ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
ئادەمنى ئۇيقۇسىزلىقتىن خالاس قىلىدىغان ئەقلىي كۆز ماسكىسى بارلىققا كەلدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-29 13:26:21

بېتا تورى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچ خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

ھەممەيلەننىڭ ئۇيقۇسىز كېچىلىرى بولغانلىقىغا ئىشىنىمىز، گەرچە ئۇيقۇسىزلىقنى كېسەللىك دەپ قارىمىساقمۇ، بىراق ئۇ سالامەتلىكىمىز ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا پەرۋىش، ساغلاملىق سايمانلىرىنى ياساش شىركىتى Sana-Health يېقىندا بىر خىل ئالاھىدە كۆز ماسكا ياساپ چىققان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇيقۇسىز كىشىلەرگە مۇۋاپىق بولغان داۋالىنىش تاللىشى ئاتا قىلدى.

قارىماققا Sana كۆز ماسكىسى VR كۆز ئەينىكىگە ئىنتايىن ئوخشايدۇ. مەزكۇر ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىش ناھايىتى ئاسان بولۇپ، ئادەتتىكى كۆز ماسكىسىنى تاقىغاندەك تاقىۋالسىلا بولىدۇ. ئۇ ئادەتتىكى كۆز ماسكىسىغا ئوخشاش نۇرنى توسۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا نۇر ئارقىلىق غىدىقلاش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنى ئارامبەخىش ھالەتكە كەلتۈرۈپ ئۇيقۇسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ. Sanaنىڭ مەسئۇلى رىچاد خەنبۇرىنىڭ دېيىشىچە، Sana كۆز ماسكىسى تېخنىكىسى كىشىلەردىكى سوزۇلما ئاغىرىق تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئۇخلىيالماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدىكەن.

ئىشلەتكۈچى Bertrand Piccard ئۇچقۇچى بولۇپ، خىزمىتىنىڭ خاراكتېرى سەۋەبىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ تۇرىدۇ، خىزمەت سىجىللىقى زىيادە يۇقىرى بولغاچقا ھەركۈنى ئاران ئۈچ سائەت ئارام ئالالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەركۈنى دېگۈدەك بەدەن تەكشۈرۈش قىلىدۇ، شۇڭا تېز سۈرئەتتە ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ھالبۇكى، Sana كۆز ئەينىكى ئۇنىڭ بۇ ئېھتىياجىغا دەل ماس كەلگەن. Bertrand Piccardدىن باشقا Sana Health شىركىتى يەنە باشقا تۆت نەپەر پىدائىيغا مەزكۈر مەھسۇلاتنى سىناق قىلدۇرغان، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىسقىغىنا 10 مىنۇت ئىچىدە ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىپ بولغان.

Sana Health نۆۋەتتە 450 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق دەسلەپكى مەبلەغنى توپلاپ بولدى، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە مەخسۇس سىناق ئارقىلىق مەھسۇلاتىنى تېخىمۇ ياخشىلايدىكەن، مەزكۇر مەھسۇلات ئامېرىكا يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن، بۇنىڭ ئۈستىگە مەزكۇر مەھسۇلاتنى كېلەر يىلىنىڭ ئىككىنچى پەسىلىدە بازارغا سېلىش مۆلچەرلەنگەن، سېتىلىش باھاسى تەخمىنەن 400 ئامېرىكا دوللىرى، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 2740 يۈەن بولىدىكەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش