز ئېقىم مىقدارى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلىرىنى چىقىرىشنى، بۇ ئارقىلىق كۆچمە خەۋەرلىشىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىش نىشانىغا يېتىشنى ئۈمىد قىلىمىز».

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى پايدا يارىتىش ئىقتىدارى، 4G تور ئابۇنتلىرى، ئاساسىي پونكىتلار سانى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا زور ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەن. 4G تور ئابۇنتلىرى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 4G تورى ئابۇنتلىرى 2016-يىلى 535 مىليونغا يەتكەن، جۇڭگو تېلېگىرافىنىڭ بولسا 122 مىليونغا، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ بولسا ئاران 100 مىليونغا يەتكەن.

ئېقىم مىقدارىدىن كىرىدىغان كىرىم جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولۇپ، سىمسىز توردىن كىرگەن كىرىمى ئۆتكەن يىلىغا قارىغاندا %43 ئېشىپ، ئومۇمىي كىرىمدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %46.2كە يەتكەن، تۇنجى قېتىم سۆزلىشىش ھەققى ۋە رەڭلىك ئۇچۇر كىرىمىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كېتىپ، كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ كىرىم مەنبەسىگە ئايلانغان. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئۆز ئابۇنتلىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئىشلىتىدىغان ئېقىم مىقدارىنىڭ GB دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش