ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
ئالمىنىڭ دۇبەيدىكى پارچە سېتىش دۇكىنىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى 10-ئايغا كېچىكتۈرۈلدى
مەنبە : نۇر تورى
2015-08-24 10:56:28

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:مۇشۇ ھەپتىنىڭ تۆتىنچى كۈنىدىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيىدىن كېيىن ئالما شىركىتىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونى بازىرىدىكى تۇنجى پارچە سېتىش دۇكىنىنىڭ تىجارەت باشلاش ۋاقتى ئاز دېگەندە بىر ئاي كېچىكتۈرۈلگەن. شۇ يەردىكى ئېنگىلىزچە چىقىدىغان 《The National》 ژۇرنىلىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە بۇ پارچە سېتىش دۇكىنىنىڭ تىجارەت باشلاش ۋاقتى 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغا بېكىتىلگەن، ئەمما ھازىر 10-ئاينىڭ ئاخىرىغا ياكى 11-ئايغا كېچىكتۈرۈلگەن. بۇ يىل 5-ئايدا تارقالغان خەۋەرلەردە، بۇ پارچە سېتىش دۇكىنىنىڭ 8-ئايدا تىجارەت باشلايدىغانلىقى ئېيتىلغان، دۇكان بولسا دۇبەينىڭ مال سېتىۋېلىش مەركىزىگە جايلاشقان.

《The National》 نىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆرسىتىشىچە، ئالما شىركىتى يالغۇز مۇشۇ بىر پارچە سېتىش دۇكىنى بىلەنلا توختاپ قالمايدىكەن، ئەبۇزەبىدىن باشقا بۇ شىركەت دۇبەيدىكى مال سېتىۋېلىش مەركىزىە يەنە بىر دۇكان ئاچىدىكەن. ھەپتىنىڭ ئۈچۈنچى كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە دىيىلىشىچە، ئالما شىركىتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە بېسىم قىلىپ «چەتئەل ئىگىدارلىق ھوقوقى قانۇنى» دىكى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، بۇنداق بولغاندا ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ شارائىتى بويىچە پارچە سېتىش دۇكىنىنى ئاچالايدىكەن، ئەگەردە بۇ خىل كەچۈرۈم قىلىش ھوقوقىغا ئېرىشەلمىسە بۇ دۇكاننىڭ %51 پاي ھوقوقى شېرىكلەشكەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كىشىسىگە تەۋە بولىدىكەن.

ئۆتكەن بىر نەچچە يىل جەريانىدا ئالما شىركىتىنىڭ مالىيىنى كونترول قىلىش جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرى مەزكۇر شىركەتنى بۇرۇن پارچە سېتىش دۇكىنى ئېچىپ باقمىغان دۆلەتلەردە پارچە سېتىش دۇكىنى ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان، تۈركىيە بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى بولالايدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئالما شىركتىنىڭ بېلگىيىدىكى تۇنجى پارچە سېتىش دۇكىنى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى تىجارەت باشلايدىكەن.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش