ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
ARM مەخسۇس سۈنئىي ئىدراك ئۈچۈن يېڭى بىر تەرەپ قىلغۇچ چىقاردى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:43

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئاساسلىق ۋاسىتە قىلغان سۈنئىي ئىدراكنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش تۆۋەن قاتلاملىق ھېسابلاشنىڭ غايەت زور ئېھتىياجىمۇ ئۆزەك ياساش شىركەتلىرىنىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ ئىلغار ئۆزەك ياساپ چىقىشىغا ئىلھام بولدى.

يېقىندا، ARM شىركىتى يېڭى بىر ئەۋلاد ARM CPU ۋە GPUنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ARM Cortex-A75 يېڭى بىر ئەۋلاد بايراقدار دەرىجىلىك كۆچمە بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسى بولۇپ، ھازىرقى A73 بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىقتىدارى %22 يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، Cortex-A55 يېڭى بىر ئەۋلاد ئوتتۇرا دەرىجىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچ لايىھەسى بولۇپ، ھازىر بار بولغان A53 بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىقتىدارى %10تىن %30گىچە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك بارلىق CPU ARM لايىھەلىرى ئىچىدە، قۇۋۋەت ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ARM يەنە Mali-G72 سۈرەت بىر تەرەپ قىلغۇچ ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۈنۈمى ئالدىنقى ئەۋلاد G71دىن %25 يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

ARMنىڭ دېيىشىچە، Cortex-A75 بىلەن A55 بىر تەرەپ قىلغۇچى ARMنىڭ تۇنجى نۇسخا Dynamiq CPUسى ئىكەن. كۇۋالكوم قاتارلىق ئۆزەك ياساش شىركەتلىرى تېخىمۇ جانلىق بولغان لايىھە تاللانمىلىرىغا ئىگە. يېڭى لايىھە بىر مۇستەقىل بىرىكمە توپى ۋە CPU گۇرۇپپىسىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا سەككىزگە يېتىدۇ. شۇڭا، ئۆزەك ياساش شىركەتلىرى كىچىك يەتتە دانە A55 ئىچكى يادروسى ۋە چوڭ بىر دانە A75 ئىچكى يادروسىنى ئىشلىتەلەيدۇ، بۇلار ئۈنۈملۈك بىركىپ، ئەڭ ئۇزۇن باتارېيە ئۆمۈرى، ئەڭ يۇقىرى تەننەرخ ئۈنۈمى، ئەڭ يۇقىرى يەككە مۇساپىلىك ئىقتىدارغا ئېرىشەلەيدۇ.

ARMنىڭ ماركىتېڭ باش نازارەتچىسى John Roncoنىڭ دېيىشىچە، تېىخمۇ ياخشى رامكا، مىكرو قۇرۇلما ۋە يۇمشاق دېتال ئەلالاشتۇرۇشى بولغاچقا، ئۇنىڭ قارىشىچە كەلگۈسى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە، سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئىقتىدارى 50 ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش