ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
iPad 5 نىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى
مەنبە :
2013-10-03 22:21:10

ئىلگىرىكى مەلۇماتلاردىن ھەمدە ئاشكارلانغان سۈرەتلەردىن قارىغاندا، سىرتقى لاھىيلىنىشىدە كۆپ ئۆزگىرىش بولمىغان ئالدىنقى تۆت ئەۋلاد iPad كە سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى iPad 5 نىڭ لاھىيلىنىشى iPad mini گە يېقىنلىشىپ قالىدىكەن، ئالدى ئىكران رامكىسىنىڭ تار بولۇشىدىن سىرت، iPad 5 تېخىمۇ يىنىك ۋە نېپىزلىتىلىپتۇ. تۆۋەندىكى سىندا بۇ نۇقتىلارنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۋالغىلى بولىدۇ.


بۇ سىندىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، iPad 5 نىڭ ئۇزۇنلۇقى 239.2 مىللىمېتىر، بۇ iPad 4 تىن 2 مىللىمېتىر قىسقا، iPad 5 نىڭ كەڭلىكى 169.5 مىللىمېتىر، بۇ iPad 4 تىن 16.2مىللىمېتىر تار. بۇنىڭدىن سىرت قېلىنلىقىمۇ iPad 4 تىن 7.2 مىللىمېتىر نىپىزلىتىلىپتۇ.
iPad 5 نىڭ ئاشكارىلانغان خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا بازارغا سېلىنىش ۋاقتىغىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت قالماپتۇ، بەلكىم 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رەسمى iPad 5 ۋە iPad mini 2 لەرنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن.
...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش