ئىزدەخەۋەر > تاماشا >
سالمان خاننىڭ ئەڭ يېڭى فىلىمى «Tubelight»نىڭ رەسمىي مۇقەددىمە فىلىمى ئېلان قىلىندى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-27 16:56:14

مۇقەددىمە فىلىم ئاخىرى كەلدى! سالمان خان باش رول ئالغان، كەبىر خان رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «Tubelight»نىڭ ئورگان تەرەپ مۇقەددىمە فىلىمى ئېلان قىلىندى. بۇ مۇقەددىمە فىلىمى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلىرى بىلەن كىشىنى جەلپ قىلىدۇ. سالمانخان ئىنىسى (رول ئالغۇچى دەل سالمان خاننىڭ ئۆز ئىنىسى سوھايىل خان) ئۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ ۋە ئىنىسى قازا قىلغاندىن كېيىن ئۆزىمۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. بۇ مۇقەددىمە فىلىمدە فىلىمگە مېھمان رول سۈپىتىدە قاتناشقان شاھرۇھ خاننىڭ بىر كۆرۈنۈشىمۇ بار.

مۇقەددىمە فىلىم ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا، سالمان خان ئىنسى سوھايىل خان بىلەن كىنو ئىشلەش توغرىسىدىكى تەسراتىنى بايان قىلىپ بۇنداق دېدى:« بۇ فىلىم بىر ھېسسىيات سەپىرى، مەن ئىنىمدىن ئايرىلىپ قالىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئالغاندا ئىچ-ئىچىمدىن ئازابلاندىم فىلىمگە ئاۋاز بېرىۋاتقاندا، بىر قۇرامىغا يەتكەن ئەر كىشى بولساممۇ، بولساممۇ كۆز ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم...»

«Tubelight»نى كەبىر خان يازغان ۋە رېژىسسورلۇق قىلغان.فىلىم 1962-يىلىدىكى جۇڭگو-ھىندىستان ئۇرۇشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. بۇ فىلىم بۇ يىل روزا ھېيتتا قويۇلىدۇ.




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش