ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
كۇۋالكوم ۋە LG ھەمكارلىشىپ سىناپدراگون 845 بىر تەرەپ قىلغۇچى ياسىماقتا
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:42

Cnbeta تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

LGنىڭ بۇ يىللىق ئەڭ يېڭى بايراقدار G6 يانفونىغا سەپلەنگەن سىناپدراگون 821 بىر تەرەپ قىلغۇچى بىر ئاز ئەپسۇسلۇق ئىش بولۇپ قالدى، گەرچە ئۇنىڭ ئىقتىدارى ئىشلىتىشكە يېتىدىغان بولسىمۇ، لېكىن 699.99 ئامېرىكا دوللىرى (ئامېرىكا ئورگان تور بېكىتىدىكى باھاسى، تەخمىنەن 4829 يۈەن خەلق پۇلىغا توغرا كېلىدۇ)دىن باشلىنىدىغان سېتىلىش باھاسىدا سەل سەمىمىيەتسىزلىك كۆرۈلگەندەك بولۇپ قالدى. G6دىكى ئەپسۇسلۇق بەلكىم يەنە بىر ئەۋلاد بايراقدار يانفون تەرىپىدىن تولدۇرۇلۇشى مۇمكىن، بۈگۈن (5-ئاينىڭ 29-كۈنى) Android Authority ناملىق چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ ئېيتىشىچە، كۇۋالكوم بىلەن LGنىڭ ھەمكارلىشىپ كېيىنكى ئەۋلاد بايراقدار بىر تەرەپ قىلغۇچ — سىناپدىراگون 845نى چىقارغان، يەنە كېلىپ LGنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد بايراقدار G7 يانفونىغا ئالدى بىلەن مۇشۇ ئۆزەك سەپلىنىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، سىناپدراگون 845 بىر تەرەپ قىلغۇچى 7nmلىق ياساش تېخنىكىسى ئاساسىدا ياسالغان، ئۇنىڭ قۇۋۋەت سەرپىياتى سىناپدراگون 835كە سېلىشتۇرغاندا %30 تۆۋەنلىتىلگەن.

Android Authorityنىڭ بىلدۈرۈشىچە، LG ئەڭ يېڭى پاتېنت ئىلتىماس قىلغان تولۇق ئېكران پاتېنتى بەلكىم G7 يانفونىدا ئەمەلگە ئېشىش ئېھتىالى ناھايىتى چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە LG يەنە AR/VR قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارلارنى چىقىرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، چەتەل تاراتقۇلىرى يەنە سامسۇڭ Galaxy S9نىڭمۇ سىناپدراگون 845 بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ نىشانلىق خېرىدارلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش