ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
100 مىليارد دوللارلىق گىگانت شىركەت ياخۇنىڭ نامىمۇ قالمىدى، مەسىلە نەدە؟
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:58

مەنبە: ۋاتئان سودا ئىگىلىكى سالۇنى

تىللا شىركىتى تەرجىمىسى

ئەسلىدە گۇگول، فېيسبۇك، ياكى مىكروسوفتنىڭ غوجىسى بولالايدىغان ياخۇ تور دۇنياسىنىڭ تاشلاندۇقىغا ئايلىنىپ قالدى. يېقىندا ياخۇنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن سېتىۋىلىنغانلىقى، ئىسمىنىڭ ئالتابا (Altaba)غا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

تور دۇنياسىدىكى بىر گىگانت يۇلتۇز شۇنداق قىلىپ كۆك يۈزىدىن ئېقىپ چۈشۈپ كەتتى، ياخۇ دەۋرى شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى.

تور ئەھلىگە نىسبەتەن، 90-يىللار ياكى 2000-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارغا ياخۇ دېگەن بۇ ئىسىم ئانچە تونۇش بولماسلىقى ياكى پۈتۈنلەي ناتونۇش بولۇشى مۇمكىن، ئەمما 80-، 70-يىللارنىڭ كىشىلىرىگە نىسبەتەن ياخۇ دېمەك تور دۇنياسى، ئىنتېرنېت، ئېلخەت دېمەكلىك بىلەن باراۋەر ئىدى.

ياخۇ تور دۇنياسىدا يول ئاچقۇچى بولۇشتىن تور دۇنياسىدا تېڭىرقاپ قالغۇچى ۋە ئاخىردا ئۆزىنى تولۇق سېتىۋەتكۈچى بولۇشتەك باسقۇچلارنى باشتىن كەچۈردى.

ئەسلىدە گۇگول، فېيسبۇكنى سېتىۋالالايدىغان شىركەت Verizon تەرىپىدىن سېتىۋېلىندى.

ئەسلىدە بازار قىممىتى 100 مىليارد دوللارلىق ھالەتتىن 4.8 مىليارد دوللارغا سېتىلىدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.

شۇنداق، ياخۇ مەغلۇپ بولدى، ئۇ زادى قەيەردە كەتكۈزۈپ قويغاندۇ؟

بىرىنچى: ئەينى زامانلاردا تور دۇنياسى ياخۇنىڭ ئىدى

1995-يىلى سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىككى ئوقۇغۇچىسى — جۇڭگولۇق مۇھاجىر ياڭ جىيۈەن بىلەن دەيۋىد فىلو بىرلىشىپ قۇرغان ياخۇ تور دۇنياسىدا پەيدا بولدى.

ياڭ جىيۈەن ياخۇنى قۇرغان ۋاقىتتا، 31 ياشلىق ما يۈن ئىنتېرنېتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى يېڭى بىلىۋاتقان ئىدى، 24 ياشلىق ما خۇاتېڭ پىنگىۋىننىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە باش قاتۇرۇۋاتاتتى... شۇنداق قىلىپ ھازىر بۇلارنىڭ ئەھۋالىدا ئاسمان زېمىن پەرق بولۇپ كەتتى، بۇنى كونىلارنىڭ گېپى بويىچە: «بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كەتتى» دېسەك مۇۋاپىق بولاتتى.

ئەڭ دەسلەپتە ياخۇ تور بەتلەردە تۈرگە ئايرىش سىستېمىسىنى ياسىغان، توردىكى ئۇچۇرلارنىڭ تېخىمۇ رەتلىك ۋە تېپىشقا ئاسان بولۇشىغا يول ئاچقان، بۇنىڭ بىلەن تورداشلارنىڭ ئىزدەش ۋە تەكشۈرۈش ئاسانلاشقان. ئۇنىڭدىن كېيىن ياخۇ ئاستا-ئاستا دائىرىسىنى كېڭەيتكەن، ئىزدەش ئىقتىدارى، ئېلخەت، تور ئېلانى قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى تولۇقلىغان، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر تور دۇنياسىدا ياخۇ ئارقىلىق ھەر ساھەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدىغان بولغان، ياخۇ تور دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ تور بەت بولۇپ قالغان.

1999-يىلى تور دۇنياسى ئەمدى كېڭىيىۋاتقان چاغلاردا، ياخۇنىڭ 120 مىليون ئىشلەتكۈچىسى بار ئىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاز دېگەندە 100 مىليون كىشى ياخۇغا ئەزا ئىدى.

مەسىلەن ئېلخەتنى مىسالغا ئالساق، ياخۇنىڭ ئېلخېتى ئىلگىرى پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان ئىدى، شۇ ۋاقىتلاردا نۇرغۇن جۇڭگولۇق ۋەتەنداشلارنىڭ ئېلخەت ئادرېسى xxx@yahoo.com ئىدى.

قۇرۇلۇپ بىر يىلىدىن كېيىنلا پاي بازىرىغا كىردى، تۇنجى كۈنى پاي باھاسى %154 ئۆرلىدى، بازار قىممىتى 800 مىليون دوللارغا يەتتى. 2000-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ياخۇنىڭ بازار قىممىتى 128 مىلياردقا يەتتى.

ئەينى يىللاردىكى ياخۇ نېمە دېگەن ئاقسا ئىدى ھە...

ياخۇ يەر شارىدىكى تۇنجى ئالاقە تورى يول باشلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن تور بېكەت ئىدى.

ياخۇ ئىنتېرنېت ئالاقە تورىنىڭ ھەقسىز سەھىپىسىنى ئىچىپ بەرگەن ئىدى، مەزمۇننى ھەقسىز كۆرگىلى بولاتتى، ئېلان بەرسە ھەق ئالاتتى.

2006-2000غىچە ياخۇ دۇنيا تور ساھەسىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

2006-يىللىق دۇنيادىكى ئىنتېرنېت شىركەتلىرى ئالدىنقى 20نىڭ ئىچىدە، ياخۇ ئۈچ ئورۇننى ئىگىلىگەن، ياخۇ بىرىنچى ئورۇندا، ياخۇ ياپونيە 7-ئورۇندا، ياخۇ جۇڭگو 14-ئورۇندا تۇرغان.

ئامېرىكىنىڭ گۇگول، فېيسبۇك، جۇڭگونىڭ سىنا، سوخۇ ۋە ۋاڭيى قاتارلىق توربەتلەرنىڭ ھەممىسى ياخۇنى دوراپ باققان ۋە ئۆرنەك ئالغان.

كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئەينى يىللاردىكى ياخۇ بىر «ئېمپىرىيە» ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇرالايدىغان رىقابەتچى تېخى يوق ئىدى، ھەتتا پۈتۈن ئىنتېرنېت دۇنياسى ياخۇنىڭ دېيىشكىمۇ بولاتتى... ئەمما بىز ھازىر بۇلارنى ئۆتكەن زامان شەكلىدە بايان قىلىۋاتىمىز، ھەممىسى كەلمەسكە كەتكەن ئىدى.

ئىككىنچى: بەخت كېلىپ ئىشىكنى چەككەندە سىز ئىشىك ئاچقانمۇ؟

تور دۇنياسىدا يول باشلىغۇچى ياخۇ مېڭىپ مېڭىپ ئۆزى يولدىن ئېزىقىپ قالدى.


ئۇ گۇگولنى كەتكۈزۈپ قويغان

1997-يىلى سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىسى ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى بىر مىليون دوللارغا ساتماقچى بولغان، بۇ تەتقىقات دەل گۇگول ئىدى. نەزىرى ئۈستۈن ياخۇ بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ تەكلىپىگە قىلچە پەرۋا قىلمىغان، 2002-يىلىغا كەلگەندە ياخۇ ئېغىر پۇشايمان قىلىپ گۇگولنى سېتىۋالماقچى بولغاندا، گۇگولنى سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغان. (رەسىمگە دىققەت قىلىساق شۇنى بايقايمىزكى، گۇگولنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ماركا بەلگىسىنىڭ كەينىدە ئۈندەش بەلگىسى بار ئىدى، بۇ بىزگە ياخۇنىڭ ماركا بەلگىسىنىڭ كەينىدىكى ئۈندەش بەلگىسىنى ئەسلىتىدۇ، گۇگول بۇنى ياخۇدىن ئۆرنەك ئالغان بولۇشى مۇمكىن)

ھازىر گۇگولنىڭ بازار قىممىتى 500 مىليارد دوللارغا يىتىدۇ.

فېيسبۇكنى كەتكۈزۈپ قويغان

2006-يىلى ياخۇ بىر مىليارد دوللارغا فېيسبۇكنى سېتىۋالماقچى بولغان، فېيسبۇكنىڭ قۇرغۇچىسى زاكېربېرگ بىلەن ئاساسەن دېگۈدەك پۈتۈشۈپ بولغان، ئۇ ۋاقىتلاردا فېيسبۇك ئىچ ۋە تېشى جەھەتتىن قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان ئىدى، مەبلەغكە بەك جىددىي ئېھتىياجلىق ئىدى، بۇنى پۇرسەت دەپ بىلگەن ياخۇ ھالقىلىق پەيتتە دەرھال گېپىدىن يېنىۋېلىپ باھانى 850 مىليون دوللارغا تۆۋەنلىتىۋالغان، بۇنىڭدىن ھاقارەت ھېس قىلغان زاكېربېرگ مۇدىرىيەت يىغىنىدا ياخۇ تەڭلىگەن توختامنى نەق مەيداندا يىرتىۋەتكەن.

بىر نەچچە ئاي ئۆتكەن كىيىن ياخۇ يەنە ئەسلى دېيشىكەن باھا، يەنى بىر مىليارد دوللاردىنمۇ يۇقىرى باھادا فېيسبۇكنى سېتىۋېلىش تەكلىپىنى بەرگەن، لېكىن فېيسبۇك بۇنى كەسكىن رەت قىلغان.

ھازىر فېيسبۇكنىڭ بازار قىممىتى 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يىتىدۇ.


مىكروسوفتنى كەتكۈزۈپ قويغان

2008-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى مىكروسوفت 45 مىليارد دوللار باھا چىقىرىپ ياخۇغا تەكلىپ سۇنغان، مىكروسوفت بىلەن ياخۇ بىرلەشسە گۇگولنى يېڭىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن ياخۇ قويۇلغان باھا بىزنىڭ بازار قىممىتىمىزدىن تۆۋەن بولۇپ قالدى دەپ ھەمكارلىق تەكلىپىنى رەت قىلغان، 3 ئايدىن كېيىن مىكروسوفت 50 مىليارد دوللار باھا بىلەن يەنە بىر قېتىم تەكلىپ سۇنغان، لېكىن ياخۇ يەنىلا رەت قىلغان.

مىكروسوفتنىڭ شۇ قىتىملىق بىرلىشىش ۋە شۇ يۇقىرى باھالىق سېتىۋېلىش تەكلىپىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ياخۇغا قايتا ئۇنداق ياخشى باھا تەكلىپى كەلمىگەن، پەقەت باھاسىنى يەنىمۇ چۈشۈرۈپ خېرىدار كۈتۈپ ئولتۇرشتىن ئۆزىگە باشقا يول قالمىغان.

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئامېرىكا ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى كاتتىبېشى Verizon شىركىتى 4.83 مىليارد دوللارغا ياخۇنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەينى زامانلاردىكى تور دۇنياسىنىڭ ھۆكۈمدارىغا نىسبەتەن ئىيتقاندا بۇ باھاغا ئۆزىنى سېتىش مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر ھاقارەت ھېسابلىناتتى. بۇ 4.83 مىليارد دوللار باھا ئەينى ۋاقىتتا باشقىلار تەرىپىدىن قويۇلغان باھاغا سېلىشتۇرغاندا تىك ياردىن ئۇدۇللا تىك سىزىق بويىچە سىيرىلىش ياكى گازىر-پۇرچاق باھاسىدا سېتىش دىسەك بولاتتى.

بۇ كاتتىباش نېمە ئۈچۈن يىقىلدى؟


ياخۇ بىلەن ئوخشاش بىر يىلدا بازارغا كىرگەن ئامازون ئىزچىل تۈردە تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ تەرەققىي قىلماقتا، ئامازون ھازىر تېخنىكا ساھەسىدە ئالما، گۇگول، مىكروسوفتتىن قالسا 4-ئورۇندا تۇرۇۋاتقان كۈچلۈك كارخانا بولۇپ قالدى. ياخۇدىن ئىككى ياش كىچىك گۇگول بولسا، بازارغا كىرگەن 18 يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ئۆرلەش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ.

كىشىنى ئويلاندۇرىدىغىنى، ياخۇ بىلەن بىر ساھەدىكى باشقا ماركىلار تەرەققىي قىلىپ كىلىۋاتسا، ياخۇ نېمىشقا يىقىلدى؟ سەۋەبى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.

بىرىنچى: مەھسۇلات ساھەسىدە قايمۇقۇپ قالدى

گۇگول، مىكروسوفتنى كەتكۈزۈپ قويغانغا ياخۇنىڭ جېنى چىقىپ كەتمەيتتى، ئەڭ ئەجەللىك بولغىنى ياخۇ تور سودىسى، ۋىدېئو، تور ئالاقىسى، ئويۇن، بىلوگ قاتارلىق ساھەلەرگە كەڭ دائىرىدە كېڭەيدى، كېڭىيىپ كېڭىيىپ ئاخىردا ئۆزىنىڭ ئورنىدىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كەتتى.

2012-يىلى«كىرىمنىي جىلغىسى خانىشى» دەپ نام ئالغان مارىسسا مايېر ياخۇنىڭ باش لىدىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 50تىن ئارتۇق شىركەتنى سېتىۋالدى، بۇ شىركەتلەر تور ئالاقىسى، ئويۇن، بىلوگ ،ۋىدېئو، تېلېفون يىغىنى سىستېمىسى قاتارلىق ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

نەتىجىدە بۇ شىركەتلەر ياخۇ تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا تاقىلىپ قالدى ياكى ئاستا-ئاستا غايىب بولدى، شۇنىڭ بىلەن ياخۇ «شىركەت قاتىلى» دېگەن نامغا قالدى.

ئىككىنچى: سۇنىڭ بېشى لاي ئىدى

ياخۇنىڭ كەسىپ دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ياخۇنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلىدى، يۇقىرىنىڭ دېگىنى دېگەن بولىدىغان بوپ قالدى، باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىدا ئىسراپچىلىق ئېغىرلاپ كەتتى.

بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر، ئىنتېرنېت تور ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا شىركەتلەرنى قۇرغۇچىسى باشقۇرۇپ، يېتەكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، پەقەت ياخۇنىلا كەسپىي مۇدىرلار باشقۇرغان.

تېخىمۇ غەلىتە يىرى شۇكى، ياخۇ قۇرۇلۇپ 22 يىل ئىچىدە 7 قېتىم باش لىدېر ئالماشتۇرغان، ئەڭ ئۇزۇن ۋەزىپىدە تۇرغىنى 6 يىل، ئەڭ قىسقىسى بولسا 4 ئاي تۇرۇپلا تەختتىن چۈشۈرۈلگەن.

تور ساھەسىدە ئۆزگىرىش تىز، يېڭىلىق كۆپ بولىدۇ دەيمىز، باشقا شىركەتلەر تېخنىكا، مەھسۇلات يېڭىلىسا، ياخۇ توختىماستىن باشلىق يېڭىلىغان... بۇنىڭ بىلەن ئىچكى خوراش، تەۋرىنىش ئېغىرلىشىپ، باشقا شىركەتلەر، ماركىلار بىلەن بولغان پەرقى بارغانسېرى چوڭىيىپ كەتكەن، ۋە ئاخىردا زاۋاللىققا يۈزلەنگەن.

كىشىلەر: «ياخۇنىڭ قۇرغۇچىسى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىدۇر، بىر زامانلاردا تورغا چىقىش ياخۇنى ئىشلىتىش بىلەن تەڭ ئىدى، يۈز يىلدىن كېيىنمۇ كىشىلەر ياخۇنىڭ قۇرغۇچىسىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك، ئۇلارنىڭ تور دۇنياسىغا قوشقان تۆھپىسى چوڭ» دېيىشىدۇ.

مانا ياخۇ قۇرۇلۇپ 20 يىلدىن كېيىن ياخۇ سەھنىدىن چۈشتى، ئەينى ۋاقىتتا شۇنداق مودا بولغان ياخۇ ئېلخېتى، Yahoo Messenger قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ ئەسلىمىسىگە ئايلاندى، چۈنكى ئەمدى ياخۇ يوق ئىدى.

توغرا، شۇنداق قىلىپ تور ساھەسىدىكى گىگانت چولپان ياخۇ يىقىلدى، بۇنىڭغا كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بەك ھودۇقۇپ، تەمتىرەپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئېسىڭىزدە بارمىكىن، كوداك، نوكىيالارمۇ مۇشۇنداق يىقىلغان ئىدى.

ياخۇنىڭ يىقىلىشى، مەغلۇپ بولۇشىدىن سىز قانداق خۇلاسە چىقاردىڭىز؟

مېنىڭچە بۇنى ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ مەيدانىدىن تۇرۇپ مۇنداق بىر مەسىلە ھەققىدە ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ:

مەيلى شەخس ياكى كارخانا-شىركەت بولسۇن، دەۋرنىڭ دولقۇنلىرىدا شاللىنىپ كەتمەيمەن دەپ كاپالەت بېرەلەمدۇ؟

ئەزىم دەريا توختىماي دولقۇنلاپ ئېقىپ تۇرىدۇ، مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىز ھەرگىز ئۆزىڭىزگە تەمەننا قويۇپ بىر ئىزىڭىزدا توختاپ قالماڭ، داۋاملىق ئالغا ئىنتىلىپ تۇرۇڭ، بولمىسا قاينامدا بوغۇلۇپ تۇنجۇقۇپ قالىسىز.


تىللا ئەقلىي ئىقتىدارلىق قولايلىق دۇكىنىغا جايلاردىن ھەمكارلاشقۇچى چاقىرىمىز


شاڭخەي تىللا ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى2016-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولغان شاڭخەي شەھىرىدە قۇرۇلغان. شىركىتىمىزنىڭ ئاساسلىق تىجارەت دائىرىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن تېخنىكا كەسىپلىرىنى ئېچىش، مەبلەغ سېلىش، ئىنتېرنېت پۇل مۇئامىلىسى مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋە سودا بانكىلىرى، جۇڭگو تۆمۈر يول ئاكادېمىسى كومپيۇتېر تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان .

يۇقىرىقى تۈرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بارلىق چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى تىللا شىركىتىگە تەۋە.

شىركىتىمىز كەسپىي مۇلازىمەت ۋە مەسىلىھەت بىرىش قۇشۇنى تەشكىللەپ بۇ ساھەگە قىززىقىۋاتقانلارنىڭ ئىھىتىياجىنى تۇلۇق قاندۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ. ھەرقانداق مەسلىھەتىڭىز ۋە سوئالىڭىز بولسا باش مۇلازىمەت تېلىفۇنى بىلەن ئالاقىلىشىپ سورىشىىزنى قارشى ئالىمىز:



ئەگەر شىركىتىمىز مەھسۇلاتلىرىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، يۇقۇردىكى ئىككىلىك كودنى تونۇتۇپ قوشۇپ، سالونىمىزغا ATM نى يوللاش ئارقىلىق شىركەت مەھسۇلاتلىرى ۋە بېجىرىش تەرتىپلىرىنى بىلەلەيسىز. ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇپ چىققىنىڭىزنى بىزنى قوللىغىنىڭىز دەپ بىلىمىز ۋە داۋاملىق قوللايدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمىز. بۇ تېمىنى دوستلار چەمبىرىكىڭىزگە ۋە يېقىنلار توپلىرىغا ھەمبەھرلەش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بىز بىلەن بىللە تەرەققىي قىلىشىنى، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە بىلىملىرىنى ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بىزنى تاغدەك ئىشەنچ بىلەن قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق دوستلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.

ئىزدەش نومۇرى: tillapay / ئىككىلىك كودنى تونۇتۇش ياكى سىكانېرلاش ئارقىلىق «تىللا» ئورگان سالونىغا كىرەلەيسىز. قوشۇۋېلىڭ، ئەگىشىڭ.

ئىشخانا ئادرېسىمىز:

شاڭخەي شەھرى پۇدۇڭ رايونى جاڭجىياڭ يۇقۇرى پەن تېخنىكا تەرەققىيات باغچىسى كېيۈەن يولى 151 -نومۇر (خۇاچىياڭ بىناسى 3-قەۋەت 06- A-ئىشخانا)

(上海市浦东新区张江高科园科苑路151号(华强大厦三楼A06

ئۈرۈمچى شەھرى تەڭرىتاغ رايونى جۇڭشەن يولى بەيخۇاسۈن بىناسى 23-قەۋەت 23018-ئىشخانا

乌鲁木齐市中山路百花村23层2318室

تېلېفون :

021-50902093

0991-2320220

13399033639

13309981011

18140766770: نازارەت تېلېفونى



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
كېيىنكىسى : ئاخىرقى بەت
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش