ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
ئىكران گىرۋىكى ئەڭ تار لايىھەلەنگەن LG G2 يانفونىغا نەزەر
مەنبە :
2013-09-25 01:50:05
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرى سامسۇڭ شىركىتى تەرىپىدىن قاتتىق مونوپول قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر ئوخشاشلا كورىيەدە پۇت دەسسەپ تۇرۇۋاتقان يەنە بىر داڭلىق شىركەت LG نى زادى نېمە قىلىپ يۈرۈۋاتقاندۇ؟ خەلىقئارا بازاردا نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغاندۇ؟ دەپ دەرگۇمان بولماقتا. ئېنىقكى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ساھەسىدىن ئىبارەت بۇ بازار ناھايىتى چوڭ بىر تورتقا ئوخشايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، «ھايات ناھايىتى گۈزەل» (Life is Good) دېگەن سۆزنى ئۆزىگە ماركا قىلغان LG شىركىتى ھەرگىزمۇ بۇ تورتنى قولدىن بىرىپ قويۇشنى خالىمايدۇ.
2012-يىلى9-ئايدا، باشقا يانفون شىركەتلىرىنىڭ كۈچلۈك رىقابەت بېسىمى ئاستىدا بىر چەتكە چىقىپ قىلىشقا ئازلا قالغان LG شىركىتى ئاخىرى Windows Phone دىن ۋاز كېچىپ، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ،LG Optimus G ۋە LG Optimus G Pro قاتارلىق بايراقدار ئاندىرويىد يانفونلىرىنى ئېلان قىلدى، ئەلۋەتتە، سەپلىمە، تاشقى كۆرۈنۈش ۋە ئىقتىدار جەھەتتە باشقا بايراقدار يانفونلاردىن قىلىشمايدىغان بۇ مەھسۇلاتلار ئىستېمالچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
ئورگان تەرەپ ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلى بىرىنچى پەسىل ئىچىدە،LG ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلىرىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى 10 مىليون 300 مىڭ دانىگە يەتكەن بولسىمۇ، بىراق، سېتىلىش مىقدارى ۋە دۆلىتىمىز ئىستېمالچىلىرىنىڭ ياقتۇرۇش دەرىجىسى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا بىر قەدەر كەينىدە تۇرۇپ قالغان، باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ سېتىلىش مىقدارىغا جۇڭگولۇق ئىستېمالچىلارنىڭ ئانچە تۆھپىسى قوشۇلمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن،LG شىركىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، يەرلىك بازار ۋە شىمالىي ئامېرىكا رايۇنى دەل ئۇنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆز-ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشىدىكى ھالقىلىق بازارغا ئايلىنىپ قالغان، بىراق، بۇنىڭلىق بىلەنLG نى جۇڭگو بازىرىدىن ۋاز كەچتى دەپ قاراشقا بولمايدۇ، يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان LG G2 يانفونى Optimus تۈرى دىگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىۋەتكەندىن كىيىن، ناھايىتى تېزلا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئىستېمالچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
ئالدىنقى قاتاردىكى يانفون كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، LG شىركىتى يانفونلىرىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىڭ لايىھىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ ھەمدە بۇ جەھەتتە خىلىلا ئۈستۈنلۈككە ئىگە. گەرچە كىشىلەر سامسۇڭ ۋە LG يانفونلىرىنىڭ لايىھىسى بىر-بىرىگە يىقىنلىشىپ قالىدۇ دەپ قاراشسىمۇ، بىراق، ئوخشاشلا يېڭىلىقنى قوغلىشىدىغان ۋە مودىغا ئىنتىلىدىغان بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ھەر ئىككىلىسى كورىيەدە بولغاچقا، لايىھە ئۇسلۇبىدا ئاز-تولا ئوخشاشلىقنىڭ بولۇشىمۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.
G2 يانفونىنىڭ ئىكران ۋە يان تەرەپ گىرۋىكىنىڭ ئارىلىقى ئىنتايىن يىقىن، گىرۋىكى دەرىجىدىن تاشقىرى تار بولغاچقا، ئالدىنقى يۈزىدىن قارىغاندا، كىشىگە ناھايىتى نەپىس تۇيغۇ بىرىدۇ. بۇ يانفوننىڭ تاشقى شەكلىنى ئىنتايىن مودا دىگەن بىر ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن. يانفون ئارقا يۈزىگە ئازراق كۆپۈپ تۇرىدىغان سېزىقچىلار چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆزگىچە تەرىپى شۇكى، يانفوننىڭ كونتىرول كۇنۇپكىسى ئۇنىڭ ئارقا يۈزىدىكى كامېرانىڭ ئاستى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئومومەن ئېيتقاندا، بۇ يانفون كىشىلەرنىڭ كۆرۈش سېزىمى ۋە تۇتۇش سېزىمىغا ئوخشاشلا جەڭ ئېلان قىلغان.









...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش