ئىزدەخەۋەر > تاماشا >
چاغان مەزگىلىدە قويۇلغان كىنولاردىن 5 مىليارد 700 مىليون يۈەنلىك كىرىم يارىتىلدى
مەنبە : خەلق تورى
2018-03-09 17:16:56
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئاخبارات- نەشرىيات - رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى كىنو ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئېلىمىزنىڭ كىنو بېلەت كىرىمى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىللەردىكىدىن ئېشىپ يېڭى رېكورت يارىتىلغان، چاغان ھارپا كۈنىدىن چاغاننىڭ 6-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە كىنو بېلەت كىرىمى 5 مىليارد 720 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %66.9 ئاشقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو كىنو ماتېرىياللىرى سارىيىدا ئېلىپ بېرىلغان جۇڭگو كىنو تاماشىبىنلىرىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كۆرۈرمەنلەرنىڭ 2018-يىللىق چاغان مەزگىلىدە قويۇلغان كىنولاردىن رازى بولۇشى 83.4 نومۇر بولغان بولۇپ، خاتىرىلەشتىن بۇيان تاكى ھازىرغا قەدەر چاغان مەزگىلى كىنولىرىنىڭ ئېرىشكەن ئەڭ يۇقىرى رازىمەنلىك نومۇرى بولۇپ قالغان.

  ساھە ئىچىدىكى زاتلارنىڭ قارىشىچە، بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدىكى كىنولارنىڭ بېلەت كىرىمى ۋە ياخشى باھاغا ئېرىشىش جەھەتتىكى قوش ئۈنۈمگە ئېرىشىشىدىكى مۇھىم سەۋەپ بولسا، ئالدى بىلەن جۇڭگو كىنوچىلىقى سۈپىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆسكەنلىكىگە باغلىق بولۇپ، كىنولارنىڭ تۈرى ئۈزلۈكسىز موللىشىپ، تاماشىبىنلارنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كىنولارغا بولغان رازىمەنلىك تۇيغۇسى بارغانسىرى ئاشقان. تاماشىبىنلارنىڭ جۇڭگو كىنولىرىغا بولغان رازىمەنلىك تۇيغۇسىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلقى چاغان مەزگىلىدە قويۇلغان كىنولاردىن تاماشىبىنلارنىڭ رازىمەنلىك تۇيغۇسى ۋە بېلەت كىرىمى ئۆزئارا ئوڭ تاناسىپ تۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، «قىزىل دېڭىز ھەرىكىتى» 86.9 نومۇر بىلەن 1-ئورۇنغا تىزىلغان، «جۇڭگولۇقلار كوچىسىدىكى رازۋېدكا دېلوسى 2» ۋە «ئاكا-ئۇكا ئېيىقلار: ئۆزگىرىش خاتىرىسى» ئايرىم-ئايرىم 84.1 ۋە 83 نومۇر بىلەن 2-، 3- ئورۇنغا تىزىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
كېيىنكىسى : ئاخىرقى بەت
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش