ئامېرىكا-ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى «ئۇرۇش بۆرىسى _ 2»نى كۆرۈش كۆرسەتمىسى ئېلان قىلدى
مەنبە :
خەلق تورى

2017-10-07 12:41:48

باش رولچى ۋۇ جىڭ بۇ قېتىم چەتئەلدە تولۇق داڭق چىقاردى. پۇختا گۇمپىسى، كامالەتكە يەتكەن ئورۇنلاش ماھارىتى ۋە كېلىشكەن قىياپىتى بىلەن، ۋۇ جىڭنى «ھوللىۋود مۇخبىرلىرى گېزىتى» لى شىياۋلوڭ بىلەن چىڭلوڭدىن كېيىنكى جۇڭگو گۇمپا كىنولىرىنىڭ ئىز باسارى دەپ ئاتىدى، ھەمدە ئۇنىڭ بۇرۇنقى «ئۇرۇش بۆرىسى» ناملىق فىلىمىدىكى ئىپادىسىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئىلگىرىلىشىگە يۈكسەك باھا بەردى. ۋۇجىڭ فىلىمدە باش قەھرىمان «لېڭ فېڭ»نىڭ رولىنى ئېلىپلا قالماستىن، يەنە بۇ فىلىمنىڭ رېژىسسورى بولۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد كەسپ ئۆزگەرتكەن رېژىسسور بولۇش سۈپىتى بىلەن چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىككى تەرەپلىك دىققىتىنى تارتتى.
نۇرغۇن چەتئەللىك تاماشىبىنلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ بۇنداق ئاساسىي مېلودىيە كىنوسىنى كۆرۈشكە كۆنۈش ئانچە ئاسان ئەمەس. گەرچە ئىشلەش سەۋىيەسى ۋە شەكلى جەھەتتە ھوللېۋۇدنىڭ كىنولىرى بىلەن ئوخشاپ كەتسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم دۇنيانى قۇتۇلدۇرىدىغىنى ئامېرىكىلىق تەنھا ئەزىمەت ئەمەس، بەلكى قورقۇمسىز جۇڭگو ھەربىيلىرى بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى...
تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!