ئىزدەخەۋەر > تاماشا >
قۇرۇلتايغا ئېيتتىم «مەشرىپى ساراي»، كېلىڭ قېرىنداش يولىڭىزغا قاراي
مەنبە :
2017-12-05 15:30:23




دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونى خەۋىرى:
مېنىڭ ئىسمىم ئادىلجان مەمتىمىن، 1978-يىلى 5-ئايدا خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىدە ئاددىي بىر تىككۈچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىمدىن باشلاپ ئۇيغۇر خەنزۇ قاتارلىق بىر قانچە مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قورۇدا چوڭ بولغان. ئېسىمنى بىلسەم بۇ قورودىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ناھايىتى ئىجىل-ئىناق بولۇپ ئۆز-ئارا دوستلىشىپ ئىزدىشىپ ئۆتەتتى. ھېيت بايراملاردا ئۇلار بىزنىڭ ئۆيلەرگە كىرىپ ھېيتلايدىغان، كىچىك بالىلارمۇ تالىشىپ ھېيتلىق ئالىدىغان، بىزمۇ چاغان كەلگەندە خەنزۇ يولداشلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ھېيتلايدىغان، ئۆيدە تاماق ئەتسە قوشنىلارغا ئۆز ئارا سۇنۇشىدىغان، بىرەرسى كېسەل بولۇپ قالسا يوقلىشىپ تۇرىدىغان، توي-مەرىكىلەرنى ھەرخىل مەشرەپ، قىزىقارلىق ئويۇنلار بىلەن ھەر مىللەت ئاممىسى بىللە ئۆتكۈزۈپ خۇشاللىقلاردىن تەڭ ھەمبەھىرلىنىدىغان ناھايىتى ياخشى كەيپىيات ۋە ياخشى ئادەتلەر بار ئىدى. كىچىك ۋاقتىمدىكى ئىتتىپاقلىق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان ئاشۇ قورۇ ھېلىھەم كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.


 كىچىك ۋاقتىمدا ئانام ماڭا ئۆزى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن نۇرغۇن سەرگۈزەشتىلىرىنى شۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ 1965-يىلى، جۇڭگونىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئۇلۇغ داھىيىمىز ماۋجۇشىنى كۆرۈش ئىستىكىدە قاراقاشتىن تەشكىللەنگەن ئەترەت بىلەن بىللە پىيادە تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتكەندىكى ئۇزۇن سەپەرلىرىنى، سەپەردە ئاچ قېلىپ، مۇزلاپ قېلىپ، ئېزىپ قېلىپ، ئاياغلىرى يىرتىلىپ كەتسىمۇ شۇنداقلا ھەر خىل مۈشكۈلاتلارنى، جەبىر-جاپالارنى تارتسىمۇ بۇ گۈزەل ئارزۇلىرىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى، بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا تۇرمۇشنىڭ قانچىلىك قىيىنچىلق ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى، مەكتەپتە قانداق شارائىتتا ئوقۇغىنىنى، پارتىيەنىڭ مېھرى- شەپقىتى بىلەن بۈگۈنكىدەك ياخشى باي باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكىمىز توغرىسىدىكى ھەرخىل ۋەقەلىكلەر تەسۋىرلەنگەن ھېكايىلەرنى، شۇ ۋاقىتتىكى ئۆزىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان تەلپۈنۈشلىرىنى سۆزلەپ بەرگىنىدە ئىختىيارسىز شۇ ۋاقىتقا قايتقاندەك، مەنمۇ شۇ ئەترەتكە قاتنىشىپ شۇلار بىلەن بىللەشۇ يوللارنى ماڭغاندەك ھېس قىلىپ، شۇ ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەتكە بولغان مېھرى مۇھەببىتى كۆز ئالدىمدا نامايان بولاتتى.
    دادام مەمتىمىن ئاخۇن بولسا قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى تارمىقىدىكى پاراۋانلىق كىيىم تىكىش كارخانىسىنىڭ تىككۈچىلىك ئىشچىسى ئىدى. گەرچە ئۆرلەپ ئوقۇپ ئالىي مەلۇماتلىق بولۇپ بولالمىغان بولسىمۇ، كىتاب ئوقۇشقا بەكلا ھېرىسمەن بولغاچقا بىزگە دائىم ئۆزى كىچىك ۋاقىتلىرىدا تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىنى، يېمەك ئىچمەك ۋە تۇرمۇش جەھەتتە ناھايىتى قىينالغانلىقىنى، ھازىر پارتىيە- ھۆكۈمەت سىياسەتلىرىنىڭ ئىنتايىن ياخشىلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتىكى تۇرمۇش بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن نىزام، ئەمىر-پەرمانلىرىغا ئاكتىپ بويسۇنۇپ، ياخشى ئوقۇپ بىلىم ئېلىشىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى، باشقا مىللەتلەر ھەم قولۇم-قوشنىلار بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈپ مۇشۇ گۈزەل كۈنلەرنىڭ قەدىرىگە يېتىشىمىز كېرەكلىكىنى داۋاملىق تەكىتلەپ تۇراتتى.


  شۇ ۋاقىتلاردا مەلۇم قوشنىمىزنىڭ تۇيۇقسىز كېسەل بولۇپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكىنىنى، ياكى ئىقتىسادى شارائىتى يار بەرمەي يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا يۆتكەپ داۋالىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغىنىنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدە ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقى تۈپەيلى بەزى ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىشنى رەت قىلىدىغىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە، دەرستىن سىرتقى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىپ پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى يوق دېيەرلىك ئىدى، مانا بۈگۈنكى كۈندە پارتىيە، ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ يولغا قويغان سىياسەتلەر بىلەن داۋالىنىش كاپالەتكە ئىگە بولدى، ئېغىر كېسەل بولغان ئەھۋالدىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا يۆتكەپ بىمالال داۋالىنىپ، داۋالىنىش ياردەم پۇلىدىن بەھرىلىنەلەيدۇ، ھازىر مەكتەپتە ئوقۇش، كىتاب-ماتېرىيال پۇلىدىن ئەنسىرەشنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق، ھەتتا تاماقمۇ ھەقسىز، يېزا ئاھالىلىرى پەرزەنتلىرى ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇماقچى بولسا پارتىيە، ھۆكۈمەت بىۋاسىتە ئوقۇش ياردەم پۇلى تەسىس قىلغان، دېھقانلارمۇ بالىلىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلارنى ئۆگىنىپ يۇقىرى مەلۇماتلىق بولۇشى ۋە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچراشتىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدى.



 ئائىلىمىزدە دائىم ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، كىچىكىمىزدىن ۋەتەننى سۆيۈش ۋە ئۇنى قەدىرلەش ئېڭى قەلبىمىزدە بىخ سۈرگەن ئىدى. ئائىلىمىزدىكى ئەۋلادلار پارتىيەنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا ۋە ساغلام تەربىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە چوڭ بولغاچقا، ئارىمىزدىن، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى بولغان ئىز باسارلارنى تەربىيەلەيدىغان مۇئەللىم، ئاساسىي قاتلامدا كېچە-كۈندۈز ۋەتەننىڭ بىرلىكى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ-ئامانلىقى دېھقانلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز ئىشلەيدىغان ئاساسىي قاتلام كادىرى، شۇنداقلا مەندەك ۋەتەن-خەلقنى، ئىناقلىقنى، ئىتتىپاقلىقنى، مېھرى مۇھەببەتنى مەدھىيەلەپ، خەلقنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز ئىزدىنىپ، شوخ كۈيلەرنى خەلققە توختاۋسىز تەقدىم ئېتىۋاتقان، ياڭرىتىۋاتقان سەنئەتكارلار يېتىشىپ چىقتى. مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مېھرى-شەپقىتىدە قولغا كەلگەن بۈگۈنكىدەك باي-باياشات بەختلىك تۇرمۇشنىڭ مەنپەئەتلەنگۈچىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم دوست-بۇرادەرلىرىممۇ ھەممىسى پارتىيەنىڭ مېھرى-شەپقىتىگە ئېرىشكەن. بىز بۇنى ھەرگىزمۇ ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك.



 ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سەنئەتكە، ناخشا-مۇزىكىغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق تۈرتكىسىدە 2002-يىلى «خېنىم قىزچاق»، 2010-يىلى «قاراقاش» ناملىقDVD پىلاستىنكىلىرىنى نەشر قىلدۇردۇم ھەمدە 2013-يىلى قاراقاش ناھىيەسىدە چوڭ تىپتىكى 165 كىشىدىن تەشكىل تاپقان «ئادىلجان مەمىتىمىن ئىجادىيەت ناخشا كېچىلىكى»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، دىيارىمىزدا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا ئەللەردە ناخشىلىرىم مودا بولۇپ مەدەنىيەت سەنئىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشتۇم، ياشلارنىڭ ناخشا-مۇزىكا ئۆگىنىش ئىشتىياقى، شۇنداقلا تاماشىبىنلارنىڭ نەق مەيدان مۇزىكىسىغا بولغان قىزغىنلىقىنى، تەشنالىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، 2016-يىلى خوتەندىكى ئوت يۈرەك مۇزىكانتلاردىن تەشكىل تاپقان «ئۇدۇن مۇزىكا ئەترىتى» بىلەن ئىككى ئاي جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا «ئادىلجان مەمىتىمىن نەق مەيدان ناخشا كېچىلىكى»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئىتتىپاقلىق كۈيىنى ياڭرىتىپ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپىلەرنى قوشتۇم. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ، جۈملىدىن ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە، ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، مەدەنىيەت ئىدارىسى ۋە سەنئەت ئۆمەك رەھبەرلىرىنىڭ ھەم شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەردىكى كاتتا ئەربابلارنىڭ، ھەر قايسى مىللەت خەلقىنىڭ مېنى ۋە سەنئىتىمىزنى زور دەرىجىدە قوللىغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. ئۇلارنىڭ قوللىشى بولمىسا بۈگۈنكى نەتىجىلەردىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، بۇ جەرياندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ ھەر قايسى ساھەدىكى خەنزۇ قېرىنداشلار بىلەن ئۆز-ئارا قوللاپ، بىللە ئۆگىنىپ تەڭ تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكى كۈنگە ئۇلاشتىم، بىز مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاق بولۇپ، ئۆز-ئارا ئۆگىنىپ تەڭ تىرىشقاندىلا ياخشى بولغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك.






2016-يىلى 12-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ناھىيەمىزدىكى بىر تۈركۈم سەنئەتكارلار بىلەن كورىيەدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئويۇنى قويدۇق. كورىيەدە ئاساسلىقى ھۆسن تۈزەش، گىرىم بۇيۇم مەھسۇلاتلىرى بازار تاپقان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە ناھايىتى جەلپ قىلاتتى. بىراق شۇنى ھېس قىلدىمكى، سېئۇلنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىكى تەرەققىي قىلىپ بولغان شەھەرلەرگە قارىغاندا يەنىلا كەينىدە تۇرىدىكەن. دۆلىتىمىزدە ھۈنەرۋەنچىلىك، يېمەك-ئىچمەك، شەھەر قۇرۇلۇشى مۇلازىمىتى جەھەتلەردە  ئۆز-ئۆزىنى تولۇق تەمىنلىيەلەيدىغان  ھەم باشقا دۆلەتلەرگە مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلالايدىغان، شۇنداقلا ھەربىي ئىشلار، ئېغىر-يېنىك سانائەت قاتارلىق تەرەپلەردە دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ دۆلەت بولغاچقا كورىيەدىن ئەۋزەل تەرەپلىرى ھەقىقەتەن كۆپ  ئىكەن.
    ئويۇندا ئۆزىمىزنىڭ قايناق ھېسسىياتىغا تولغان ئەدەبىيات -سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق كورىيە خەلقىگە دۆلىتىمىزنىڭ  باي-قۇدرەتلىكلىكى، مەدەنىيەتلىكلىكى، ئىتتىپاقلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مول مەزمۇنلۇق سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى ھەيران قالدۇردۇق ۋە ئۇلارنىڭ كاتتا باھاسىغا ئېرىشتۇق.






بۇ قېتىمقى ئويۇن قويۇش سەپىرىدە ئىككى ئىش ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. بىرىنچىسى: كورىيەگە چىقىپ بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا دىققىتىم ۋەتىنىم ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە يۆتكەلدى. داۋاملىق تور ياكى باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئانا تۇپرىقىمىزدا نېمە يېڭىلىقلار بولۇۋاتقاندۇ؟ دەپ دىققەت قىلىپ تۇردۇم. ۋەتىنىم ھەققىدىقى  خەۋەرلەر، بۇ قېتىم كورېيەدە ماڭا ئاجايىپ جاراڭلىق،,سادالىق ھەيۋەت ئاڭلاندى. ئىككىنچىسى بولسا گەرچە ئانا ۋەتىنىمىز جۇڭگودىن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن قىسقا مۇددەتلىك ئايرىلغان بولساقمۇ لېكىن ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىنلا ۋەتەننى سېغىنىپ، ۋەتەننىڭ بارچە نەرسىلىرى كۆزىمىزگە گۆھەردەك بىلنەشتى. شۇ چاغدا قايتىپ ۋەتەننىڭ تىنچ ئامانلىقى، ئاسايىشلىقى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ناخشىلارنى ئوقۇپ خەلقلەرگە سۇنۇش توغرىلىق بەل باغلىدىم.  شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە نەرسىلىرىنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرالايدىغانلىقىنى، ھەر قانچە كىرىزىس بولۇپ كەتسىمۇ ۋەتىنىمىزنىڭ ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى، تولىمۇ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.






قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ھالىتى بىلەن ھازىرقى ھالىتىنى سېلىشتۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قاراقاش ناھىيەسى ھەم خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى يېزىلارمۇ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ مېھرى-شەپقىتى ياردىمى بىلەن سېلىنغان ئۆيلەر، ئاسفالت قىلىپ ياسالغان يوللار، بالىلىرىمىز ئوقۇۋاتقان يەسلى، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتلىرى كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلىپ شەھەرلەردىن قېلىشمايدىغان ھالەتكە يەتتى.
    2017-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئەنخۇي، خۇبېي، خۇنەن ئۆلكىلىرىگە بېرىپ زىيارەتتە بولدۇم. مەركەزدە ئېچىلغان شىنجاڭ سۆھبەت يىغىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، مېھرى-شەپقىتى، شىنجاڭغا قارىتىلغان ئالاھىدە يۆلەش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىن نەچچە مىڭلىغان مەن بىلەن تەڭتۇش، يىگىرمە نەچچە ياشقا كىرىپمۇ ناھىيەدىن سىرتقا چىقىپ باقمىغان ياشلىرىمىز پويىزغا ئولتۇرۇپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تەرەققىي قىلغان رايونلارنى كۆرۈش، زىيارەت ۋە ساياھەتتە بولۇپلا قالماي، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى داڭلىق كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، خەنزۇ قېرىنداشلار بىلەن بىللە ئۆگىنىش، تەرەققىي قىلىش، مەخسۇس كەسپتە تەربىيەلىنىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش بىلەن بىرگە ئاتا-ئانىسىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ جەمئىيەتتىكى بىر كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تولىمۇ سۆيۈندۈم.
    بىز پارتىيەنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك، ئۇيغۇر مىللىتى ئەزەلدىن ۋاپاغا جاپا قىلغانلارنى يامان كۆرىدۇ، بىز مىننەتدار بولۇشنى بىلىشىمىز، سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىدە، پارتىيەنىڭ مېھرى-شەپقىتىدە قولغا كەلگەن بۈگۈنكىدەك باي– باياشات بەختلىك تۇرمۇشنىڭ مەنپەئەتلەنگۈچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پارتىيەنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاش بىلەن بىرگە ھەربىرىمىز جەمئىيەت ئالدىدىكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىزنى ئېنىق تونۇپ يېتىپ، قانۇن-تۈزۈم ئېڭىمىزنى ئۆستۈرۈپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان، تىنچ تەرەققىي قىلغان، باي-باياشات شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىمىزنى قوشۇشىمىز كېرەك.



  ئەپسۇس يېقىندىن بۇيان، مىللەت ۋە دىن تونىغا ئورىنىۋالغان بىر ئوچۇم زوراۋان ئۇنسۇرلار ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»لەر دىننى دەستەك قىلىۋېلىپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتتى، ئۆزىنىڭ غەرىزىنى، ئەسەبىيلەشكەن ئەپتى-بەشىرىسى، جەمئىيەتكە ۋە ئىلغار مەدەنىيەتكە قارشى ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى. بىر قىسىم نادان كىشىلەرنى زەھەرلەپ، رايونىمىز تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان، ئىناقلىقنى بۇزىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پەيدا قىلدى، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى بۇزدى، ئۇلارنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرى، ئەسەبىي ئىدىيەلىرى نادان ئادەملەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى مەدەنىي تۇرمۇشقا، سەنئىتىمىزگە دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىدە قارايدىغان قىلىپ قويدى، ئاق كۆڭۈل، تىرىشچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شان- شەرىپىگە ئېغىر داغ كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشتىن ئىبارەت بۇ خىل يامان مەقسىتى ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ.



  مەن پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر سەنئەتكار بولۇش سۈپىتىم بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»لەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلىشىغا، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى، تىنچلىقىنى بۇزىدىغان ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغىللىنىشىغا قەتئىي قارىشى تۇرىمەن. زىممەمگە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرۈشىدىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىلەر يۈكلەنگەن. پارتىيەگە، خەلققە سادىق بولۇپ، پارتىيە مەركىزى كومىتېت بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنى ھىمايە قىلىپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈپ جەمئىيەتنىڭ ئىناق ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىناق، خاتىرجەم، باياشات ، گۈللەنگەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشىمەن.



قۇدرەتلىك دۆلىتىمىز بىزگە ئارقا تىرەك بولۇۋاتقان مۇشۇ بەختلىك دەۋردە دۆلىتىمىزدىكى 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقى خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئىتتىپاقلىشىپ ھەممەيلەن «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىلەن بولغان كۈرەشتە كۆكرەك كېرىپ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئەمىلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئەتراپىمىزدىكى ھەربىر ئادەمگە مەسئۇل بولۇپ، توغرا يېتەكلەپ پارتىيەگە ئەگىشىشىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ھايات-ماماتلىق كۈرەش قىلىپ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرىگە قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، «ئۈچ خىل كۈچ»لەرنىڭ بىز ئۇيغۇر خەلىقىگە، جۈملىدىن، خوتەن خەلىقىگە چاپلاپ قويغان «قالاق، زوراۋان، بىلىمسىز، نادان» قاتارلىق بەلگىلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يۇيۇپ تاشلىشىمىز كېرەك.
     ئىشىنىمەنكى، ئۇلارنىڭ شاۋقۇن سۈرەنلىرى ياڭراق كۈيلىرىمىزگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ، ئىتتىپاقلىق كۈيلىرىمىز، گۈزەل ئارزۇغا تولغان ناخشا سادالىرىمىز ۋەتىنىمىز ئاسمىنىدا مەڭگۈ ياڭرايدۇ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدۇ.
 

wiki.izda.com
كېيىنكىسى : ئاخىرقى بەت
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش