ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
سامسۇڭ: جۇڭگودىكى ئۆزەك زاۋۇتىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:46

سىنا تورى 29-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كورېيە سامسۇڭ ئېلېكتىرونىنىڭ 29-ماي بىلدۈرۈشىچە، كەسىپ گۈللىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقتىن جۇڭگودىكى ياساش بازىسىنىڭ ساقلىغۇچ ئۆزىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

سامسۇڭ باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، شىئەن زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ، لېكىن مۇمكىن بولغان مەبلەغ كۆلىمى ۋە يېڭى كۆپەيتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قايسى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ دېگەندەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كونكىرېت تەپسىلاتلار تېخى بېكىتىلمىگەن.

سامسۇڭ ئېلېكتىرونى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساقلىغۇچ ئۆزىكى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا بولۇپ، شىئەن زاۋۇتىدا 3D NAND ساقلىغۇچ ئۆزىكى ئىشلەپچىقىرىشقا 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان. بۇ خىل ئۆزەك ئەقلىيفون، خۇسۇسىي كومپيۇتېر ۋە سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتىرى قاتارلىق ئېلېكترون ئەسلىھەلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ساقلاش مەھسۇلاتىغا ئىشلىتىلىدۇ.

كورېيە تاراتقۇسىنىڭ 29-ماي ئەتىگەندە خەۋەر قىلىشىچە، سامسۇڭ جۇڭگو دائىرىلىرى بىلەن چوڭقۇر سۆھبەتلىشىۋاتقان بولۇپ، شىئەن زاۋۇتىنىڭ 3D NAND ساقلىغۇچ ئۆزىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۆپەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن قۇرۇلۇشنى باشلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئابۇنتلارنىڭ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا بولغان تەلىپى ئۈزلۈكسىز ئاشقان ۋە پەن-تېخنىكا بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ مەبلەغنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پايدىسى تۆۋەنلىگەنلىكتىن سامسۇڭ قاتارلىق ساقلاش ئۆزىكى شىركەتلىرى 2017-يىلى تىجارەت كىرىمى ۋە پايدىدا رېكورت يارىتىشى مۇمكىن. بازار تەتقىقات شىركىتى IHSنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىلقى ساقلىغۇچ كەسپىنىڭ كىرىمى %32 ئۆسۈپ 104 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ رېكورت يارىتىدىكەن. كەسپىي ساھەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار ۋە تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3D NAND تەمىنلەش كارخانىلىرى 2017-يىلى پۈتۈن بىر يىل خېرىدارلارنىڭ زاكازىنى قاندۇرۇشى تەس ئىكەن.

سامسۇڭ ۋە ئۇنىڭ كەسىپداشلىرى 3D NANDغا بولغان مەبلەغنى ماس ھالدا كۆپەيتتى. سامسۇڭ ھازىرغىچە كونكىرېت نىشانىنى دېمىگەن بولسىمۇ، لېكىن 4-ئايدا كاپىتال چىقىمىنى بۇ يىل زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، قىسمەن سەۋەبى 3D NAND ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى پىلانلىغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش