ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
كورېيەنىڭ باتارېيە ئېكىسپورتىدا رېكورت يارىتىلدى، جۇڭگو ئەڭ چوڭ خېرىدار
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:43

Cnbeta تورى 30-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كورېيە ئاۋانگارتلار گېزىتىنىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 29-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا دۇنيادا ئەقلىيلەشكەن ئەسلىھە ۋە توكلۇق ئاپتوموبىلغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئۆرلىشى بىلەن بۇلتۇر كورېيەنىڭ زەرەتلىنىدىغان باتارېيە ئېكسپورتىدا يېڭى رېكورت يارىتىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. كورېيە Ctoms Serviceنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر لىتىي باتارېيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاككۇمۇلياتورنىڭ ئېكسپورت كۆلىمى 4 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ 2015-يىلىدىكى 3 مىليارد 940 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن %11.6 ئاشقان.

بۇلتۇرنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا ئاككۇمۇلياتور ئېكسپورتى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.9 ئېشىپ بىر مىليارد 240 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

ئەقلىيفون ۋە تاختا كومپيۇتېردا ئىشلىتىدىغان لىتىي باتارېيە جەھەتتە بۇلتۇر كورېيەنىڭ ئېكسپورت سوممىسى %14.7 ئېشىپ، 2 مىليارد 330 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ ئومۇمىي ئېكسپورت سوممىسىنىڭ %52.9ىنى ئىگىلىدى.

دۆلەت بويىچە ئايرىغاندا جۇڭگو كورېيە ئاككۇمۇلياتورىنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئىمپورت سوممىسى 830 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ كورېيە زەرەتلىنىدىغان باتارېيە ئومۇمىي ئېكسپورت سوممىسىنىڭ %18.9ىنى ئىگىلىدى. ئۇنىڭدىن قالسا گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا بولۇپ، كورېيەدىن ئىمپورت قىلغان ئاككۇمۇلياتور ئايرىم-ئايرىم ھالدا 544 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ۋە 524 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. لېكىن Ctoms Serviceنىڭ ئېيتىشىچە، 2012-يىلى %43.3كە يەتكەندىن كېيىن جۇڭگوغا بولغان ئېكسپورت نىسبىتى مۇقىم تۆۋەنلىگەن، چۈنكى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ئۆز دۆلىتىدە ئاككۇمۇلياتور ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن.

Ctoms Service: «توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە كېيىنكى ئەۋلاد ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى كورېيەنىڭ ئاككۇمۇلياتور ئېكسپورتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، نۆۋەتتە بۇ ئۆرلەش ئەھۋالى داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش