ئىزدەخەۋەر > تاماشا >
بومباي چۈشى ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىۋاتقان ياش ئارتىس--سانيا مالخوترا
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:34

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەگەر مەن سىزدىن سانيا مالخوترانى بىلەمسىز دەپ سورىسام، سىز بەلكىم «كىمۇ ئۇ» دەپ جاۋاب بېرىشىڭىز مۇمكىن. بىراق «دانگال» ناملىق كىنودىكى تىرىشچان، بوشاشماس ئىرادىسى بىلەن خېلى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ماخاۋىرانىڭ 2-قىزى بابىتانىچۇ دېسەم، سىز چوقۇم «ھە... ئېسىمگە كەلدى، ھېلىقى بۈدرە چاچلىق چىرايلىق قىزنى دەمسىزما، ئۇنىڭ ئىسمى سانيا مالخوترامىكەن» دەيسىز، توغرا، شۇ بۈدرە چاچلىق، قىزنىڭ ئىسمى دەل سانيا مالخوترا. ئۇ يېڭى دېھلىدا تۇغۇلغان.

ئۇ بىر ئايلىق سىناق كۆرۈنۈشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 10 مىڭ سىناققا قاتناشقان قىز ئىچىدىن ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنۈپ، فىلىم ئىشلىگۈچى تەرىپىدىن چېلىشىش ماھىرى بابىتانىڭ رولىنى ئېلىشقا تاللاندى. (ئاسان ئەمەس جۇمۇ!)

گەرچە بۇ كىنودا سانيا مالخوترانىڭ چېلىشىش كۆرۈنۈشى تەخمىنەن 30 سېكۇنتتىن بىر مىنۇتقىچە بولسىمۇ، بىراق ئۇ بەرداشلىق بەرگەن بېسىممۇ باشقا ئارتىسلاردىن قېلىشمايدۇ.

«دانگال» رېژىسسورى نىتتىس تىۋارىنىڭ دېيىشىچە، بۇ قىز ئەزەلدىن ئۇلاردىن گۇمانلىنىپ باقمىغان بولۇپ، چېلىشىش مەشىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەستايىدىل مەشىق قىلغان.

(9 ئاي!!!! پەقەت ۋە پەقەت بىر قانچە كۆرۈنۈش ئۈچۈنلا، بۇ قىزنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ۋە ئىرادىسىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز).

رېئال تۇرمۇشتا سانيا مالخوترا ئەمەلىيەتتە كەسپىي مەشىقلەنگەن بالېت ئارتىسى.

ئۇ ئىلگىرى كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىغا، ئۇسسۇل پىروگراممىلىرىغا قاتناشقان.

بومبايغا ئالاھىدە مېھرى بار بۇ قىز مۇنداق دەيدۇ:
«مەن بۇ شەھەردىن ئايرىلمايمەن، مەن بومباينى ياخشى كۆرىمەن، ئەلۋەتتە، مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئائىلەمدىكىلەرنى سېغىنىمەن. شۇڭا پۇرسەت بولسىلا، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە، ئۇلارنى يوقلاپ تۇرىمەن، بىراق ھەر قېتىم بومبايغا قايتىپ كەلگەندە، ھەمىشە چەكسىز ھاياجانلىنىمەن».

قاتناشقان تۇنجى كىنوسى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەچكە، سانيا سىرتتىكىلەرنىڭ ئۆزىدىن زور ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. قېلىپقا چۈشۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ ئۆلچەمنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەڭ ياخشى سىنارىيە ئەسىرىنى تاللاشنى ئۆزىگە نىشان قىلدى.

ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، سانيا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ «سىرلىق گىگانت چولپان»دىكى ئامىرخان ئۈچۈن بىر يۈرۈش ئۇسسۇل ئىشلەپ بەردى. گەرچە ئۇسسۇلنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى خېلىلا يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق ئامىرخان ئەڭ ئاخىرىدا ئوڭۇشلۇق ئۆگىنەلىدى.

سانيا مالخوترا: «مەن ئۆزۈمنىڭ تالانتىغا ئىشىنىمەن، پەقەت پۇرسەت بولسىلا، ئىپادەمنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك!»

ئەلۋەتتە، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ، ئەمەلىي ئىقتىداردىن كېلىدۇ. بىزمۇ بۇ يەردە سانيا مالخوترادىن ئىبارەت بۇ ساھىبجامالنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بىزگە تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش