ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
ئالما مۇزىكا مۇلازىمىتى مونوپول قىلىشقا قارشى تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلدى
مەنبە : نۇر تورى
2015-07-14 12:53:06

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

13-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن خەۋىرى، چەتئەل تېخنىكا تورى engadget نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى فېدېراتسىيە سودا كومىتىتى ئالما شىركىتىنىڭ Apple Music مۇزىكا مۇلازىمىتىنىڭ مونوپول قىلىشقا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا خلاپلىق قىلغان-قىلمىغانلىقىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنكەن.

Apple Music بولسا ئالما شىركىتى بۇ يىل 6-ئايدىكى WWDC يىغىنىدا ئېلان قىلغان مۇزىكا مۇلازىمىتى. Jango، Spotify ۋە Rhapsody قاتارلىقلار تەمىنلىگەن ھەرتۈرلۈك مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رىقابەت رەقىبلىرى ئالمىنىڭ App Store سۇپىسىدا ئۆزىنىڭ رىقابەتچىلىرىگە مۇلازىمەت تەمىنلەش قىلمىشىنى نامۇۋاپىق دەپ قارىغان. App Store دا، ئابونىتلار ئەپ ئىچىدىكى سىفىرلىق مەھسۇلاتنى سېتىۋالالايدۇ، ئالمىنىڭ ئۈلۈشى %30 گە يېتىدۇ، بۇ بىۋاستە ھالدا ئۇلار ياكى App Store دىكى ھەققى ئالمىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىدىن يۇقىرى بولغان ياكى بىردەك باھانى ساقلىغانلارنىڭ پايدىسىنىڭ ئالمىنىڭ %30 دىن تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەزى خەۋەرلەردە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى فېدېراتسىيە سودا كومىتىتىنىڭ ھازىر بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقى، ئەمما رەسمىي تەكشۈرۈشنى باشلىمىغانلىقى ئېيىتلغان. نۆۋەتتىكى كۆڭۈل بۆلۈش نۇقتىسى App Store بەلگىلىگەن چەكلىمە، iOS ئىچىدە باشقا سۇپىنىڭ ئەپىنى تەشۋىق قىلىشنى چەكلەش، ئابونىتقا بىۋاستە شىركەت تورىدىن سېتىۋېلىشنى ئۇقتۇرۇشنى چەكلەش، ۋە ئەپ ئىچىدىكى زەنجىرسىمان شىركەت تورىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالما شىركىتى ئىزچىل بۇ قىلمىشلارنى قارشى ئالمىغان.

نۆۋەتتە ئالما شىركىتى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى فېدېراتسىيە سودا كومىتىتى ئىككىلىسى بۇنىڭغا قارىتا باھا ئېلان قىلىشنى رەت قىلدى.


...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش