ئىزدەخەۋەر > پەن- تېخنىكا >
Smart Mug ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىستاكان
مەنبە :
2013-10-30 13:34:25

Smart Mugنىڭ لاھىيلىنىشى ئاددى بولغان چوڭ ئىستاكان بولۇپ، سىرىتقى تەرىپىگە تىمپىراتۇرىنى كۆسەتكۈچى LEDچىراق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىستاكاندىكى چاي، قەھۋە قاتارلىق ئىچىملىكلەرنىڭ تىمپىراتۇرىسىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىكەن. Smart Mugدا ئالتە دانە LEDچىراق تىمپىراتۇرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان بولۇپ، 50 سىلسىيە گىرادۇستىن باشلىنىپ قانچە يۇقىرى بولغانسىرى تىمپىراتۇرىنىڭ شۇنچە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىكەن. 75 سىلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغاندا ئاپلىسىن رەڭلىك چىراق يورۇيدىغان بولۇپ، سىزگە ئىچىشكە بولمايدىغانلىقىدىن سىگنال بېرىپ تۇرىدىكەن. Smart Mugغا ھېچقانداق باتارىيە ياكى توك زەرەتلەش دىگەندەك ئاۋارىچىلىقلاردىن خالىي بولۇپ، ئۇ تېمپىراتۇرا پەرىقىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىدىكەن، شۇنداقلا ئىچكى دېتاللار بىلەن ئىستاكان ئاساسىي قىسىمى پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، سۇغا قارشى لاھىيلەنگەن بولۇپ، قاچا يۇيۇش ماشىنىسىغا سېلىپمۇ پاكىزلاشقا بولىدىكەن.


...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش