ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
ئەمگەكچى كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن ياپونىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئىشقا سالماقچى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:45

ۋاڭيى پەن-تېخنىكىسى 30-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇناسىۋەتلىك خادىملار ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن بۇرۇن بىرنەچچە پىلاننى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان، بۇ پىلان 2020-يىلىدىن باشلاپ پوسۇلكىلارنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن توشۇشقا، 2022-يىلىدىن باشلاپ شوپۇرسىز ماشىنىلارنىڭ سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىلىشىگە يول قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر نەچچە نەپەر ئاخبارات باياناتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىشىنى ۋە سۈنئىي ئىدراك ئارقىلىق دوختۇرلارنىڭ كېسەللەرگە دىياگنوز قويۇشىغا ياردەم بېرىشكە ئىلھام بېرىدىكەن. بۇ پىلانلار ھازىرچە تېخى تاماملانمىغاچقا، بۇلار ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان.

بىر باياناتچى مۇنداق دېگەن: «ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدى بىلەن ئويلىشىدىغىنى ئۆمۈر مۇددىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تىرانسپورت ساھەسىنى ئىسلاھ قىلىش، تەمىنلەش لىنىيەسىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي ئۇل-مۇئەسسەسەنى ياخشىلاش ۋە پۇل-مۇئامىلە تېخنىكىسىدىن ياخشى پايدىلىنىش.»

يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بەزى كارخانىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ۋاقىتلىق بوشىتىشنى پىلانلاپ، ئاتالمىش «نازارەت قۇم ساندۇقى»دىن پايدىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭى تېخنىكىلارنى دەرھاللا سىناق قىلىشىغا يول قويىدىكەن، ئەكسىچە قانۇننىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچرىمايدىكەن.

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن شوپۇرسىز ماشىنىلارنى ئىشلىتىش ياپونىيە ئۈچۈن زۆرۈر ئىش ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ياپونىيەنىڭ ئەمگەك كۈچى ھازىر جىددىي يېتىشمەسلىك ھالىتىدە بولۇپ، بەزى شىركەتلەر مۇشۇ ۋەجىدىن شىركەتنىڭ تىجارەت دائىرىسىنى تارايتىشقا مەجبۇر بولغان.

ياماتو شىركىتى ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ تېز يوللانما يەتكۈزۈش شىركىتى بولۇپ، ياپونىيەدىكى ھەر ئىككى پوسۇلكىنىڭ بىرسىنى مۇشۇ شىركەت توشۇيدۇ. بۇ يىل 4-ئايدا، بۇ شىركەت ئىستېمالچىلارنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر خەۋەرنى جاكارلىغان. شىركەتنىڭ دېيىشىچە شىركەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبلىك، شىركەت پوسۇلكىلارنىڭ سانىنى ئازايتىشنى ھەم توشۇش ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلغان.

بەزىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە يەنە پۇل-مۇئامىلە تېخنىكىسىنى كەلگۈسىدە تەرەققىي قىلىدىغان «بۇلاق»قا ئوخشاتقان، بىراق ھازىرغا قەدەر، ياپونىيە كارخانىلىرى ئىشلىتىۋاتقان تېخنىكا ئىسلاھاتى ئارقىلىق چىقىم قىلىش، پۇل قەرز ئېلىش، مۈلۈك باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەر يەنىلا چەت دۆلەتلەرنىڭ ئارقىسىدا قالغان.

رېيتېر ئاگېنتلىقىدىن ئېرىشكەن بىر پارچە ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق ئېشىش ئىستراتېگىيەسىدە، داۋاملىق تۈردە ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو يولغا قويغان سىياسەتلەرنى ساقلاپ قالىدىكەن، بۇ سىياسەتلەر باي-نامراتلىق پەرقىنى كىچىكلىتىش، خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ ھۆججەتتە يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بەزى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ مەكتەپكە ھەقسىز كىرىپ ئوقۇش پىلانىنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ، بىراق نېمە سەۋەبتىندۇر بۇ پىلانغا مەبلەغ تەمىنلەش قارارىنى بۇ يىل كېچىكىپرەك چىقىرىدىكەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش