ئىزدەخەۋەر > تاماشا >
ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك كىنو ئارتىسلىرى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:33

مورگىن فرېمەن: ئامېرىكا

مورگىن فرېمەن Morgan Freeman ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى 50 يىللىق كىنو تارىخىدىكى ئورنىنى تەۋرەتكىلى بولمايدىغان كىنو ئارتىسى، 2005-يىلى ئۇ «مىليون دوللارلىق گۆھەر» ناملىق كىنو ئارقىلىق 77-نۆۋەتلىك ئوسكار ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، 2010-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا كىنو ئىنىستېتوتىنىڭ ئۆمۈرلۈك نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇ باش رول ئالغان «شاۋشاڭكنىڭ قۇتۇلۇشى» ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ نادىر فىلىملەرنىڭ بىرسى.

روۋېن ئەكىنسون: ئەنگىلىيە

ئۇ 2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە پۈتۈن جاھان ئەھلىنى كۈلدۈرىۋەركەن پۇرچاق ئەپەندى، ئەنگىلىيە خان جەمەتىنىڭ ئەتىۋارلىق مېھمىنى، ئۇ رول ئالغان «پۇرچاق ئەپەندى» يۈرۈشلۈك فىلىملىرى پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، مۇشۇ كىنو ئارقىلىق نۇرغۇن كىنو مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. شۇنداقلا ئەنگىلىيەنىڭ ۋاكالەتچىسىگە ئايلانغان. سىز ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، بىراق ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرسىڭىزلا «پۇرچاق ئەپەندى» دەپ توۋلىۋېتىشىڭىز ئېنىق.

ئامىرخان: ھىندىستان

ئامىرخان ھىندىستاننىڭ گۆھىرى، ئۇ رول ئالغان فىلىملەرنىڭ ئىچىدە ياخشى باھاغا ئېرىشمىگەنلىرى يوق. «ئۈچ ئەخمەقنىڭ بوللىۋودنى قالايمىقان قىلىشى»، «pk»، «دانگال» ناملىق فىلىملىرىنىڭ ھەممىسى ھىندىستان فىلىملىرىنىڭ بېلەت رېكوردىنى يېڭىلىغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق كىنوسىنىڭ بېلەت رېكورتىنى يېڭىلىغان.

چېڭلوڭ: جۇڭگو

ئۇ جۇڭگونىڭ ئىسىم كارتىسى، دۇنيادا يۈكسەك ئابروي-ئىناۋەتكە ئىگە، 1954-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى شياڭگاڭدا تۇغۇلغان، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس، ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن: ساقچى ھېكايىسى يۈرۈشلۈكلىرى، مەست گۇمپىسى يۈرۈشلۈكلىرى، ھالقىلىق پەيت يۈرۈشلۈكلىرى، Aپىلانى يۈرۈشلۈكلىرى، 12 مۆچەل قاتارلىقلار بار، ئۇنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرى ئىككى ئەۋلاد كىشىلەرگە ھەمراھ بولدى.

چېڭلوڭ بۈگۈنكى كۈندە «ئوسكار ئۆمۈرلۈك نەتىجە مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش