ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
يانچۇقىغا يانفون سېلىۋالغان ئەرنى چاقماق سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويدى
مەنبە : نۇر تورى
2014-06-16 16:50:34


6-ئاينىڭ 11-كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسى لىياۋچېڭ شەھىرىدە يامغۇر ئارلاش چاقماق چاققان بولۇپ، بىر پارچە چاقماق ئاسماندىن تۇيۇقسىز چۈشۈپ ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقان بىر دېھقاننى سوققان، چاقماق سوقۇش تەسىرىدە بۇ دېھقاننىڭ يانچۇقىغا سېلىۋالغان يانفونىنىڭ ئېكرانى پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ دېھقاننى چاقماق سوقۇۋەتكەندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن. 6-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەر سائەت 3 تىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، لىياۋچېڭ شەھەرلىك مىترولوگىيە ئىدارىسى چاقماقلىق ھاۋارايى سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئۇقتۇرغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا قىسمەن رايونلاردا چاقماق چېقىش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئېيتىلغانىدى.
بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىنىپ ئارىدىن تۆت سائەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان بىر كۆرۈنۈش دەل لىياۋ چېڭ شەھىرى ياڭگۇ ناھىيىسى شىخۇ بازىرى دۇڭگەنخې كەنتىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، كەنت ئەزاسى-چاڭ خەيجۈن ئېتىزلىقىنى ئوغۇتلاۋاتقاندا، تۇيۇقسىز چاقماق سوقۇۋەتكەن.
‹چاقماق چاققاندا ناھايىتى كۈچلۈك يورۇق چۈشكەنلىكتىن بىز چاقماقنىڭ پەقەت بىر تۈپ دەرەخكە چۈشكەنلىكىنىلا كۆردۇق، باشقا نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمىدۇق› دېدى ۋاڭ خەيجۈننىڭ تۇغقىنى، چاقماق دەرەخكە سوقۇلغاندىن كېيىن، دەرەخ بىلەن ئارلىقى 100 مېتىردەك كېلىدىغان ۋاڭ خەيجۈنمۇ ۋارقىرىغان پېتى يەرگە يىقىلىپ قالغان، دېھقانلارنىڭ بايقىشىچە، چاقماق سوققان دەرەخنىڭ پوستى كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ، ۋاڭ خەيجۈننىڭمۇ مەيدىسىدىكى تۈكلەرنىڭ كۆيۈپ كەتكىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، باشقا ھېچقانداق يېرىدە زەخىملىنىش كۆرۈلمىگەنىكەن، دېھقانلار دەرھال ۋاڭ خەي جۈننى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا ئۇ يەنىلا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.
ۋاڭ خەي جۈننىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، چاقماق سوققاندىن كېيىن ئۇنىڭ بەدىنىدە مەيدىسى كۆيگەندىن باشقا ھېچقانداق روشەن يارىلىنىش ئالامەتلىرى يوق بولۇپ، ئۇنىڭ يانفونىنىڭ ئېكرانى پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەنىكەن، چاقماق سوققاندا، ۋاڭ خەي جۈن يانفونىنى ئىشلەتمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ چاقماق سوقۇلۇشى بىلەن يانچۇقىغا سېلىۋالغان يانفونى ئوتتۇرىسىدا چوڭ مۇناسىۋەت بارلىقى گۇمان قىلىنماقتا.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش