ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
بىل گەيتىس مەبلەغ سالغان سۈنئىي گۆش رەسمىي بازارغا كىردى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-29 16:58:39


نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىل گەيتىسنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئېرىشكەن General Mills ۋە تايسون يېمەكلىك شىركەتلىرى مەبلەغ سالغان BeyondMeat ناملىق بىر سۈنئىي گۆش ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى 5-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئەنئەنىۋىي خام خۇرۇچلار تاللا بازىرى Safewayدا ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان سۈنئىي گۆش سېلىنغان قىيمىلىق بولكا بىلەن ئۇچرىشالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

2009-يىلى قۇرۇلغان BeyondMeat شىركىتى ئىزچىل سۈنئىي گۆش ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىۋاتقان بىر شىركەت، ئۇلارنىڭ قىيمىلىق نانلىرى تەجرىبىخانىدا كۆك پۇرچاق ئاقسىلى، قىچا مېيى ۋە كوكۇس مېيى قاتارلىقلاردىن ياسالغان. بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق كالىفورنىيە ئىشتاتى، ھاۋاي ئىشتاتى ۋە نېۋادا ئىشتاتى قاتارلىقلارغا جايلاشقان 280 نەچچە BeyondMeat دۇكىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ، BeyondMeat ئامېرىكىدىكى WholeFoods ۋە غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى 30 نەچچە تاماقخانىلاردا، شۇنداقلا يالې ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ تاماقخانىلىرىدا مەھسۇلاتلىرىنى ساتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە WholeFoods «سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى» بولدى.

بىراق، WholeFoods ئەسلىدىنلا ئاز ساندىكى كىشىلەرگە قارىتىلغان ئورگانىك تاللا بازىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە WholeFoods ئىچىدە BeyondMeat مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇستەقىل مال جازىسى بار. بۇ قېتىم Safewayدا بازارغا سېلىنغان مەھسۇلات بولسا ئادەتتىكى گۆش مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىرگە قويۇلۇپ، BeyondMeatنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بارغانسىرى ئاددىيلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا يېقىنلاشتۇردى.

BeyondMeatنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى بۇ قېتىمقى مەھسۇلاتلارنىڭ بازارغا سېلىنىشىنى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ دەپ قارىدى، ئۇ: «بۇ بىزنىڭ گۆشكە بولغان قارىشىمىزنى قايتىدىن تۇرغۇزۇشقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش. بىز ھايۋانلارنى چوقۇم گۆش ياساشقا ئىشلىتىمىز دەپ قارايمىز، ئەمما بۇنداق ئويلاشنىڭ خاتالىقى ئىسپاتلاندى» دېدى.

ئەمەلىيەتتە، BeyondMeat ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلارنىڭ ھامبۇرگ بولكىسىنى يېگەن ئىستىمالچىلارنىڭ %70دىن كۆپرەكى گۆش يېمەسلىك تەرەپدارلىرى ئەمەس. ئەمما بازار تەكشۈرۈش شىركىتى NPDنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئادەتتە گۆش ئىستىمال قىلىدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىچىدىكى %70 كىشى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆسۈملۈك خاراكتېرىدىكى يېمەكلىكنى گۆشنىڭ ئورنىدا ئىستىمال قىلىدىكەن، %22 كىشى ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق قىلىش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

BeyondMeatنىڭ رىقابەتچىسى ImpossibleFoodsمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرماقتا. ئىلگىرى بىز بۇ سۈنئىي گۆش شىركىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن، GoogleVentures، بىل گەيتىس، لى جياچىڭنىڭ قول ئاستىدىكى ۋېيگاڭدۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى.

ImpossibleFoods بۇ يىل 3-ئايدا ئۆزلىرىنىڭ زاۋۇتىدا بىر ئايدا بىر مىليون قاداق (تەخمىنەن 453 مىڭ 952 كىلوگرام) سۈنئىي گۆش ئىشلەپچىقىرالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ئەمما ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنى ئومۇملاشتۇرۇش شەكلى ئاساسلىقى ھەرخىل يۇقىرى دەرىجىلىك ئاشخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئىدى، مەسىلەن نيۇيوركتىكى MomofukuNishi ۋە سان فىرانسىسكودىكى Jardiniere ۋە Cockscomb قاتارلىقلار.

بىراق BeyondMeatغا مەبلەغ سالغان تايسون يېمەكلىك شىركىتى بولسا ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ گۆش ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى، ئۇ سۈنئىي گۆشنىڭ ئۆزىنىڭ سودىسىنى تارتىۋېلىشىدىن ئانچە ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ. 3-ئايدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار يىغىنىدا تايسوننىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى: «يەر شارىدىكى ئاقسىل ئىستېمال قىلغۇچىلار ئېشىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ داۋاملىق ئېشىپ بارىدۇ. ئاقسىل ئامېرىكىدىلا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشىپ قالماي، ھەرقانداق جايدا قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاقسىلغا ئېھتىياجلىق، شۇڭا مەيلى ئۇ ھايۋانات ئاقسىلى ياكى ئۆسۈملۈك ئاقسىلى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يېگۈسى كېلىدۇ» دېدى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش