ئىزدەخەۋەر > تاماشا >
سۇڭ جۇڭكى بىلەن سۇڭ خيېكيو 2016-يىللىق ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتقا ئېرىشتى
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-03 11:04:30

«بۈگۈنكى خەۋەلەر تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كورېيە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «قۇياش ئەۋلادى» بەلكىم كەڭ مەستانىلەرنىڭ نەزىرىدىكى 2016-يىلدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولسا كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىكى «قوش سۇڭ»مۇ ئوخشاشلا تاراتقۇلارنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقان ئەر باش پېرسوناژ بىلەن ئايال باش پېرسوناژغا ئايلاندى. ئۇلار 2016-يىلنىڭ ئاخىرقى كېچىسى ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ھەممەيلەننىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىنغاندا، «قۇياش ئەۋلادى»دىكى ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق ھاياجانلاندى.

سۇڭ خيېكيو كۆزلىرىگە ياش ئالغىنىچە سۆز قىلىپ: «تېلېۋىزىيە تىياتىرى گەرچە ئىنتايىن ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق مەندە يەنىلا نۇرغۇنلىغان يېتەرسىزلىكلەر بار. راست گەپنى دېسەم، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمدىن خىجىللىق ھېس قىلىمەن. <قۇياش ئەۋلادى> تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى كۆرمىگىنىمگىمۇ خېلى ئۇزۇن بولۇپتۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى جاپا چەكتى.

مەن تۇنجى قېتىم بۇنىڭغا قاتنىشش تەكلىپىگە ئېرىشكەن چېغىمدا، نۇرغۇن قېتىم ئويلانغان. ماڭا جۈرئەت ئاتا قىلغان رېژىسسور ۋە سىنارسىتقا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. مەن يەنە ئىزچىل مېنىڭ يېنىمدا تۇرۇپ ماڭا ياردەم بەرگەن ئەترەت ئەزالىرىغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، رەھمەت سىلەرگە» دېدى.

«مېنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلىشىمدىكى سەۋەب بولسا، چۈنكى مەن ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچى سۇڭ جۇڭكىنىڭ بولۇشىدا. ئەگەر سۇڭ جۇڭكى بولمىسا، مەن بۇ ئورۇندا تۇرالمايتتىم. يەنە كىم جىۋون، جىن گو ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت ئېيتقۇم بار».

سۇڭ جۇڭكى سۇڭ خيېكيونىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان چاغدىلا، كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى.

ئۇ باشتىن-ئاخىرى ئۇنىڭ گېپىنى كۆز ياشلىرى ئىچىدە ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن: «ھەربىر كۆرۈرمەنگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. مەن قىسىمدىكى ۋاقتىمدا بۇ سىنارىيەنى قولۇمغا ئالغان. رېژىسسورنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. يەنە بىزنىڭ خىزمەتچى خادىملار مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر ئەسەرنى يىزىپ چىققانلىقىغىمۇ كۆپ تەشەككۈر. جىن گو ئاكامنى كۆرەلمىگىنىمگە سەل ئەپسۇسلىنىمەن. ئۇ مېنىڭ كۈچلۈك ئارقا تېرىكىم بولۇپ، ماڭا كۆپ ياردەملەرنى قىلدى. ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ مىننەتدارمەن» دېدى.

سۇڭ جۇڭكىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋاتقان جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ سېستىرالار باشلىقى ئۇلاردىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغىنىچە، كۈلۈپ قويدى.

كىم جىۋونمۇ كۆزىگە ياش ئالغىنىچە، ئۇلارغا ئۈن-تۈنسىز قاراپ تۇردى.

يېڭى ئەسكەرمۇ ئاللىبۇرۇنلا كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالغانىدى.

گەرچە نۇرغۇنلىغان پىرسوناژلار مۇراسىمغا كېلەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق، ئۇلارنىڭ قەلبى مەڭگۈ «قۇياش ئەۋلادى» بىلەن بىرگە.

ئاخىرىدا، كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا ئىككەيلەننىڭ نەق مەيداندا ئورۇندىغان «قۇياش ئەۋلادى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ناخشىسىنى سۇندۇق.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

izda
  • 01
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش