ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
لى كەيفۇ: مەن ئالما، مىكروسوفت، گۇگولدا ئۆگىنىۋالغان سەككىز نەرسە
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-29 13:26:30

ئاپتورى : لى كەيفۇ

تىللا شىركىتى تەرجىمىسى

مەن بۇرۇن ئالما، مىكروسوفت، گۇگولدا ئىشلىگەن ئىدىم، دۆلىتىمىزدىكى شىركەتلەر بىلەن بۇ دۇنياغا داڭلىق شىركەتلەر ئوتتۇرسىدا پەرق خېلى بار ئىدى، مەن بۈگۈن بۇ ئۈچ چوڭ شىركەتتە ئىشلەش جەريانىدا ئۆگەنگەنلىرىمنى ۋە ھېس قىلغانلىرىمنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرەي.

شۇنداق ئويلاپ باقسام، بۇ ئۈچ شىركەتتە ھېچ بولمىغاندا ئىككىسىدە دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن داڭلىق شىركەتلەردە يوق نەرسىلەر بار ئىدى، ئۇلار قايسىلاردۇ؟ جۇڭگودىكى شىركەتلەر باشقۇرۇشقا ماھىر، خېرىدارلىرىنى ياخشى بىلىدۇ، پۇل تېپىشقا ئۇستا، تىپىك سودىگەر روھىغا باي ۋە باشقىلار... بۇ جەھەتتە ھەقىقەتەن قالتىس؛ مېنىڭ بۈگۈن دېمەكچى بولغىنىم يۇقىرىدا دېيىلگەندىن باشقا سەككىز ئىشتۇر.

كارخانىنىڭ ئارزۇ-ئارمىنى

بىرىنچى: بۇ ئۈچ شىركەت كارخانىنىڭ ئارزۇسىغا ناھايىتى بەك ئەھمىيەت بىرىدۇ، شىركەتنىڭ ئارزۇسى ھەققىدە نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ.

جۇڭگودىكى كۆپلىگەن شىركەتلەر بۇ ئىشلارغا ئانچە بەك ئېتىبار بەرمەيدۇ، مەن كۆرگەن كۆپلىگەن شىركەتلەر ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى خېرىدارلارنى ئاساس قىلىش، ئادەمنى ئاساس قىلىش ياكى سەمىمىيلىكنى ئاساس قىلىش، ۋەياكى شۇ ساھەدىكى ئەڭ چوڭ شىركەت بولۇش قاتارلىق ئارزۇلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەمگە بەكلا قۇرۇق گەپتەك تۇيغۇ بىرىدۇ. مېنىڭ تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا، بىر شىركەت بىر ئۇلۇغۋار ئارزۇ-غايىگە راستتىنلا بەك ئېھتىياجلىق.

مەسىلەن: ئامېرىكا فورد ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئارزۇسى ئامېرىكىدىكى ھەممىلا ئادەمنىڭ ماشىنىسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى، ياپونىيە سونىي شىركىتىنىڭ ئارزۇسى بولسا كىشىلەرنىڭ فىلىم كۆرگەندە ئېنىق، سۈزۈك كۆرۈش شارائىتىغا ئېرىشتۈرۈش ئىدى.

ئارزۇ غايىنىڭ بىر شىركەتكە ئىلىپ كېلىدىغان تەسىرىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش بەك قىيىن بولمىسا كېرەك. سونىينىڭ ئارزۇسى شىركەت ئىشچىلىرىنىڭ كۈرەش قىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىشلىشىدىكى مەقسىتى پەقەتلا پۇل تېپىش، ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈنلا ئەمەسلىكىنى سونىيدا ئىشلىگەن ھەربىر ئىشچى ياخشى بىلەتتى، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغان ئارزۇسى ئۆز دۆلىتىگە ياردەم قىلىپ، دۆلىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىدى. فورد شىركىتىنىڭ ئارزۇسى ئامېرىكىدىكى ھەربىر پۇقرانىڭ ئۆزىنىڭ ماشىنىسى بولۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدى، بۇ ھەربىر كىشىگە ئىلھام، مەدەت بولاتتى. ئۇلار ماشىنا ياسىغاندا بۇ نۇقتىنى ئېسىدىن چىقارمايتتى، شىركەت ھەر قېتىم قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە شىركەتنىڭ ئارزۇسى ئۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشتا ياردىمى ناھايىتى چوڭ بولاتتى.

مەن بۇرۇن ئىشلىگەن بىر نەچچە شىركەتنىڭ ئارزۇسى ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئىدى، مەسىلەن گۇگولنى ئېلىپ ئېيتسام، گۇگولنىڭ ئارزۇسى بولسا دۇنيادىكى ئۇچۇرلارنى رەتلەش، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزى كېرەكلىك ئۇچۇرغا خالىغانچە ئېرىشىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى. بۇنداق بىر ئارزۇ بار ئىكەن، گۇگول نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئۆز ئارزۇسىدىن قېيىپ كەتمىدى.

مىكروسوفتنىڭ ئارزۇسى بولسا: ھەربىر ئىش ئۈستىلىدە بىردىن كومپيۇتېر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى. بۇ 25 يىل بۇرۇن راستتىنلا خام خىيالدەك تۇيۇلاتتى، لېكىن ھازىر ئاساسەن دېگۈدەك ئىشقا ئاشتى.

شۇڭا، بىر شىركەتكە نىسبەتەن ئارزۇ ناھايىتى مۇھىم، بۇ ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرغىلى بولىدۇ، ئىشچىلارمۇ قىلىۋاتقان ئىشىنى ئەھمىيەتلىك، مەنىلىك ھېس قىلىپ تىرىشىپ ياخشى ئىشلەيدۇ.

رەھبەر ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى

ئىككىنچى : بىر ئۇلۇغ شىركەتتە چوقۇم ناھايىتى ئىقتىدارلىق رەھبەر، ياخشى تۈزۈم بولۇشى كېرەك

ناھايىتى قالتىس رەھبەر بىر شىركەت ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، بىز ئادەتتە مۇنداق رەھبەرلەرنى ئۇچرىتىمىز، بەزىلىرى ئالاقىگە ناھايىتى ئۇستا، يەنە بەزىلىرى ناھايىتى بىشەم، لېكىن جاسارىتى بار، بەزىلىرى بولسا ناھايىتى دېموكراتىك، يەنە بەزىلىرى بىيۇيوكرات، بەزىلىرى بولسا سودا شەكلىگە بەك ئەھمىيەت بىرىدۇ، يەنە بەزىلىرى ئىش تەقسىماتىغا دىققەت قىلىدۇ. بىر شىركەتتە رەھبەر بولغان كىشى ئۇنىۋېرسال ساپا (ئەقلىي ۋە روھىي جەھەتتىن) ا ئىگە بولغان بولسا تېخى ياخشى. ھەربىر رەھبەر ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۆزىگە خاس يول بىلەن شىركىتىنى باشقۇرۇپ كەتسە تېخىمۇ ياخشى، چۈنكى دۇنيادا ھەممە ئادەمگە ئورتاق ماس كېلىدىغان بىر يول، پىلان، چارە يوق. مەسىلەن سىز گۇگولدىكى لارى پېيجنى بەك ئەدەپ قائىدىلىك دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئۇ شىركەتنىڭ مۇھىم قارارلىرىغا دۇچ كەلگەندە ناھايىتى كەسكىن، قەتئىي يۇمشاقلىق قىپ ئولتۇرمايدۇ. سىز جوبىسنى بەكلا ئۆز بېشىمچى دەپ ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ تىرىشچانلىق روھى ھەربىر ئىشچى خىزمەتچىنى تەسىرلەندۈرگەن. شۇڭا ھەر بىر رەھبەر ئۆزىگە خاس ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۆز شىركىتىنى باشقۇرسا باشقىلارنى دورىغاندىن مىڭ ياخشى.

ئوخشىمىغان شىركەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بولىدۇ، مەن گۇگولدا كۆرگەن باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىگىلىك تىكلىگۈچى شىركەتلەرگە ئەڭ ماس كېلىدىغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ بىرى دەپ قارايمەن. نۆلدىن مىليونغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا تامامەن ماس كېلىدۇ. بۇ تۈزۈلمىنى OKR دەپ ئاتايدىكەن، بۇ بىر قانچە تەركىبلەرگە ئايرىلغان: شىركەتنىڭ ئۇلۇغۋار بىر ئارزۇ-غايىسى بار بولىدۇ، بۇ ئارزۇغا يېتىش ئۈچۈن ھەر يىلى پىلان تۈزۈلۈپ بۇ ئارزۇغا بىر قەدەم يېقىنلىشىدۇ، ھەر يىللىق پىلانىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق يەكۈنلەيدۇ، بىر يىللىق پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پەسىللەر بويىچە ئىش تەقسىملەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر بىر بۆلۈمگە تەقسىم قىلىپ بىرىدۇ، ھەر بىر بۆلۈم مۇناسىۋەتلىك مۇدىرلارغا ۋەزىپە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ، مۇدىرلار قول ئاستىدىكى ھەربىر كىشىگە بۆلۈپ بېرىدۇ. گۇگولنىڭ بۇ تۈزۈلمىسى ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ نىشانى بولۇش تۈزۈلمىسى بولۇپ، بۇ نىشان تۈزۈلمىسى SMART ئارقىلىق ئۆلچەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ، S ئالاھىدە بېكىتىلگەننى بىلدۈرىدۇ، M ئۆلچەم، A يەتكۈزۈش، R نىشان، T ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىش تەقسىمات پىلان تۈزۈمىنى ئەمدى بىز كەينىگە ياندۇرۇپ قارىساق، ھەر بىر ئىشچى بەلگىلەنگەن نىشان ۋەزىپىنى ئورۇنلىسا، مۇدىرنىڭ نىشانى ئورۇنلانغان بولىدۇ، مۇدىر نىشانغا يەتسە، بۆلۈم نىشانغا يەتكەن بولىدۇ، بۆلۈم نىشانغا يەتسە پەسىللىك نىشان ئورۇندالغان بولىدۇ، ھەر پەسىللىك نىشان ئورۇندالسا شىركەتنىڭ بىر يىللىق پىلانى ئورۇندالغان بولىدۇ، شىركەتنىڭ ھەر يىللىق پىلانى مۇشۇنداق ئورۇندالسا شىركەت ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا قەدەممۇ قەدەم يېقىنلاشقان بولىدۇ. بۇ تۈزۈمنى گۇگول كەشىپ قىلغان ۋە گۇگولنى تەرەققىي قىلدۇرغانمۇ مۇشۇ. گۇگول 10 كىشىدىن 10 مىڭ كىشىگە تەرەققىي قىلىشتا دەل مۇشۇ تۈزۈم بويىچە ئىش قىلغان. ھازىر نۇرغۇن شىركەتلەر بۇ تۈزۈمنى ئۆرنەك ئېلىۋاتىدۇ، مېنىڭچە، بۇ تۈزۈم ھەربىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى شىركەت-كارخانىلار چوقۇم سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان بىر ياخشى تۈزۈمدۈر.

مەھسۇلات مېتودى

ئۈچىنچى: ھەربىر شىركەتنىڭ ئۆزىنىڭ مەھسۇلات مېتودى بولۇشى كېرەك، سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلات مېتودىنى ياخشى بىلىشىڭىز كېرەك، شۇندىلا بوشاشماي قىلغىلى ۋە كېڭەيگىلى بولىدۇ.

بۇنىڭدا مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلات مېتودىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ، مىكروسوفتتىكى بىر بۈيۈك ئۇستاز دوكتورلۇق ماقالىسىدىن بىرنى يازغان، ماقالىسىدە مۇنداق بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان، چوقۇم ئەقىللىك كىشىنى ئىشقا قويۇش كېرەك، چوڭ پىروگراممىنى كىچىك پىروگراممىغا بۆلۈپ، ئاندىن كىچىك پىروگىراممىچىلارنى تەكلىپ قىلىش، ئىشلىتىش ئارقىلىق بىر API يېزىپ چىقسا ۋە بۇلارنى توپلاپ بىر يەرگە ئەكەلسىلا ئىش پۈتىدۇ. مىكروسوفت مۇشۇ خىل مەھسۇلات ئىشلەش مېتودى ئاستىدا بارلىققا كەلگەن، شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا Windowsدەك بۈيۈك بىر پىروگراممىنى 30 مىڭ كىچىك پىروگىراممىر يېزىپ چىققان. نۇرغۇن كىچىك پروگىراممىرلار ئەمگەك نەتىجىسىدە بۈيۈك بىر ئۇستازنىڭ ئىشى تاماملانغان.

گۇگولنىڭمۇ مەھسۇلات مېتودى بولسا سۈركىلىش، خوراشنى ئازايتىش ئۈچۈن پەقەت ئەقىللىق كىشىلەرنىلا ئىشقا قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ لوگىكىسى مۇنداق: سىز مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتا 100 كىشىدىن 1000 كىشىگە كۆپەيتسىڭىز، بۇنىڭ ئىچىدە 700 كىشىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئىقتىدارى ئىسراپ بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، ھوقۇق كۈرۈشى، پىسخىكا كۈرۈشى، ئالاقىدە كېلىپ چىققان سۈركىلىشلەر دېگەندەك. 100 ئادەم قىلالايدىغان ئىشنى ھەرگىزمۇ كۆپەيتىپ 1000 ئادەمگە قىلغۇزماڭ، 100 ئىقتىدارلىق كىشى 1000 ئادەمنىڭ ئىشىنى قىلىۋېتىشى مۇمكىن، شۇڭا گۇگول ئىزچىل تۈردە ئىقتىدارلىق كىشىلەرگە بەك ئېتىبار بەرگەن، پەقەت ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىلا تەكلىپ قىلىپ، قانداق قىلىش ھوقۇقىنى ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

ھەقىقىي ئۇلۇغۋارلىق

تۆتىنچى: ھەقىقىي ئۇلۇغ بىر شىركەتنىڭ ئۇلۇغۋار ۋاقتىدا ھەربىر كىشى ئۇنىڭ ئۇلۇغۋارلىقىدىن بەھىرمان بولالايدۇ، دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدۇ. لېكىن ھەقىقىي قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا كىشىلەر ئۇ ئۇلۇغ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ زادى نېمە قىلالايدىغانلىقىنى ئاندىن بىلەلەيدۇ.

جوبىس ناھايىتى مەغرۇر ۋە يۈزىنىڭ چۈشۈپ كېتىشتىن بەك ئېھتىيات قىلىدىغان بىر ئادەم ئىدى، ئۇ ئالما شىركىتىگە قايتىپ كەلگەندە قىلغان تۇنجى ئىشىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ مىكروسوفت شىركىتىگە يېڭىلگەنلىكىنى تەن ئالغان، شىركەتنىڭ پايچىكىنى مىكروسوفتقا سېتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ تور كۆرگۈچىسىنى بىكار قىلىۋېتىلىپ، مىكروسوفتنىڭ تور كۆرگۈچىسىنى ئىشلەتكەن، ئۆزى ئىشخانا يۇمشاق دېتالى ئىشلىرىنى قىلماسلىققا ۋەدە بېرىپ، مىكروسوفتنىڭ Officeنى ئىشلەتكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى مىكروسوفتنىڭ پۇلىغا ئېرىشىپ مەبلەغ توپلاپ، شىركىتىنى زاۋاللىقتىن قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ئىدى، ئۇ مىكروسوفتقا باش ئېگىش جەريانىدا ئاسترىتتىن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يېڭى بىر ئەۋلاد iMAC ياساپ چىقتى، ھەتتا iPad ،iPhoneنى ياساشقا شارائىت، مەبلەغ ھازىرلىۋالدى.

مەغرۇرلۇق، ئۆزىگە ئىشىنىشتە چەككە يەتكەن جوبىسمۇ ۋاقتى كەلگەندە ئاتتىن چۈشۈپ باش ئېگىشكە توغرا كەلگەندە ئۆزىنىڭ غۇرۇرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، شىركەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئويلانغان. ئىگىلىك تىكلىگۈچىدە غۇرۇر، ئىشەنچ، مەغرۇرلۇق بولۇشى كېرەك، لېكىن ئىش شىركەتنىڭ، ئىگىلىكىنىڭ تەقدىرىگە تاقاشقاندا ھېچ مۇرەسسە قىلماستىن ئۆز شەخسىي غۇرۇرىنى بىر ياققا قايرىپ قويىدىغان پىداكارلىق روھىمۇ بولۇشى كېرەك.

ئىختىساسلىق كىشىنىڭ قىممىتى

بەشىنچى: مەن دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئالما شىركىتىگە كىرگەنتىم

ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مەشغۇلات سىستېمىسىنى ياسىغان ۋە تەتقىق قىلغان بىر دوكتور بار ئىدى، ئەسلىدە ئۇلار بىر گۇرۇپپا بولۇپ، بۇ گۇرۇپتا 20 كىشى بار ئىدى، بۇلاردىن 19 كىشىنى مىكروسوفت تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەتكەن ئىدى، بۇلاردىن پەقەت بىرسى تېخى دوكتورلۇق ماقالىسىنى يېزىپ بولمىغىنى ئۈچۈن كونىگ مېللون ئۇنىۋېرسىتېتى (Cornegie Mellon University)دا قېلىپ قالغان ئىدى، جوبىس ئۇ ۋاقىتتا ئالما شىركىتىدىن ئايرىلىپ مەشغۇلات سىستېمىسى ياساش ئۈچۈن بۇ مەكتەپكە كەلگەن ئىدى، ئۇ مىكروسوفت ياراتماي قېلىپ قالغان ھېلىقى دوكتورنى ئىشقا قوبۇل قىلدى، بۇ كىشى مېنىڭ ساۋاقدىشىم دېننىي (Abigt Denny) ئىدى. ئەگەر 20 يىل بۇرۇنقى ئالما مەستانىلىرىنىڭ ئېسىدە بولسا، ئۇ ۋاقىتلاردا ئالمىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسى ئىنتايىن ناچار ئىدى.

ئالمىنىڭ تېخنىكىلىق جەھەتتىكى مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلغان كىشى دېننىي ئىدى. ئۇ ئالمىنىڭ بارلىق مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئالماشتۇردى، يېڭىدىن خىزمەتچى قوبۇل قىلدى. بۇنداق بىر ئادەم شىركەت ئۈچۈن قانچىلىك پۇلغا يارا؟ بۇنداق كىشى ئېنىقلا بىباھادۇر.

مىكروسوفتنى بىر كىشى قۇتقۇزۇپ قالغان، ئۇ Windowsنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلغان، بۇنىڭ بىلەن مىكروسوفت پالەچ بولۇپ قىلىشتىن ساق قالغان.

گۇگولدا جېف (Jeff) ئاتلىق بىر ئادەم بار ئىدى، ئۇ ھەقىقىي مەنىدە گۇگولنىڭ ھازىرقى قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلىشقا ئۇل سېلىپ بەرگەن، ئۇ شىركەتكە كىرگەندىن كېيىن، بۇرۇن باشقىلار يازغان بارلىق كودلارنى قايتىدىن يېزىپ چىققان، ئۇ نۇرغۇن قوللىنىشچان سىستېمىلارنى كەشىپ قىلىپ ئاجايىپ زور تۆھپىلەرنى قوشقان، بۇنداق بىر ئادەمنىڭ باھاسى قانچە پۇل؟

ئۇچۇر دەۋرىدە بىر ئىقتىدارلىق كىشىنىڭ قىممىتى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، بۇنى سانائەت دەۋرى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇچۇر دەۋردە بىر تالانت ئىگىسى نورمال بىر ئىنژېنېرغا قارىغاندا نەچچە يۈز مىڭ ھەسسە ئۈنۈم يارىتىشى مۇمكىن، ئەگەر شىركىتىڭىزدە مۇشۇنداق بىر ئىقتىدارلىق كىشى بولسا، مەردلىك ۋە سېخىيلىق بىلەن ئۇنى تۇتۇپ قىلىڭ.

ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى

ئالتىنچى: ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىدىغان ۋە تۇتۇپ تۇرىدىغان تۈزۈم بەرپا قىلىڭ

ئالدى بىلەن، باشقۇرغۇچى ئەڭ ئاز بولغاندا %20 ۋاقتىنى ئىختىساسلىق خادىم قېزىش، تېپىش، ئادەم تۇتۇپ قېلىشقا سەرپ قىلىشى كېرەك، باش لىدىر بولسا ئەڭ ئاز بولغاندا يېرىم ۋاقتىنى ئادەم قېزىش، تېپىش، ئادەم تۇتۇپ قىلىشقا سەرپ قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەگەر شىركىتىڭىزدە ئىقتىدارلىق، مۇھىم دەپ قارىغان 10 كىشى بولسا، قانداق قىلسىڭىز قىلىپ ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ تۇتۇپ قېلىڭ، كەتكۈزۈپ قويماڭ.

مەسىلەن مىكروسوفتتىكى 60 مىڭ كىشىدىن شىركەت ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغان 600 كىشى بار، ئۇلارنىڭ يىللىق مائاشى 500 مىڭ دوللاردىن كەم بولمايدۇ، بۇ ئون يىل بۇرۇنقى گەپ، ھازىرقى ئەھۋالى تېخىمۇ ياخشىلىنىپ كەتكەن بولۇشى ئېنىق.

مۇھىم كىشىلەرگە سېخىي بولۇڭ، مەسىلەن، جوبىس بىلەن بىللە ئىگىلىك تىكلەشكە قاتناشقان 15 كىشىدىن كېيىن بەزىلىرى كەتتى، بىل گەيتىس بىلەن ھەمكارلاشقان كىشىلەردىنمۇ ناھايىتى مۇھىم دەپ قارىغان بىر قىسىم كىشىلەر كەتتى، نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى پاي ھوقۇقىنى ھەمكارلاشقۇچى مۇھىم كىشىلەرگە تەڭ بۆلۈپ بەرمىگەن، ئەمگىكىگە يارىشا ھەققە ئېرىشەلمىگەن ئىدى.

گۇگول ئەينى يىللىرى مىكروسوفتتىن توختىماي ئادەم قېزىپ ئەكېتەتتى، مىكروسوفت بۇنىڭغا قارىتا ئادەملىرىنى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن مائاش ئۆستۈرمەستىن ياكى باشقا ئامال تاپماستىن، گۇگولنىڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى، لېكىن بۇنىڭ ھېچنېمىگە پايدىسى بولمىدى، گۇگول يەنە داۋاملىق مىكروسوفتنىڭ ئادەملىرىنى يۇقىرى مائاش بىلەن ئۆزىگە جەلپ قىلىپ ئەكىتىۋەردى.

كىيىن فېيسبۇك گۇگولنىڭ ئادەملىرىنى يۇقىرى مائاش بىلەن قىزىپ ئەكەتكەندە گۇگول دەرھال ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى مائاش بىلەن ئۆزىنىڭ غوللۇق خادىملىرىنى تۇتۇپ قالدى. بولمىسا گۇگولمۇ مىكروسوفىتتەك ئاقىۋەتكە قالاتتى.

ئەقىللىك كىشىلەرنى باشقۇرۇش

يەتتىنچى : ئەقىللىك كىشىلەرنى قانداق باشقۇرۇش كېرەك؟

ئەمەلىيەتتە ئەقىللىك كىشىلەرنى باشقۇرۇش ئىنتايىن قىيىن، چۈنكى ئۇلارنى قۇرۇق گەپ بىلەن، ھىيلە نەيرەڭلەر، قوقاق بېسىم بىلەن باشقۇرغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇلارغا ھە، خوپ دەپ قاراپ تۇرمايدۇ، چۈنكى ئۇلاردا ئەقىل بار، ئىدراك بار، سىز ئۇلارغا ئويۇن ئوينىسىڭىز، ئۇلارمۇ سىزنى قانداق جايلاشنى بىلىدۇ. شىركىتىڭىزدىكى ئەقىللىك كىشىلەرنى تۈزۈم بىلەن ئەمەس، مېھىر-سۆيگۈ بىلەن باشقۇرۇشىڭىز كېرەك، ئۇلارنىڭ شىركەتكە قوشقان ئەمەلىي تۆھپىسىگە كۆز يۇمىۋالماسلىقىڭىز لازىم، ئەقىللىق كىشىلەر يەنە خوجايىننىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىنى، خاتىرجەم ھالدا بەزى ھوقۇقلارنىڭ ئۆزىگە بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، چۈنكى بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن ئېرىشىشى بەرھەق بولغان ئەقەللىي ھۆرمەت ھېسابلىنىدۇ، سىز شىركىتىڭىزدىكى ئەقىللىك، ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆزىڭىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۈمىد قىلسىڭىز، سىزمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭ، سىز باش مۇدىر بولۇش سالاھىيىتىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنى ئۇلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلاڭ، سىز قانداق باشقۇرۇلۇشنى ئۈمىد قىلسىڭىز، ئۇلارنىمۇ شۇنداق باشقۇرۇڭ.

سۇ كەلگۈچە توغان تۇت

سەككىزىنچى : مىكروسوفتتىكى ۋاقتىمدا بىر يىلى شىركەت خادىم قىسقارتماقچى بولدى، دەسلەپتە ئەھۋال نورمالدەك كۆرۈندى، كېيىن شىركەت ئەھۋالنىڭ يەنە مۇشۇ پىتى داۋاملاشسا ئىشتىن چاتاق چىقىدىغىنىنى پەرەز قىلىپ، دەرھال سۇ كەلگۈچە توغان سېلىش چارىسىنى قوللاندى.

مىكروسوفت مەلۇم بىر مەھسۇلاتىدا ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى بايقاپ، بۇ مەھسۇلاتقا مەسئۇل 70 خىزمەتچىنى بىكار قىلىپ، ئورنىغا يېڭى خادىم قويماقچى بولدى، لېكىن بۇ ئىش شىركەتتە ناھايىتى يامان تەسىر پەيدا قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن شىركەتتە خادىم قىسقارتقاندا چوقۇم بەك ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك، كىمنىڭ كېتىپ، كىمنىڭ قالىدىغىنىنى چوقۇم ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش لازىم، كەتمەكچى بولغان كىشىگە ھېسداشلىق قىلىش بىلەن بىرگە، شىركەتتە قالغان كىشىگە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىشنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم، بولمىسا ئۇ كەتتى، كېيىنكى قېتىملىق ھەيدىلىش نۆۋىتى ماڭا كېلىشى مۇمكىن دەپ، بۇنداق خاتىرجەمسىزلىك ئىچىدە قالسا بولمايدۇ. چۈنكى خادىم قىسقارتىشنىڭ شىركەتكە بېرىدىغان پاسسىپ تەسىر بەك ئېغىر بولىدۇ، سىز بۇ سەۋەبلىك يۈزىنىڭ تۈكى يوق، ئىشلىگەن بىلەن بىكار ياتقاننى پەرقلەندۈرەلمەيدىكەن دېگەندەك ناملارنى ئېلىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا خادىم قىسقارتىشتا سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇش چارىسىنى قوللانغان ياخشى، ئالدىن تەييارلىق بولۇشى كېرەك، بىرى كەتسە ئۇنىڭ ئورنى بوش قالماسلىقى كېرەك، دەرھال ئۇ ئورۇنغا كەتكەن كىشىدىنمۇ ياخشى بىرىنى ئەكېلىپ قويۇشىڭىز كېرەك، شۇندىلا شىركەتتە قالغان كىشىلەرگە پاسسىپ، يامان تەسىر ئىلىپ كېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇ يەنە قىشتىن ئۆتۈش تەييارلىقىغىمۇ ئوخشايدۇ، قىشتىن ياخشى ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىقنى ئالدىن ياخشى قىلىش كېرەك، قىشتا باشقا كېلىدىغان ئىشلارنى ئالدىن ئويلاش كېرەك.

خۇلاسە : يۇقىرىدا مەن سۆزلەپ ئۆتكەن 8 تۈرلۈك قاراشلار بەلكىم ھەممە كىشىگە، ھەممە يەرگە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن، ياكى سىزگە يارىماسلىقىمۇ مۇمكىن، ئەمما شىركىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلايدىغان كىشىگە نىسبەتەن بۇ 8 تۈرلۈك قاراشلىرىم خېلى ئەھمىيەتلىك ۋە مۇھىم بىر ساۋاق دەپ قارايمەن.

ھەرقانداق بىر شىركەت بىراقلا يۈكسىلىمەن ياكى مەڭگۈ تەختتىن چۈشمەيمەن دېيەلمەيدۇ، گۈللىنىش، ۋەيران بولۇش بولۇپ تۇرىدۇ، مەسىلەن ھازىر بىز BATنى ناھايىتى قالتىس دەۋاتىمىز، ئەمما ئون يىل بۇرۇن بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئۈچ شىركەت ئەڭ نوچى ئىدى، ھازىر گۇگول، فېيسبۇكنى نوچى دەپ قارايمىز، لېكىن ئون يىل بۇرۇن Windows, Intelنى ماختايتۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ماركىنىڭ گۈللىنىش باسقۇچى بولىدۇ، مەلۇم بىر مەزگىل ئىچىدە تەرەققىياتىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ ئۆزى خېلى چوڭ ئىش بولۇپ قالدى ھازىر، شۇڭا نوچى شىركەتلەر مۇشۇ قىسقا ۋاقىتتىكى پارلاق ۋاقتىنى چىڭ تۇتالىسا، دۇنيامۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار! چۈنكى تەلەي پۇرسەتنى قەدىرلەشنى بىلگۈچىگە مەنسۇپتۇر! يەنە كېلىپ دۇنيادا ئىزچىل تۈردە ماددا ئالمىشىپ، ئۆزگۈرۈش بولۇپ تۇرىدۇ، مەغرۇرلىنىپ خۇدىنى يوقۇتۇپ قويۇشقا ياكى ئۈمدىسىزلىنىپ چۈشكۈنلىشىپ كېتىشكە بولمايدۇ!

تەرجىمىدە پايدىلانغان ئەسەر ئادرىسى:

https://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MjM5OTE2OTk1NA==&mid=2652979396&idx=1&sn=557d131a5af17f0a34070f86d300ccdb&chksm=bcea7a098b9df31f01840140fdb910b24bee2646787d4bb7e6bbb149723a006bb7f91d78e860&mpshare=1&scene=23&srcid=0526jcZLB0u6s46m20CLaaCK#rd


تىللا ئەقلىي ئىقتىدارلىق قولايلىق دۇكىنىغا جايلاردىن ھەمكارلاشقۇچى چاقىرىمىز


شاڭخەي تىللا ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى2016-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولغان شاڭخەي شەھىرىدە قۇرۇلغان. شىركىتىمىزنىڭ ئاساسلىق تىجارەت دائىرىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن تېخنىكا كەسىپلىرىنى ئېچىش، مەبلەغ سېلىش، ئىنتېرنېت پۇل مۇئامىلىسى مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋە سودا بانكىلىرى، جۇڭگو تۆمۈر يول ئاكادېمىسى كومپيۇتېر تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان .

يۇقىرىقى تۈرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بارلىق چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى تىللا شىركىتىگە تەۋە.

شىركىتىمىز كەسپىي مۇلازىمەت ۋە مەسىلىھەت بىرىش قۇشۇنى تەشكىللەپ بۇ ساھەگە قىززىقىۋاتقانلارنىڭ ئىھىتىياجىنى تۇلۇق قاندۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ. ھەرقانداق مەسلىھەتىڭىز ۋە سوئالىڭىز بولسا باش مۇلازىمەت تېلىفۇنى بىلەن ئالاقىلىشىپ سورىشىىزنى قارشى ئالىمىز:


ئەگەر شىركىتىمىز مەھسۇلاتلىرىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، يۇقۇردىكى ئىككىلىك كودنى تونۇتۇپ قوشۇپ، سالونىمىزغا ATM نى يوللاش ئارقىلىق شىركەت مەھسۇلاتلىرى ۋە بېجىرىش تەرتىپلىرىنى بىلەلەيسىز. ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇپ چىققىنىڭىزنى بىزنى قوللىغىنىڭىز دەپ بىلىمىز ۋە داۋاملىق قوللايدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمىز. بۇ تېمىنى دوستلار چەمبىرىكىڭىزگە ۋە يېقىنلار توپلىرىغا ھەمبەھرلەش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بىز بىلەن بىللە تەرەققىي قىلىشىنى، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە بىلىملىرىنى ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بىزنى تاغدەك ئىشەنچ بىلەن قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق دوستلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.

ئىزدەش نومۇرى: tillapay / ئىككىلىك كودنى تونۇتۇش ياكى سىكانېرلاش ئارقىلىق «تىللا» ئورگان سالونىغا كىرەلەيسىز. قوشۇۋېلىڭ، ئەگىشىڭ.

ئىشخانا ئادرېسىمىز:

شاڭخەي شەھرى پۇدۇڭ رايونى جاڭجىياڭ يۇقۇرى پەن تېخنىكا تەرەققىيات باغچىسى كېيۈەن يولى 151 -نومۇر (خۇاچىياڭ بىناسى 3-قەۋەت 06- A-ئىشخانا)

(上海市浦东新区张江高科园科苑路151号(华强大厦三楼A06

ئۈرۈمچى شەھرى تەڭرىتاغ رايونى جۇڭشەن يولى بەيخۇاسۈن بىناسى 23-قەۋەت 23018-ئىشخانا

乌鲁木齐市中山路百花村23层2318室

تېلېفون :

021-50902093

0991-2320220

13399033639

13309981011

18140766770: نازارەت تېلېفونى



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش