ئىزدەخەۋەر > تاماشا >
ناخشىنى يالغان «ئېيتىپ» ئاشكارىلىنىپ قالغان 7 چولپان
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:24


2011-يىلى ئارتىس خۇجىڭ ئۆزىنىڭ يېڭى پىلاستىنكىسىنى ئېلىپ ناخشا مەستانىلىرى يىغىلىشىغا قاتنىشىدۇ، ئەمما ئېغىز شەكلى ناخشا بىلەن ماس كەلمىگەچكە يالغان ئېيتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، خۇ جىڭ مۇخبىرلارنىڭ ئالدىدا ئۈنسىز يىغلاپ، ئۆزىنىڭ يالغان ناخشا ئېيتقانلىقى ئۈچۈن ئەپۇ سورىغان، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولمىغاچقا، مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى دېگەن.

لىن يىچېن «سىرتقا چىقىش»《外出》 فىلىمىنىڭ تەشۋىقات پائالىيىتىدە ناخشا ئېيتقاندا، تەڭكەش مۇزىكا قېتىۋالىدۇ، لىن يىچېننىڭ ئاۋازىمۇ تەڭ قېتىۋالىدۇ، يالغان ئېيتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن لىن يېچىن ناھايىتى گاڭگىراپ قالىدۇ، تەلىيىگە رىياسەتچى دەل ۋاقتىدا چىقىپ ئۇنى گاڭگىراشتىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.

2008-يىلى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە جاڭ زىيى يالغۇز كىشىلىك ناخشا «پەرىشتىنىڭ گۈل بەرگى چېچىشى» نى ئېيتماقچى بولىدۇ، مۇزىكا قويۇلۇپ «吉祥» دەيدىغان يېرىگە كەلگەندە، ئۇ «花» دەپ ئاغزىنى يوغان ئاچىدۇ، يالغان ئېيتقانلىقى بەك چېنىپ ئۆتۈپ كەتكەچكە، ئادەمگە بەك قىزىقارلىق تۇيۇلىدۇ.

جوۋ بىچاڭ بېيجىڭدا ناخشا مەستانىلىرى يىغىلىشى قىلغاندا، تاماشىبىنلار ئۇنىڭغا گۈل تەقدىم قىلىدۇ، ئۇ گۈلنى ئېلىۋاتقاندا، مىكروفون ئاغزىدىن ئېلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ ناخشا قويۇلىۋېرىدۇ، ھەر ھالدا جوۋ بىچاڭ زېرەكلىك بىلەن قايتا ئېيتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئوڭايسىزلىقنى يوقىتىدۇ.

26-نۆۋەتلىك ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى نەق مەيدان كۆرۈنۈشىدە توڭ لىيا بىلەن چېن سىچىڭ بىللە پەيدا بولۇپ، «ئۇچرىشىش»《遇见》ناملىق ناخشىنى بىللە ئېيتىدۇ، تاماشىبىنلار توڭ لىيانىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى بىلىپ قالغاچقا، توڭ لىيا مىكرو بىلوگى ئارقىلىق تورداشلاردىن كەچۈرۈم سورايدۇ.

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پانۇس بايرىمىلىق كېچىلىكىدە، سا دىڭدىڭ مىكروفوننى تەتۈر تۇتىۋېلىپ ناخشا ئېيتىدۇ، كېيىن تېز سۈرئەتتە توغرىلاپ داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتىدۇ، قارىماققا بەك كۈلكىلىك. تورداشلار سۆز قالدۇرۇپ:«يالغان ناخشا ئېيتىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى يارىتىلدى، قايىل بولدۇق»، «360 گرادۇسلۇق ناخشىنى يالغان ئېيتىش بولدى» دېيىشكەن.

نا يىڭنىڭ تېخىمۇ قىززىق، ناخشا ئېيتىپ، تاماشىبىنلار گۈل تەقدىم قىلغاندا دىققەتسىزلىكتىن ئۈزۈكىنى يوقىتىپ قويىدۇ، مىكروفوندا ئاچچىقلاپ ۋارقىراپ: ئۈزۈكنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ئۈزۈكنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، دەيدۇ. شۇ پەيىتتە نەق مەيداندا نا يىڭنىڭ يېقىملىق ناخشا ئاۋازى قويۇلۇپ كېتىدۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن نايىڭ چۈشەندۈرۈپ: ئەسلىسىنى ئۆزۈم ئېيتقان بولغاچقا، يالغان ئېيىتقان ھېسابلانمايمەن، دەپ تۇرىۋالغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش