ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
سامسۇڭ S8 يانفونىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 10 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:44

Cnbeta تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ ئورگان تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، سامسۇڭ Galaxy S8 ۋە S8+ بۇ يىل 4-ئاينىڭ 21-كۈنى سېتىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان كورېيە بازىرىدا بىر مىليون دانىدىن ئارتۇق سېتىلغان. سامسۇڭنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سامسۇڭ S6 ۋە S7 يانفون تىپلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا سېتىلىشقا باشلىغان 75-كۈنى ۋە 74-كۈنىدىن كېيىن ئاندىن بىر مىليون دانە سېتىلغان، سامسۇڭ S8نىڭ سېتىلىش سۈرئىتى ئالدىنقىلارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ S8نىڭ بۇ نىشانغا يېتىشى ئۈچۈن پەقەت 37 كۈن ۋاقىت كەتكەن.

ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، سامسۇڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى بايراقدار يانفونىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى ئېلان قىلىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىشنىڭ يېڭى يانفوننىڭ سېتىلىشىغا ياخشى بازار شەكىللەندۈرۈشكە پايدىسى بار.

سامسۇڭ S8 ۋە S8+نىڭ سېتىلىش مىقدارى مۇشۇ ئايدا 10 مىليون دانىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. تەھلىلچىلەر S8 يانفون تىپىنىڭ بۇ يىللىق سېتىلىش مىقدارىنىڭ 50 مىليون 400 مىڭ دانە ئەتراپىغا يېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ناھايىتى ئېنىقكى، سامسۇڭ سېتىلىش مىقدارى جەھەتتىكى سانلارنىڭ داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆرلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

Galaxy S8 ۋە S8+تىن باشقا، بۇ شىركەت يېقىندا يەنە يېڭى Galaxy S8 Activeنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ خىل يانفونغا تەكشى يۈزلۈك ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، سەپلىمىسى ھازىر بار بولغان يانفون تىپى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن پەرقلەنمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە MIL-STD-810G ۋە IP68 ئېتىراپنامە دەرىجىسىدىكى ئۈچتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ خىل يانفوننىڭ 6-ئايدا بازارغا كىرىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش