ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
Nexus 6 نىڭ سىمسىز زەرەتلەش ئىقتىدارى سۇ ئاستىدىمۇ نورمال ئىشلەيدىكەن
مەنبە : نۇر تورى
2014-12-11 09:31:12
تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
QHD دەرىجىسىدىكى كۆرسىتىش ئېنىقلىقىغا ئىگە ئالتە دىيۇملۇق سېزىمچان ئېكران، كۇۋالكوم 805 تىپلىق تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئوپتىكىلىق تەۋرىنىشتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى، 13 مىليون پىكسىللىق كامېرا قاتارلىق بۇ بىر قاتار كۈچلۈك سەپلىمىلەرنىڭ ھەممىسىنى گۇگېل يېڭىدىن ئېلان قىلغان Nexus 6 يانفونىدىن ئىزدەپ تېپىشقا بولىدۇ، بىراق، شۇنچە كۈچلۈك ئىقتىدارغا ئىگە بۇ يانفونغا سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى سەپلەنگەنمۇ-يوق؟
ئەمەلىيەتتە، مەيلى موتورولا ياكى گۇگېل بولسۇن، ئۇلار مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۇدىن مۇداپىئەلىنىش جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى ھېچقاچان داۋراڭ قىلىپ باقمىغان. موتورولا ۋەكالىتەن ئىشلەپچىقارغان Nexus 6 يانفونىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە، «سۇدىن مۇداپىئەلىنىش» دىگەن خەتلەرنى چېلىقتۇرۇشقا بولىدۇ. ھەقىقەتەن شۇنداق، ئۇنىڭغا يېزىلغىنى دەل «سۇدىن مۇداپىئەلىنىش»، ھەرگىزمۇ «IP دەرىجىسىدىكى سۇدىن ساقلىنىش تەستىقىدىن ئۆتكەن» دىگەن خەتلەر ئەمەس. ( ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سامسۇڭ Galaxy S5 يانفونى دەل IP دەرىجىسىدىكى سۇدىن مۇداپىئەلىنىش تەستىقىدىن ئۆتكەن)
بىراق، «نامى ماتىرىيال قەۋىتى» ئىزچىل ھالدا موتورولا شىركىتى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقان بىر خىل يۇقىرى تېخنىكا بولۇپ، MOTO G ۋە MOTO X يانفونلىرىنىڭ ھەممىسىگە بۇ خىل تېخنىكا ئاساسىدىكى سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى قوشۇلغان، بىراق، Nexus 6 گىچۇ؟ ئۇمۇ يۇقارقى يانفونلارغا ئوخشاش «سۇغا چۆكەلەمدۇ-يوق؟»

جاۋابى: دەرۋەقە شۇنداق! ھېچبولمىغاندا، نۆۋەتتە دۇنياغا داڭلىق ۋىدىئو ئورتاقلىشىش تور بېكىتى بولغان You Tube دا ئۇنىڭغا ئائىت بىر قىسقا فىلىم تارقىتىلغان، بۇ ۋىدىئودا Nexus 6 يانفونىنى سۇ ئاستىغا چۆكتۈرگەندىن كېيىن، سىمسىز زەرەتلەش ئىقتىدارىنىڭ نورمال ئىشلىگەنلىكى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر قىستۇرۇلغان.
بىراق، ۋىدىئو مەزمۇنىدىن Nexus 6 يانفونىنىڭ سۇ ئاستىدا 30 مىنۇت تۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان-بېرەلمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالمايمىز، شۇنداقتىمۇ، جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى، ئەگەر Nexus 6 ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى سۇدىن چىقىرىپ داۋاملىق نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ!
يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان قىسقا ۋىدىئونى يوللىغۇچىنىڭ دىيىشىچە، ئۇ Nexus 6 يانفونىنى سۇغا چىلاپ ئالغاندىن كېيىن، يەنىلا نورمال ئىشلەتكىلى بولغان، بەلكىم بۇ ھەممەيلەن ئاڭلاشقا تەقەززا بولغان جاۋاب بولۇشى مۇمكىن.

نۇر تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋىلىڭ : Nurhawar

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش