ئىزدەخەۋەر > تاماشا >
3 ياشلىق قىز راك كېسىلىگە گىرىپتار مومىسىغا ئىلھام ئاتا قىلىش ئۈچۈن «ئايال چولپان»غا ئايلاندى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:37

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

راك كېسىلى مېدىتسىنادىكى ئەڭ قىيىن مەسىلە. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىدىن كەلگەن نوننېغا سۈت بېزى راكى دەپ دىياگنوز قويۇلدى. بۇ خەۋەر پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرگە بەئەينى ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەكلا ئىش ئىدى. مومىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە چېچى چۈشۈشىگە قاراپ، ئۈچ ياشلىق قىز سىكوئۇت ئىنتايىن بىئارام بولدى.

ئۇنىڭ ئاپىسى ئاشلېي لارسون قىزىغا ئاياللارنىڭمۇ ئوخشاشلا قەيسەر بولالايدىغانلىقىنى، ئاياللارنىڭمۇ «جەڭچى»گە ئايلىنىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر قىسم داڭلىق ئايال چولپانلارنىڭ سۈرىتىنى ئىزدەپ، قىزىغا تەقلىد قىلىشنى بۇيرۇدى. بۇ ئايال چولپانلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ھەممىسى كۈچلۈك ئاياللار ئىدى.

بىرى لارسېن.

مېررىل سىتىرېپ.

مىندىي كارلىڭ.

ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى.

لائۇرېن كوھان (تىرىك مۇردا 3-بۆلۈم).

ئادەل.

كېللىي فىشېر (پىلانېتلار ئارا ئۇرۇشتىكى لېئا مەلىكە).

لىزا كوشىي.

سېلېنا گومېز.

كېيىن سىكوئۇتنىڭ دوراش ئوبېيكتى بارغانسىېرى سەرخىللاشتى. مەسىلەن بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇ ئۆزى ياقتۇرىدىغان دېسنىي مەلىكە ۋە نوننىئې ئېللېن قاتارلىق ئەڭ ياقتۇرىدىغان شەخسلىرى بار ئىدى.

مو ئاننا (دېڭىز-ئوكيان تەقدىرى»دىكى ئايال غوجايىن).

داڭلىق ناتىق ئېللېن.

مايا مىتچېل.

تايلور سىۋىفىت.

ئېمما ۋاتسون.

روۋان بىلانچارد.

ئالان پېگگىي.

دىرېۋ بارريمور.

بۈگۈنكى كۈندە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، مومىسى نوننىېمۇ ئىبلىسنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ، قىزچاقمۇ ئايال چولپانلارنى دوراشتىكى پۈتكۈل جەرياندىن ھوزۇرلاندى. ئاشلېي لارسون قىزىنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى چۈشىنىپ، خۇددى مومىسىغا ئوخشاش كۈچلۈك ئادەمگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش