ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
تىرامپ «خاككېردىن قورقۇپ» ئاندىرويىد يانفوندا ئالاقە تورىغا چىقىشنى تاشلىدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:45

تېڭشۈن تورى 29-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2016-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا دونالد تىرامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى، باشقا نامزاتلار بۇنداق قىلالمىدى ياكى قىلىشنى خالىمىدى. چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇرۇن تىرامپنىڭ سامسۇڭ Galaxy يانفونى ئىشلىتىپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا مەزمۇن يوللىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا كومپيۇتېر يوق ئىكەن.

ئىنتېرنېتتا تەكشۈرگەندىن كېيىن ھۆكۈم قىلىنىشىچە، تىرامپ ئىشلەتكەن يانفون سامسۇڭ 2012-يىلى 5-ئايدا بازارغا سالغان Galaxy S3 بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ يانفوندا پەقەت كونا نەشردىكى ئاندىرويىد سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن، كونا نەشردىكى ئاندىرويىد سىستېمىسى بىخەتەر ئەمەس. خۇددى بىلوگ پىروگراممىسى «Reply All»دا كۆرسىتىلگەندەك خاككېرلار ھەممىلا يەردىن تاپقىلى بولىدىغان خاككېرلىق يۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىپ كونا نەشردىكى ئاندىرويىد سىستېمىلىق يانفونغا ئاسانلا تاجاۋۇز قىلالايدىكەن ھەم يانفون ئىگىسىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ئېرىشەلەيدىكەن.

لېكىن تىرامپ ھازىر ئاندىرويىد يانفونىنى ئىشلەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ھېچبولمىغاندا ئۇ ئەمدى ئاندىرويىد يانفوندا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا مەزمۇن يوللاشنى تاشلىدى. بۇ نۇقتىنى سىز ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا «ئاندىرويىد سىستېمىسىدا يوللانغان مەزمۇنلار» دەپ ئىزدەپ ئىسپاتلىيالايسىز.

تىرامپنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ھېساباتىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى بىر دانە iPhoneدىن كەلگەن (ياكى ئۇ مەزكۇر ھېسابات نومۇرىنى ئۆزىنىڭ ئەترىدىتىكىلەر بىلەن بىللە ئىشلىتىۋاتقان بولسا كۆپ دانە iPhoneدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن). بۇنىمۇ «iPhone سىستېمىسىدا يوللانغان مەزمۇنلار» دەپ ئىزدەپ ئىسپاتلاشقا بولىدۇ.

بۇ يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن كېيىن تىرامپ ئاندىرويىد تېلېفونىدا مەزمۇن يوللىمىدى.

3-ئاينىڭ 25-كۈنى تىرامپ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا مەزمۇن يوللاپ، نەچچە مىليون ئەگەشكۈچىسىنى فوكس ئاخباراتى قانىلىدا «Justice with Judge Jeanine» دېگەن پىروگراممىنى كۆرۈشكە چاقىرغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش