ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
ۋوزنىياك: ئالما ئەمدى «يەنە بىر چوڭ ئىش»نى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:46

«Feng» تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

9to5Mac ناملىق چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى سىتىۋ ۋوزنىياك يېقىندا ئالما شىركىتىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كەتكەچكە پەن-تېخنىكا ساھەسىدە «يەنە بىر چوڭ ئىش»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا ئامالسىز قالغانلىقىدىن يوشۇرۇن بىشارەت بەرگەن.

ۋوزنىياك بىلومبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، زىيارەتتە ئۇنىڭدىن «كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا پەن-تېخنىكىدىكى ئەڭ چوڭ بۆسۈش زادى نېمە، قايسى شىركەتلەر بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرالىشى مۇمكىن؟» دەپ سورالغاندا، ئۇ ئالمىنى رىقابەتچىلىرى قاتارىغا تىزمىغان، ئۇ ئالمىنى بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىدەك مۇنداق بىر پاكىتنى تەكىتلىگەن.

ۋوزنىياك مۇنداق دەپ قارىغان: «گۇگول، فېيسبۇك، ئالما، مىكروسوفت ۋە تېسلا قاتارلىقلاردەك بۇنداق دۇنيانى ئۆزگەرتكەن شىركەتلەرگە قاراپ باقايلى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياشلار، ھەرگىزمۇ چوڭ تىپتىكى كارخانىلار ئەمەس. كىچىك تىپتىكى كارخانىلار تېخىمۇ چوڭ خېيىم-خەتەرگە بەرداشلىق بېرىشى كېرەك، ھالبۇكى ئۇلارنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئۇلار ھەقىقىي ئېھتىياجلىق مەھسۇلاتنى ياراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپلىگەن تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر تەرىپىدىن سۇسلاشتۇرۇپ تارقىتىۋېتىلمىدى».

ئۇ يەنە سۈنئىي ئىدراكنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ قىزىق ساھە ئىكەنلىكىنى، ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىلنىڭ كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە بەلكىم بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتقاندا، ۋوزنىياك تېسلانى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان شىركەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپ قارايدىكەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش