ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
دۇنيا تور سودىسى ماگناتى ئامازوننىڭ ئەڭ يېڭى «قارا تېخنىكا»لىرى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:43

مەنبە: WhatonBusiness سودا سالونى

تىللا شىركىتى تەرجىمىسى


نۇرغۇن ئەنئەنىۋىي دۇكانلار بارا-بارا تور سودىسىغا يۈزلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامازون ئەمەلىي دۇكان سودىسىغىمۇ ئالاھىدە كۈچىدى ۋە يىقىندا ئىككى خىل ئەڭ يېڭى مال سېتىش تېخنىكىسىنى بازارغا سالدى. بۇ ئىككى خىل تۈرنىڭ بىرى تاللا بازىرىدا، يەنە بىرى كىتاپخانىدا.

ئادەتتە بىز تاللا بازىرىغا بېرىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاندا مۇنداق بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىمىز: ئۆچرەت! يېقىندا بۇ باش قېتىنچىلىقىنى ئامازون ھەل قىلىۋەتتى.

ئامازون دۇكىنىغا كىرگەندە، كىرىش ئېغىزىدا يانفونىڭىزدىكى Amazon Go ئەپ دېتالىنى ئېچىپ، ئىككىلىك كودىنى ئوقۇتۇپ كىرسىڭىزلا بولدى، بۇ خۇددى ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرغاندا كارتا سۈرتۈشكە، ياكى بىرەر ئورۇنغا كىرگەندە كارتا سۈرتۈپ كىرگەنگە ئوخشاشلا بىر ئىش. ئاندىن سىز تاللا بازىرىغا كىرىپ ئۆزىڭىز خالىغان مەھسۇلاتنى ئېلىپ پۇل تۆلەش ئورنىغا بارمايلا ئۇدۇللا چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ. سىز كىرگەن ۋاقىتتا ئىككىلىك كودنى ئوقۇتۇپ كىرگەچكە چىقىپ كەتكەندە سىز ئالغان نەرسىلەر ئاپتوماتىك ھېساپلىنىپ ماڭىدۇ. سىز تاللىغان ھەر بىر نەرسە ئاپتوماتىك ھالدا سىسىتېمىغا كىرىپ تۇرىدۇ. ئەگەر سىز ئېلىشتىن ۋاز كېچىپ ئورنىغا قويۇپ قويسىڭىز، سىستېما ئۇنى ئاپتوماتىك ھالدا تىزىملىكتىن ئۆچۈرىۋېتىدۇ. ئىشىكتىن چىقىپ بولغاندا قانچلىك نەرسە ئالغىنىڭىز، نېمە ئالغىنىڭىز، قانچە پۇللۇق بولغىنى، قانچە پۇل تۇتقىنى قاتارلىق ھەممىسىنى يانفونىڭىزدىن كۆرەلەيسىز.

بۇ تېخنىكىنىڭ ھەل قىلغان ئەڭ چوڭ مەسىلىسى دەل پۇل تۆلەش ئورنىدىكى ئۇزۇن ئۆچرەت. سىز ياقتۇرغان نەرسىڭىزنى ئالىسىز-دە، ئۇدۇللا چىقىپ كېتىسىز، شۇنچىلىك قولاي، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

ئامازون يولغا قويغان يەنە بىر يېڭىلىق بولسا كىتابخانا ئىسلاھاتى

ئامازون كىتاپخانىسى يېقىندا ئىسلاھات ئېلىپ بارغان: بارلىق كىتاپلارنىڭ ئالدى يۈزىنى ئوقۇرمەنلەر كۆرەلەيدىغان ھالەتتە تىزغان، بۇنداق تىزغاندا كىتاپنىڭ ئىگەللەيدىغان بوشلۇقى كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ، ئەمما كىتاپنىڭ يان گىرۋىكى بويىچە تىزغاندا، ئوقۇرمەن كىتاپنىڭ مۇقاۋىسىنى كۆرۈشتە قىينىلىپ قالىدۇ، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئامازون كىتابخانىسدا بارلىق كىتاپلارنىڭ ئوڭ يۈزى ئوقۇرمەنلەرگە قارىتىپ تىزىلغان.

ئادەتتە كىتابخانىلاردا كىتاپلار تۈرلىرى بويىچە تىزىلىدۇ: ھېكايە–رومانلار، تارىخىي كىتاپلار ، تەبىئىي پەنگە ئائىت كىتاپلار... دېگەندەك، ئامازون كىتاپلارنى تۈرگە ئايرىشتىمۇ بەزى ئۆزگىرىشلەرنى قىلغان، يەنى ئامازون ئۆزىنىڭ سىستېمىسىدا ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن بۇ ئايلىق ئەڭ بازارلىق كىتاپلار، بۇ ھەپتىدە ئەڭ كۆپ زاكاز قىلىنغان كىتاپلار، ئوقۇرمەنلەر ئەڭ كۆپ ساقلىۋالغان كىتاپلار، ئەڭ كۆپ يۇلتۇز ئالغان كىتاپلار... دېگەنگە ئوخشاش تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىنى قوللانغان.

كىتاپخانىغا تىزىلغان ھەر بىر كىتاپنىڭ ئاستىغا ئوقۇرمەنلەرنىڭ يازغان باھاسىنى چىقىرىپ قويغان، داڭلىق كىشىلەرنىڭ تەۋسىيەسىنى ئەمەس جۇمۇ، ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ شۇ كىتاپ ھەققىدە يازغان باھاسىنى چىقارغان. بۇنداق بولغاندا ئوقۇرمەنلەر تېخىمۇ چىنلىق ھېس قىلىشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ سىز يازغان باھا سۆزلىرى كىتاپخانىلاردا پەيدا بولسا بېرىپ كۆرۈپ باققۇڭىز كېلىدىغۇ دەيمەن.

يەنە تىخى رەسىمدىكىگە ئوخشاش قىلىپ «سول تەرەپتىكى كىتاپنى ياقتۇرسىڭىز، ئوڭ تەرەپتىكى كىتاپنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن» دەپ يېزىپ قويغان.



يەنە مەلۇم بىر بازارلىق كىتاپنى مىسالغا ئىلىپ تۇرۇپ، «ئەگەر سىز بۇ كىتاپنى ياقتۇرسىڭىز، مۇشۇ تۈرگە مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ كىتاپلارنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن» دەپ مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى بىر يەرگە توپلاپ تىزىپ قويغان.


بىز كىتاپخانىدا كىتاپ كۆرىۋېتىپ، بۇ كىتاپنىڭ توردىكى باھاسىنى بىلىپ باققۇمىز كېلىدىغۇ؟ ئامازون ھەر بىر كىتاپنىڭ ئاستىغا تور ئادرېسىنىمۇ بېرىپ قويغان، ئوقۇرمەن ھېچ قىينالماستىنلا كىتاپنىڭ توردىكى باھاسىنى تەكشۈرەلەيدۇ.


بۇلاردىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى، ئامازون بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپ، ئەمەلىي دۇكانلارنىڭ يەنە ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىقىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ، تور سودىسى بىلەن ئەنئەنىۋىي سودىنىڭ مۇناسىپ ھالەتتە تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ.


تىللا ئەقلىي ئىقتىدارلىق قولايلىق دۇكىنىغا جايلاردىن ھەمكارلاشقۇچى چاقىرىمىز


شاڭخەي تىللا ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى2016-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولغان شاڭخەي شەھىرىدە قۇرۇلغان. شىركىتىمىزنىڭ ئاساسلىق تىجارەت دائىرىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن تېخنىكا كەسىپلىرىنى ئېچىش، مەبلەغ سېلىش، ئىنتېرنېت پۇل مۇئامىلىسى مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋە سودا بانكىلىرى، جۇڭگو تۆمۈر يول ئاكادېمىسى كومپيۇتېر تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان .

يۇقىرىقى تۈرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بارلىق چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى تىللا شىركىتىگە تەۋە.

شىركىتىمىز كەسپىي مۇلازىمەت ۋە مەسىلىھەت بىرىش قۇشۇنى تەشكىللەپ بۇ ساھەگە قىززىقىۋاتقانلارنىڭ ئىھىتىياجىنى تۇلۇق قاندۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ. ھەرقانداق مەسلىھەتىڭىز ۋە سوئالىڭىز بولسا باش مۇلازىمەت تېلىفۇنى بىلەن ئالاقىلىشىپ سورىشىىزنى قارشى ئالىمىز:


ئەگەر شىركىتىمىز مەھسۇلاتلىرىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، يۇقۇردىكى ئىككىلىك كودنى تونۇتۇپ قوشۇپ، سالونىمىزغا ATM نى يوللاش ئارقىلىق شىركەت مەھسۇلاتلىرى ۋە بېجىرىش تەرتىپلىرىنى بىلەلەيسىز. ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇپ چىققىنىڭىزنى بىزنى قوللىغىنىڭىز دەپ بىلىمىز ۋە داۋاملىق قوللايدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمىز. بۇ تېمىنى دوستلار چەمبىرىكىڭىزگە ۋە يېقىنلار توپلىرىغا ھەمبەھرلەش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بىز بىلەن بىللە تەرەققىي قىلىشىنى، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە بىلىملىرىنى ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بىزنى تاغدەك ئىشەنچ بىلەن قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق دوستلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.

ئىزدەش نومۇرى: tillapay / ئىككىلىك كودنى تونۇتۇش ياكى سىكانېرلاش ئارقىلىق «تىللا» ئورگان سالونىغا كىرەلەيسىز. قوشۇۋېلىڭ، ئەگىشىڭ.

ئىشخانا ئادرېسىمىز:

شاڭخەي شەھرى پۇدۇڭ رايونى جاڭجىياڭ يۇقۇرى پەن تېخنىكا تەرەققىيات باغچىسى كېيۈەن يولى 151 -نومۇر (خۇاچىياڭ بىناسى 3-قەۋەت 06- A-ئىشخانا)

(上海市浦东新区张江高科园科苑路151号(华强大厦三楼A06

ئۈرۈمچى شەھرى تەڭرىتاغ رايونى جۇڭشەن يولى بەيخۇاسۈن بىناسى 23-قەۋەت 23018-ئىشخانا

乌鲁木齐市中山路百花村23层2318室

تېلېفون :

021-50902093

0991-2320220

13399033639

13309981011

18140766770: نازارەت تېلېفونى



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش