ئىزدەخەۋەر > تاماشا >
پىرىيانكا چوپرانىڭ سابىق ئوغۇل دوستى «شاھرۇھ خان»مۇ؟
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:43

ئۆتكەن ھەپتە بوللىۋود ئۈچۈن ناھايىتى قىزىقارلىق ھەپتە بولدى. مەسىلەن پرىيانكا پروگراممىدا شاھرۇھ خاننىڭكىگە ئوخشايدىغان چاپىنىنى «سابىق ئوغۇل دوستى»نىڭ دېگەندە بىز ئېغىر خىيالغا چۆكتۇق. بوللىۋود چولپانلىرى دوست-دۈشمەن ئايرىماي كاران جوھارنىڭ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىگە قاتناشتى... تۆۋەندىكىسى ئۆتكەن ھەپتە داڭلىق تور بەتتىكى چېكىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بوللىۋود خەۋەرلىرى

پرىيانكا چوپرا پروگراممىدا تىلغا ئالغان شاھرۇھ خاننىڭ چاپىنىمۇ؟

پرىيانكا چوپرا Dirty Laundryپروگراممىسىغا قاتناشقاندا، رىياسەتچى ئۇنىڭدىن ئەڭ ئامراق خۇرۇم چاپىنىنىڭ قايسى ئىكەنلىكى توغرۇلۇق سورالغاندا،ئۇ:«مېنىڭ ئايرودرومدا كىيگەن چاپىنىم مەن ئەڭ ئامراق چاپان، لېكىن ئۇ مېنىڭ سابىق ئوغۇل دوستۇمنىڭ» دېدى.

پرىيانكا دېپىكانىڭ خاتا ھالدا پرىيانكا دەپ تونۇلۇپ قالغانلىقىغا جاۋاب قايتۇردى

پرىيانكا چوپرادىن گانا كىنو بايرىمى مەزگىلىدە غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ دېپىكانى پرىيانكا دەپ تونۇپ قالغانلىقى توغرۇلۇق سورالغاندا ئۇ:«بۇ ئادىلسىزلىق ۋە پەرۋاسىزلىقنىڭ نەتىجىسى. بۇ توغرا ئەمەس، ھەممە ھىندىستانلىق قىزلىرىنىڭ چىراي ئوخشاش ئەمەس. ھىندىستانلىقلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگەللەيدۇ، بىزنىڭ مول ھوسۇللۇق كىنو ساھەرىمىزنى دۇنياغا نامايان قىلىش بىزنىڭ بۇرچىمىز» دېدى.

تېپىپ بېقىڭ: ياش قىز دوستىنى مەخپىيەتلىك ساقلاش كېلىشىمىگە ئىمزا قويدۇرغان بوللىۋود چولپىنى كىم؟

داڭلىق چولپان بىلەن ئۇنىڭدىن خېلىلا كىچىك ياش ئارتىس ئوتتۇرىسىدىكى ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ھازىر بۇ چولپان ياش قىزدوستىنى مەخپىيەتلىك ساقلاش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرلىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى قىز دوستى ئۆزىنىڭ ئىككەيلەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئاشكارىلىۋېتىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئۇنىڭغا تەھدىت سالغان ئىدى. ئەمما ئۇ ياش ئارتىس قىز كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ يېقىندىلا ئۇ چولپاننىڭ قانىتى ئاستىدا بىر چوڭ فىلىمگە قوشۇلدى.

پرىيانكانىڭ فىلىمى تەنقىدگە ئۇچرىدى

پرىيانكا چوپرا ۋە دۋايىن جونسون، زەك ئەفرون باش رول ئالغان كومىدىيەلىك فىلىم ئوبزورچىلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى

كىرەن راۋ فاتىمەنىڭ ئامىر خاننىڭ يېڭى فىلىمىگە قوشۇلغانلىقى جاۋاب قايتۇردى

يېقىندىن بۇيان ئامىر خان بىلەن فاتىمە سانا شەيخنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ زىيادە يېقىن بولۇپ كەتكەنلىكى توغرۇلۇق غۇلغۇلا ئاۋۇپ قالدى. كىرەن راۋ بۇ مەسىلە ئۈستىدە جاۋاب قايتۇرۇپ:«ئامىر، ۋىجاينى (فاتىمەنى) تاللىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئويلىغىنى بار، چۈنكى ئۇ بىر چوڭ فىلىم، بولمىسا ئۇلار بۇنداق تەۋەككۈلچىلىك قىلمايدۇ» دېدى.

كاران جوھارنىڭ زىياپىتىگە چولپانلار يىغىلدى

زىياپەتكە قاتناشقلارنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، سونام كاپور كاراننى تەبرىكلەپ بولۇپلا ناھايىتى بالدۇرلا قايتقان، ئاشۋارىيا، ئابىشىك ئەر-خوتۇن تاڭ ئاتقۇچە زىياپەتتە بولغان.

ئاشۋارىيا راي باچچان يېڭى ئېلان سۈرىتىدە ناھايىتى گۈزەل كۆرۈندى

ئاشۋارىيا راي باچچان يەنە بىر قېتىم گانا كىنو بايرىمى قىزىل گىلىمىدە چاقنىدى. ئۇ ئۇزۇن يىلدىن بۇيان ئوبراز ۋەكىلى بولغان گىرىم بۇيۇم ماركىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە كىنو بايرىمىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ يېقىندا بۇ ماركا ئۈچۈن چۈشۈپ بەرگەن ئېلان سۈرىتىدە ناھايىتى گۈزەل كۆرۈنەتتى.




...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
كېيىنكىسى : ئاخىرقى بەت
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش