ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
ما خۇاتېڭ: بۇ تېخنىكىلار رەقەملىك ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسىتىدۇ
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-29 13:26:26


2017-يىللىق گۇيياڭ خەلقئارالىق چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى كۆرگەزمىسى يېقىندا ئاياغلاشتى. تېڭشۈننىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ما خۇاتېڭ «رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ئىزدىنىش» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى ھەمدە گۇيجۇ ئۆلكىلىك زور سانلىق مەلۇمات تەرەققىياتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما يۈنىڭ، گۇيجۇ ماۋتەي گۇرۇھىنىڭ لىدىرى يۈەن رېنگو، كاربون ئەقلىي بۇلۇتنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋاڭ جۈن قاتارلىقلار بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدىكى خىرىس بىلەن پۇرسەتنى چۆرىدەپ سۆھبەتلەشتى.

«ئالاقە تورى +» ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، تېڭشۈن ئىزچىل «ئالاقە تورى +» ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئېكولوگىيەدە ئەنئەنىۋى كارخانىلارغا قانداق ياردەم بېرىش ۋە يار-يۆلەك بولۇش، ساھە سىرتىدىكىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى.

ما خۇاتېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تېڭشۈن كۆۋرۈلۈك رول ئويناشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كونكرېت ئېيتقاندا، بۇلۇت، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئەشيا تورى جەھەتتە، تېڭشۈن ئەنئەنىۋى كارخانا ياكى ئېكولوگىيە ئىچىدىكى دوستلارنى بەزى قوللاشلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.»

ما خۇاتېڭ بىر قانچە مۇھىم كۆرسەتمىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «بىخەتەرلىك جەھەتتە تېڭشۈننىڭ مول تەجرىبىسى بار. جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئۇچۇرى LBSغا تېڭشۈن كۆپ مىقداردا زېھنى كۈچىنى سەرپ قىلدى؛ ئۈندىدار، QQ، تور كۆرگۈچى ھەمدە ئەپ گۆھىرى قاتارلىق بۇ تۆت ئېقىم مىقدارى سۇپىسىنى تېڭشۈن ئېقىم مىقدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ.»

ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە تور مەۋھۇم ئىقتىسادى تاشقى ساھەگە نىسبەتەن ئىزچىل قارىمۇ-قارشى ئىككى ئۇقۇم، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نۇرغۇن ئەمەلىي كەسپى ۋە ئىنتېرنېت تورى كەسپى چوڭ سەردارلىرىنىڭ «تىركىشىشى»نى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭغا قارىتا ما خۇاتېڭ مۇنداق دەپ قارىدى: «ساپ ئالاقە تورى كەسپى ۋە تور سىرتىدىكى كەسىپلەر بىرىككەندىن كېيىن، ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە تور مەۋھۇم ئىقتىسادنىڭ بىرىكىشىنى بارغانسېرى ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، كەلگۈسىدە بۇ ئىككىسى يۈكسەك دەرىجىدە يۇغۇرۇلىدۇ، بۇ چوقۇم پايدىلىق، ھەرگىزمۇ قارىمۇ-قارشى ياكى ئاغدۇرمىچىلىق مۇناسىۋىتىدە ئەمەس.»

بۇ يىلقى «ئىككى يىغىن»نىڭ تاراتقۇلار سۆھبەت يىغىنىدا، ما خۇاتېڭ تېڭشۈننىڭ تېخنىكىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. بۈگۈنكى يۇقىرى قاتلامدىكىلەر سۆھبىتىدە رىياسەتچى «قانداق يېڭى تېخنىكا رەقەملىك ئىقتىسادقا تەسىر پەيدا قىلىدۇ؟» دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ما خۇاتېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئالدى بىلەن ئۈسكۈنە ئىنتايىن مۇھىم، شەخسلەر كومپيۇتېرىدىن يانفونغىچە، ئاساسىي جەھەتتىن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، ھازىر يەنە مەۋھۇم رېئاللىق، مېڭە بىلەن كومپيۇتېرنى ئۇلاش، كەلگۈسى ئۈسكۈنىلەر ۋە ئادەم بىلەن كومپيۇتېر دىيالوگىنىڭ ئۆزگىرىش ناھايىتى مۇھىم ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇلۇت، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئىدراكنىڭ تەسىرى ناھايىتى مۇھىم. بولۇپمۇ سۈنئىي ئىدراك كەلگۈسىدىكى داۋالاش، ئەدلىيە، شوپۇرسىز ھەيدەش قاتارلىق ساھەلەردە ئىنتايىن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.»



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش