ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى: كېيىنكى ئەسىردە ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 30 يىل ئۇزۇرايدۇ
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:49

27-ماي، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «چەتئەلدىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار چوڭ دەرسخانىسى» بىلەن مەكتەپنىڭ 120 يىللىق تويىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبىرىدە، 2004-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئارون سېچانوۋېر (Aaron Ciechanover) تەكلىپ قىلىنغان. بۇ كىشى ئادەم بەدىنىدىكى ئاقسىلنىڭ تۆۋەنلەش جەريانىنىڭ سىرىنى ئېچىپ نوبېل مۇكاپاتىغا نائىل بولغان، بۇ يىل 70 ياشتا. 13 يىلدىن بېرى ئۇ ھەر كۈنى تەجرىبىخانىدا خىزمەت قىلىدۇ، ئۈزۈلدۈرمەي ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىدۇ، يەنە تېخى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ دەرس سۆزلەيدۇ ۋە ھەرخىل ئىلمىي يىغىنلارغا قاتنىشىدۇ، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ناھايىتى روھلۇق. ئۇ جۇڭگوغا 100 قېتىمدىن ئارتۇق كېلىپ باققان، جۇڭگوغا بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇر، ھەتتا جۇڭگودىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ دائىم باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى قالتىس دەپ ماختايدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ.

ئۇ بۇ قېتىم سۆزلىگەن نۇتۇقىدا ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغان سۆزلەر بولسا: ئۆزىڭىز (yourself)، خاسلىق (individual) قاتارلىقلار. بۇ سۆزلەر ئاڭلىماققا ناھايىتى مەنىسى بىلىنىدۇ، بىراق نېمىلا دېگەن بىلەن ئادەم ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ھاياتىنى پىلانلىشى كېرەك.

ھالبۇكى، بۇ «مەنىسىز» لېكسىيىدە ئارون: «كېيىنكى ئەسىرگە بارغاندا ئىنسانلار ھازىرقىغا قارىغاندا 30 يىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ» دېگەن. كەلگۈسىدىكى سەھىيە خىزمىتى پۈتۈنلەي شەخسنىڭ گېنىغا ئاساسەن رېتسېپ يازىدىغان بولىدۇ، ئادەم ئۆزى بولمىسا ئۇنچە ئۇزۇن ياشىغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟


كېيىنكى ئەسىرگە بارغاندا ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرى 30 يىل ئۇزىرايدۇ

ئارون جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرىنى بىلىدۇ، مەسىلەن ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ۋاكالىتەن قارار چىقىرىدۇ دېگەندەك. «نۇرغۇن جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلارنىڭ پىلانى بويىچە بولغاندا، بالىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە قەدەم باسقاندىن كېيىن تېزراق ئائىلە قۇرۇشى كېرەك، نۇرغۇن پۇل تېپىشى كېرەك. ھالبۇكى، بىر مىليون تاپسىچۇ، ئىككى مىليون، ئۈچ مىليون... ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ بەلكىم ئاجرىشىپ كېتەر. يەنە نەچچە يىل ئۆتسە قېرىيدۇ.»

«ھازىر جۇڭگودىكى ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 85 ياش ئەتراپىدا، ئەرلەرنىڭ 81 ياش ئەتراپىدا، بۇ ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشىدىن سەل يۇقىرى ئىكەن.» ئاروننىڭ دېيىشىچە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 50 ياش ئەتراپىدا ئىكەن، 4000 يىل بۇرۇن ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئاران 35 ياش ئىكەن.

4000 يىلدىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئاران 15 ئۇزارغان. ئەكسىچە ئۆتكەنكى 100 يىلدا تېخنىكا بىلەن مائارىپنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۆمرىنى دەل 30 يىل ئۇزاردى. ئارون كېيىنكى ئەسىردە ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ يەنە 30 ياش ئۇزىرىشنى تامامەن مۇمكىن دەپ قارايدۇ.

ئۆمۈرنىڭ ئۇزىرىشى بەدەل تەلەپ قىلىدۇ. ھازىر ئىنسانلار ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان كېسەللىكنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، مەسىلەن راك دېگەندەك. نۆۋەتتە %90 كېسەللىكنىڭ ھەممىسى 50 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەردە كۆرۈلىدىكەن. ئىنسانلارنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى سالامەتلىكنىڭ %80ى ئاساسەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى 3~4 يىلدا خورايدىكەن. ئەكسىچە ئىنسانلارنىڭ ھەم ياشانغان ھەم كېسەل ھالەتتە 30 يىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدە ئۈمىد يوق ئىكەن.

خاسلاشتۇرۇلغان كېسەل داۋالاش، «گېن»گە دورا بېرىش

«كېسەللىكلەر كۆپىنچە ئاقسىلنىڭ تۆۋەنلىشى ھەم قېرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.» بۇ دەل ئاروننىڭ تەتقىقات نەتىجىسى، يەنى ئىنسانلار ھۈجەيرىسىدىكى ئاقسىلنىڭ تۆۋەنلەش جەريانى.

ئۇ باشقا ئىككى نەپەر ئالىم بىلەن بىرلىكتە بىرخىل كۆپ ئېلمىنتلىق پولىپېپتىدنى بايقىغان،بۇ ماددا ئاقسىلنىڭ تۆۋەنلەش جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ 76 خىل ئامىنو كىسلاتادىن تۈزۈلگەن. ئادەم بەدىنىدىكى ئاقسىل ھۈجەيرە ئىچىدىكى «ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى»غا توشۇلىدۇ، ھەم شۇ يەردە تۆۋەنلەيدۇ.

ئارون تىبابەتنىڭ خاسلاشتۇرۇش ۋە ياساش ئىنقىلابىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ دەپ قارايدىكەن، بەلكىم ئىنسانلار سۈپەتلىك 100 ياشقىچە ياشىيالىشى مۇمكىن.

ھازىر بىز DNA سەۋىيەسىدە كېسەللىكنى تەكشۈرۈپ چىقالايمىز، ئاندىن ئوخشىمايدىغان DNA تەرتىپىگە ئاساسەن كېسەلنى خاسلاشتۇرۇپ داۋالايمىز. ئارون: «ھازىر قارىماققا ئوخشاشتەك كۆرۈنگەن كېسەل، ئوخشاش داۋالاش ئۇسۇلى بولسىمۇ، بىراق نەتىجىسى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ياش، جىنس، بەدەن ئېغىرلىقى، يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار ئوخشىمايدۇ، گېننىڭ ئوخشىماسلىقىنى دېمىسەكمۇ بولىدۇ» دەيدۇ. مەسىلەن سۈت بېزى راكىنىڭ كېسەللىك ئالامىتى ئوخشاش بولغىنى بىلەن، بىراق بەدەندىكى DNAدا كۆرۈلگەن مەسىلە ئوخشىمايدىغان بولۇشى مۇمكىن.

يەنە بىر خىل ئەھۋال تېخىمۇ قالتىس. ئارون سۆزلىگەن PPTدە ئەنجىلىنا جۇلىنىڭ رەسىمى بار.

ئارون: «ئەنجىلىنا گېن تەكشۈرتتى، ئۇنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى يۇقىرى، شۇڭلاشقا ئۇ سۈت بېزىنى كېسىپ تاشلاشنى تاللىدى. ئوخشاشلا گېننىڭ كەمتۈكلۈكى سەۋەبىدىن ئۇ يەنە تۇخۇمداننىمۇ كېسىپ تاشلىشى مۇمكىن» دېگەن، گېننىڭ كەمتۈكلۈكىنى بايقىغاندىن كېيىنكى تەدبىر بىمارغا نىسبەتەن خاسلاشتۇرۇپ داۋالاش ئېلىپ بارغانغا ئوخشاش.

ئارون بۇنى بىر خىل دورا ئوخشاش تۈردىكى بارلىق كېسەللەرنى داۋالىيالايدىغان دەۋر ئاياغلىشىدىغان كەلگۈسىدىكى 3-قېتىملىق دورا ئىنقىلابى دەپ قارىغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش