ئىزدەخەۋەر > تاماشا >
«فرانسىيە ساداسى» مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى كەنجى ژىغاك
مەنبە : نۇر تورى
2016-01-21 16:34:13

فرانسىيەلىك ناخشىچى كەنجى ژىغاك 1996-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلغان، ئۈچىنچى پەسىلىك «فرانسىيە ساداسى : ئەڭ گۈزەل ئاۋاز» (فرانسىيە ياخشى ئاۋازى) مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى.

كەنجى ژىغاك فرانسىيە بېرگېراكتا ئىسپانىيە سىگان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى، ئۇ كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ بوۋىسىدىن ناخشا ئېيتىش ۋە گىتار چېلىشنى ئۆگەنگەن. كەنجى 13 يېشىدا ئوقۇشنى تاشلاپ ئائىلە ئىگىلىكىگە ياردەملەشكەن، ئۇنىڭ ئانا تىلى كاتالان تىلى.

كەنجى ژىغاك «فرانسىيە ساداسى : ئەڭ گۈزەل ئاۋاز» مۇسابىقىگە تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندا ماترې گىمس (فرانسىيەلىك ئافرىقان ناخشىچى) نىڭ ناخشىسى «Bella» نى ئېيتقان، نەتىجىدە پەقەت يېتەكچى مىكا (لىۋان-ئامېرىكا ئارىلاش قان ناخشىچى) لا كەنجى ئۈچۈن بۇرۇلغان، قالغان ئۈچ يېتەكچى كەنجىدىن ئانچە رازى بولمىغان لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كەنجى ژىغاك تاماشىبىنلار تاشلىغان %51 بېلەتكە ئېرىشىپ چېمپىيون بولغان.

bella

كەنجى ژىغاكنىڭ تۇنجى رەسمي ناخشىسى «Color Gitano»

2014-يىلى ئالتىنچى ئايدا ئېلان قىلىنغان، رەسمىي پلاستىنكىسى 9-ئايدا تارقىتىلغان. شۇ يىلى 12-ئايدا كەنجى ژىغاك NRJ Music Award مۇزىكا مۇكاپاتى يىللىق ئەڭ ياخشى ناخشا ۋە يىللىق ئىلگىرىلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ پلاستىنكىسى «كەنجى» 2015-يىلى 1-ئايدا تارقىتىلغان. ھازىرغىچە كەنجى ژىغاكنىڭ پلاستىنكىسى 1 مىليون 200 پارچە سېتىلغان. بۇ نەتىجە بىلەن كەنجى يالغۇز فرانسىيەلا ئەمەس پۈتكۈل دۇنيا تەۋەسىدىكى «The Voice ساداسى» («ياخشى ئاۋاز») ماھىرلىرى ئارىسىدا پلاستىنكىسى ئەڭ ياخشى سېتىلغان ناخشىچى بولۇپ قالدى.

كەنجى ژىغاكنىڭ تۆتىنچى يەككە ناخشىسى «Conmigo» 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى تارقىتىلدى. ئۇنىڭ ئىككىنچى پلاستىنكىسى «Ensemble» شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى تارقىتىلدى.

...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش