ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
دۇنيانى قاپلىغان WannaCry ۋىرۇس ھۇجۇمىدا ئەڭ چوڭ پايدىنى مىكروسوفت ئالدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:44

ۋاڭيى تورى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىدا تارقالغان WannCry ۋىرۇسى دۇنيادىكى نەچچە يۈزمىڭ شەخسىي كومپيۇتېرغا يۇقتى، بۇنىڭ ئىچىدە Windows XP ۋە Windows 7 ئاساسلىق ئاپەت رايونى بولۇپ قالدى.

شۇنچە چوڭ ئىشنىڭ يۈز بېرىشى، ئەسلىدە زور كۆپ ساندىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ۋىندوۋس سىستېمىسىدىن قاچۇرسا بولاتتى.

لېكىن، ئەمەلىيەت ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، مىكروسوفت گەرچە بىر مەيدان «تارىختىكى ئەڭ زور كىرزىس»تا تۇرسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئەسەبىيلىك بىلەن ئىشلەتكۈچى توپلىماقتا.

تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ 2148 نەپەر كىشىدىن ئالغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، WannCry ۋىرۇسى تارقالغاندىن كېيىن، پەقەت %25 ئىشلەتكۈچى قايتا ۋىندوۋس سىستېمىسى سېتىۋالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، %39 كىشى بىر مەزگىل كۆزىتىپ باقىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ھەتتا %19 كىشى مۇشۇ قېتىملىق ھۇجۇم سەۋەبىدىنلا، ئۆزلىرىنىڭ يەنىلا ۋىندوۋسنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋال كوچىسىدىكىلەرمۇ مىكروسوفتقا خېلى ئىجابى باھا بەردى، WannCry تارقالغان مەزگىلدە، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ پاي باھاسى ئەكسچە 70 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆسۈپ، 42 يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى قىممەتكە چىقتى.

ئانالىزدا قارىلىشىچە، مىكروسوفتنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن بۇنچە ئاسان ئۆتۈپ كېتىشىدە، ئاساسلىقى ئىككى سەۋەب بار ئىكەن. ئالدى بىلەن مىكروسوفت ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ دەسلىپىدىلا ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى NSAگە ئىتتىرىپ قويدى، قارشى تەرەپ كۆپ يىللاردىن بۇيان يوچۇقنى قەستەن يوشۇرۇشى بۇ قېتىملىق كەڭ كۆلەمدە يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭدىن باشقا، مىكروسوفت ناھايىتى تېزلا Windows XPنى قوللايدىغان جىددىي ياماقنى ئېلان قىلدى، ھەمدە Windows 10 بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى. بۇ ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قەلبىدە تولۇپ تاشقان «مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى» پەيدا قىلدى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش