ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
ئاسۇس يېڭى ZenBook خاتىرە كومپىيۇتېرى ئېلان قىلدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:40

يىلدا بىر كېلىدىغان Computex دۇنيا كومپىيۇتېر مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى داۋاملاشماقتا. ئاسۇس شىركىتى ئۈرۈمچى ۋاقتى 29-ماي (بۈگۈن) چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:50دە ZenBook 3نى ۋە 12:00دە ZenBook 3 Deluxeنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ يىللىق Computex كۆرگەزمىسىدىكى دىققىتىنى 15.6 دىيۇملۇق خاتىرە كومپيۇتېرىغا يۆتكەپ، ئوخشاش لايىھە تىلى ئىشلىتىلگەن يېڭى مەھسۇلاتى ZenBook Pro UX550نىمۇ ئېلان قىلدى. پەرق ئېتىشچانلىقى 4K بولغان ئېكران ۋە ئەڭ يۇقىرى Core i7-7700 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەندىن باشقا، بۇ خاتىرە كومپيۇتېرغا يەنە NVIDIA GTX 1050 Ti مۇستەقىل كۆرسەتكۈچ كارتىسى، يۇقىرى بولغاندا 16GB ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 1TB قاتتىق دىسكا بوشلۇقى سەپلەنگەن، قېلىنلىقى 18.9mm، ئېغىرلىقى 1.8kg كېلىدۇ.

UX550دىن باشقا ئاسۇس شىركىتى يەنە ZenBook Flip S UX370 تىپىدىكى چۆرگىلەيدىغان خاتىرە كومپىيوتېرنىمۇ ئېلان قىلىپ، بۇلتۇرقى UX360نىڭ ئىزىنى باسقان. ئاسۇس شىركىتى بۇ كومپيۇتېرنى ئەڭ نېپىز ھەم چۆرگىلەيدىغان خاتىرە كومپيۇتېرلارنىڭ بىرى، قېلىنلىقى ئارانلا 10.9mm، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئەڭ يۇقىرى Core i7-7500U مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ ۋە 1TB قاتتىق دىسكا بوشلۇقى سەپلەنگەن دەپ بىلدۈردى. بۇ خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى 4K ئېكران سەپلەنگەن.

ZenBook Proنىڭ بېكىتىلگەن باھاسى 1299 دوللار، Flip Sنىڭ باھاسى 1099 دوللار، بۇ ئىككى خاتىرە كومپيۇتېر بۇ يىل 7-ئايدا تەيۋەندە بازارغا سېلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ZenBook 3 Deluxe خاتىرە كومپىيوتېرىمۇ پات ئارىدا تەيۋەن بازىرىغا كىرىدۇ، سېتىلىش باھاسى 49 مىڭ 900 تەيۋەن پۇلى بولىدۇ.








...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش