ئىزدەخەۋەر > تاماشا >
رولدا ھەم تۇرمۇشتا غەلىتە يول تۇتىدىغان «كاپىتان جەك» رولىدىكى--جوننى دەپ
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:17

14 يېشىدا زەھەر چەككەن، 15 يېشىدا ئوغرىلىق قىلغان، 53 يېشىدا 650 مىليونلۇق قىممەتكە ئىگە بولغان چولپان.

«كارب دېڭىز قاراقچىسى» 6 يىلدىن كېيىن ئاخىر قايتىپ كەلدى!

جوننىي دەپ رولىنى ئالغان ئۆپكىسى يوق «جېك كاپىتان» ھەممىڭلارنىڭ ئېسىدە بارغۇ دەيمەن؟

يېقىنقى بىر قانچە كۈندە نۇرغۇن ئادەم دەپ تاغىمىزنىڭ مەستانىلىرىگە تەلۋىلەرچە ئىمزا قويۇپ بەرگەن رەسىملىرىنى كۆپ كۆردى.

باشقا ئىمزا قويۇپ بېرىشنى خالىمايدىغان چولپانلارغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن چوڭ سېلىشتۇرما. مەسىلەن: جاڭ ۋېي

دەپ تاغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن «مېنى قويىۋېتىڭلار، مەن يەنە ئىمزا قويىمەن» دەۋاتقاندەكلا. بۇ ھەرىكەت ئىمزا قويۇپ بېرىش تارىخىدىكى ئۈلگە خاراكتېرىلىك ھەرىكەت دېيىشكە بولىدۇ.

بۇنداق ئىش پەقەت بىر قېتىملا يۈز بەرمىدى، دەپ مەستانىلىرىگە بەكمۇ كۆيۈنىدۇ، ئامال يوق.

ئۇنىڭ ئالغان ئاجايىپ-غارايىپ روللىرى تاماشا ساھەسىدە ئۆچمەس نامايەندە بولغان. ئۇ غەلىتە روللارنى ئېلىشقا ئامراقراق، ھەر قېتىم ئۇ ئۆزگىچە بولغان ئوبرازلارنى ئېكراندا نامايەن قىلىدۇ. مەسىلەن: كۆرۈنۈشى غەلىتە، قەلبى مۇھەببەتكە تولغان قايچا قول ئېدۋارد.

مېڭىسىنىڭ سۈيى باردەك، دەلتە ئەمما باشتىن-ئاخىر ئەلىسنى قوغدايدىغان ساراڭ شىلەپىلىك.

غەلىتە ئەمما ئەقىللىق شاكىلات زاۋۇتىنىڭ غوجايىنى ۋېل لۇكا.

قارا رەڭ ئاساسىي رەڭ قىلىنغان ئەمما ئادەمنىڭ قەلبىدە ئىللىق سېزىم پەيدا قىلىدىغان «مۇردا كېلىن» دىكى ئەر باش پېرسوناژغا دەپ ئاۋاز بەرگەن.

ئەلۋەتتە يەنە بالىلىقىمىزغا ھەمراھ بولغان ئۆز بېشىمچى ھەم سۆيۈملۈك ھەم نايناقلىقى بىلەن دىققەتنى ئالاھىدە تارتىدىغان كاپىتان جېك.

ھەر خىل قارىماققا غەلىتە كۆرۈنىدىغان ئوبرازلاردىن يەنىلا بىر خىل ساددىلىقنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، خۇددى ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش قارىماققا غەلىتە ئەمما ئىچكى دۇنياسى ساددا.

ئاجايىپ-غارايىپ ھەر بىر ئوبرازنىڭ كەينىدە ئۇنىڭ سايىسى بار.

«مەن غەلىتە بالا، ھېچكىم مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ.»

بۇ غەلىتىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ سەۋەبى بار، ئادەتتىكى باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدىغان دەپنىڭ بالىلىقى نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارغا ئۇچرىغان.

12 يېشىدا دادىسى ئاشنا تۇتىۋالغاچقا، ئىللىق ئائىلىسى ۋەيران بولىدۇ.

15 يېشىدا ئاتا-ئانىسى ئۇرۇشۇپ، جېدەللىشىشتىن زېرىكىپ، ئاجرىشىشنى تاللايدۇ، بۇ ئىش ئەمدى ياشلىققا قەدەم قويىۋاتقان دەپكە قاتتىق زەربە بولىدۇ.

گۆدەك دەپ تېخى بۇ ئائىلىدىكى ئۆزگىرىشتىن ئېسىگە كېلىپ بولالمىغاندا، ئانىسى مۇھەببەتلىشىپ، يەنە بىر قېتىم توي قىلىدۇ. لېكىن ئۇ بۇ سەۋەبلىك بىر نورمال ئائىلىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

ئۇ كۈنلەردە دەپ نورمال بىر ۋاقلىق ئائىلە تامىقىمۇ يېيەلمەيدۇ، ھەمىشە قاۋاقخانىدا يېرىم كېچىگىچە يۈرسىمۇ ھېچكىم ئىزدەپ قويمايدۇ.

دەپ مۇنداق دەيدۇ: «12 يېشىمدا تاماكا چېكىشنى ئۆگەندىم، 13 يېشىمدا <پاراكەندىچىلىك> كە ئۇچرىدىم، 14 يېشىمدا نەشىنىڭ تەمىنى تېتىپ باقتىم، 16 يېشىمدا تاللا بازىرىدىن بىر نەرسە ئوغىرلاپ باقتىم.»

ئۇ مۇزىكىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ ئىلگىرى «ئالۋاستى روك چولپىنى» مارلىن مەنسون بىلەن بىر سەھنىدە نومۇر ئورۇنلىغان. بەلكىم مەنسوننىڭ غەلىتىلىكى دەل ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى ئارزۇسىغا ماس كەلسە كېرەك.

مارلىن مەنسوننىڭ ئادەتتىكى تۇرقى مانا مۇنداق.

ئۇ رەسىم سىزىشقا ئامراق، ئۆزى سىزغان ئۆزىنىڭ پورتىرىتىغا ئىشلەتكەن رەڭ ۋە ئۇسلۇب يەنىلا غەلىتە.

«جوننىي دەپنىڭ تەرجىمىھالى» دا ئۇ ئۆزىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «مەن غەلىتە بالا، ھېچكىم مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ. مېنىڭ بۇ بېشىڭنى يەيدىغان مەكتىپىمدە ئوقۇغۇچىلار ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ: پۇلدار بالا، ئەقىللىق بالا، سەھرالىق بالا. ئەمما مەن يېڭى دەرىجە پەيدا قىلدىم، يەنى تۆتىنچى دەرىجە: غەلىتە بالا. شۇڭا ئەزەلدىن ھېچقانداق بىر قىز بالا ماڭا ئۇدۇلدىن قاراپ باقمايتتى.»

ھېچكىم ئۇنى دۇنياغا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا يېتەكلىمىگەن، ھېچكىم ئۇنىڭغا بىر بالا ئېرىشىشكە تېگىشلىك مۇھەببەتنى بەرمىگەن، شۇڭا ئۇ ئۆز ئۇسۇلى بويىچە بۇ غەلىتە دۇنيا ھەققىدە ئىزدەنگەن.

ئۇنىڭ مۇھەببەت تۇرمۇشى كىنودىكىدىن رەڭدار، ئەمما ھازىر ئۇ بويتاق. دەپ ئىلگىرى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىزنى ئۇچراتقان، ئۇ «قايچا قول ئېدۋارد» نى سۈرەتكە ئالغاندا باش پېرسوناژ ۋىنونانى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان.

ھەممە ئادەم بۇ ئىككىسى بەك ماس كەپتۇ دېيىشكەن، لېكىن چۆچەكلەردىكىدەك مۇھەببەت تېزلا ئاياغلاشقان.

كېيىن ئۇنىڭ قىز دوستى، ئايالى تولا ئالماشقان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مودېل، ناخشىچى، ئارتىسلار بار.

گەرچە ئۇنىڭ بىر قىزى بولسىمۇ لېكىن ئائىلە باشتىن ئاخىر ئۇنىڭ قەلبىنى ئىللىتالمىدى. ئۇنىڭ ياخشى ئەر ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ، ھەتتا ئۆتكەن يىلى ئۇ ئۆزىدىن 27 ياش كىچىك ئايالىغا زوراۋانلىق قىلغانلىقى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

گەرچە ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىز بىلمىسەكمۇ لېكىن ئىككەيلەننىڭ ئاجرىشىش ماجراسى ناھايىتى قىززىپ كەتتى. دەپنىڭ ئوبرازى دەخلىگە ئۇچرىدى، ھازىر ئۇ يەنە يالغۇز بويتاققا ئايلاندى.

شۇنداقلا ئۇ تۇرمۇشتا پۇلغا كۆمۈلۈپ كەتكەن ئادەم. 650 مىليون دوللارلىق بايلىققا ئىگە. لېكىن خالىغانچە پۇل خەجلەيدىغان بولغاچقا، ئىقتىسادى كىرزىسكە پېتىپ قالدى.

ئۇ تۇرمۇشتا بەك ئىسراپخور، 45 ھەشەمەتلىك ماشىنىسى، 14 يەردە شەخسىي تۇرالغۇسى بارلىقىنى دېمەيلا تۇرايلى، ئۇ يەنە ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئارتىس مارلىن مونرو قاتارلىق داڭلىق چولپانلارنىڭ خۇسۇسىي بۇيۇملىرىنى يېغىپ ساقلايدۇ. بۇ بۇيۇملارنى ئۇ كىم ئارتۇق سودىسىدا قىممەت باھادا سېتىۋالغان.

دوستىنىڭ ۋەسىيىتىنى تاماملاش ئۈچۈن ئۇ 5 مىليون دوللار خەجلەپ، دوستىنىڭ جەسەت كۈلىنى ساليوت زەمبىرىكىگە سېلىپ، كولورادو شىتاتىنىڭ ئاسمىنىغا قويۇپ بەرگەن.

خۇددى ئۇنىڭ بۇ دوستىغا ئىپادىلىگەن مۇھەببىتىگە ئوخشاش، ئۇ بۇ دۇنياغا نىسبەتەنمۇ مۇشۇنداق غەلىتە ھەم ئەسەبىي ئۇسۇلدا ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ.

بەزىلەر ئۇنى ئات ئادەم پودىرىكقا ئوخشىتىدۇ، نام چىقارغاندىن كېيىن خۇدىنى يوقاتتى دەپ قارايدۇ.

لېكىن دەپ خۇدىنى يوقاتتىمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەسلى ئۇنىڭ ئۆزى، پەقەت بىز بىلەن ئازراق ئوخشىمايدىغان يېرىلا بار.

مەيلى رولدا بولسۇن ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن ئۇ بىر غەلىتە ئادەم. ئۇ ياراتقان ھەر بىر ئوبرازغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ھەممىسى بىر-بىرىدىن ئۆتە غەلىتە.

لېكىن بىز يەنىلا بۇنداق غەلىتىلىكنى ياقتۇرىمىز، بەلكىم بۇ غەلىتە ئادەملەر بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكى ئۆزىمىزدەك ياشىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. ئەركىن-ئازادە، چوڭ بولۇشنى رەت قىلىدىغان، دۇنيانىڭ قىيىنچىلىقىغا باش ئەگمەيدىغان، مەڭگۈ يەنە شۇ غەلىتە، تەنھا كىچىك بالىدەك..




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر

  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش