ئىزدەخەۋەر > جەمئىيەت >
داڭلىق رەسسام غازى ئەھمەد ھەققىدە
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-03 11:04:33

داڭلىق رەسسام، ئۇستاز غازى ئەھمەد 1935-يىلى 8-ئايدا قەشقەر شەھرىنىڭ قوغان (ھازىرقى نەزەرباغ) يېزىسىدىكى بىر دىنىي زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى ئەھمەت قازىئاخۇنۇم ئۇقۇمۇشلۇق ئادەن بولغاچقا غازى ئەھمەد ئاكىنى ئەتراپلىق تەربىيلىگەن. غازى ئەھمەد ئاكا 1946-يىلىدىن 1950-يىلغىچە دىنى بىلىم ئالغان. غازى ئەھمەد ئاكا كىچىكىدىن باشلاپلا رەسىم سىزىشقا رەسساملىققا ھەۋەس قىلىپ كەلگەن، بالىلىق ۋاقىتلىرىدىلا رەسىم سىزىپ باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. غازى ئەھمەد ئاكا 1952-يىلى قەشقەر پىداگوكىگا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. 1957-يىلى شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى (يەنى ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى) سەنئەت فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، ھەمدە مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.

تۇغما بولغان زېھىن ئۆتكۈرلىكى، ئۆگەنگەن بىلىمى، سەنئەتكە بولغان ئوتلۇق ئىشتىياقى، رېئال تۇرمۇشتا، چوڭقۇر سەنئەت ئەمەلىيىتى، كەڭ دائىرىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە يۈكسەك ئىجتىمائى مەسئۇلىيەتكە ئىگە، غازى ئەمەت بىر ئادەتتىكى رەسساملىقتىن توختىماستىن ئىزدىنىش ئارقىلىق بىر داڭلىق سەنئەتكار بولۇپ يىتىشىپ چىققان. 1979-يىلدىن 1982-يىلىغىچە، ئۇ تارىخى قەدىمىي كىتابلار بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر قەدىمقى زامان ئەدەبىياتنى قېتىرقىنىپ ئۈگىنىپ، ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپ ئەجىر قىلىو «ئاماننىساخان»، «مەھمۇد قەشقەرى»، «رابىيە-سەئىدىن» ۋە «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلار مەدەنىيىتى سەنئەتكە تۆھپە قوشقان تارىخىي شەخىسلەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى، بۇ نادىر ئەسەرلەردىن كىشىلەر مۇزىكىشۇناس ئاماننىساخاننىڭ تەبىئى گۈزەللىكى ۋە پاك قەلبىنى؛ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنى؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان مەغرۇر قىياپىتىنى؛ ئۇلار ياشىغان دەۋىر ۋە ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان دەۋىر روھىنى؛ ئۇلارنىڭ كۆزىدە پارلاپ تۇرغان مېھرىبانلىقنى كۆرىۋالالايدۇ.

پايانسىز ئاسمان، قانىتى تالماس قۇش

ئەنۋەر ئابدۇرېھىم


− مەشھۇر رەسسام، سەنئەت مائارىپچىسى غازى ئەھمەد سەنئەت ھاياتىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن


جاپالىق ئىجادىيەت مۇساپىسى پايانسىز ئالەم بوشلۇقىغا ئوخشايدۇ. سەنئەتكارنىڭ ھاياتى ئاشۇ پايانسىز بوشلۇقتا تىنىمسىز قانات قېقىش بىلەن ئۆتىدۇ.

ئۇلۇغ تەڭرىتاغنىڭ ئەل – يۇرتقا سادىق بۇ پىداكار ئوغلانىمۇ شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتى ئۇچراشقان كۆپ قاتلاملىق ئانا مەدەنىيىتىمىز چوڭقۇر يىلتىز تارتقان قۇتلۇق دىيار بىزنىڭ ئۇلۇغ ئانا يۇرتىمىزنىڭ پايانسىز، سۈزۈك، جەلپكار ئاسمىنىدا كەسىپداشلار بىلەن بىللە 60 يىل ھارماي–تالماي قانات قاقتى. ئۇ ئۆزىنىڭ چاقناپ تۇرغان تالانتى، تىنىمسىز ئىزدىنىش روھى، ئاجايىپ جاسارىتى، ئۆزگىچە ئۇسلۇبى، يۈكسەك پەزىلىتى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا قازانغان مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن كەسىپداشلىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان گىگانىت قۇشقا، مەشھۇر رەسسامغا، ئۇستاز سەنئەتكارغا، داڭلىق سەنئەت مائارىپچىسىغا، خەلقىمىز بىردەك ئېتىراپ قىلغان جامائەت ئەربابىغا ئايلاندى. بۇ ئۇنىڭ ئىپتىخارى، بىزنىڭ بەختىمىز.

مەھمۇد كاشىغەرىي قاتارلىق تالاي ئۇلۇغ زاتنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن مەشھۇر يۇرت قەدىمىي قەشقەرنىڭ ئىللىق قۇچىقىدا 1933–يىلى دۇنياغا كەلگەن بۇ سەنئەتكار مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك، قىممەتلىك، ئۇنتۇلماس ھايات سەپىرىدىكى 80–داۋاندىن مەردانىلىق بىلەن ئاتلىغان چېغىدىمۇ موي قەلەم بىلەن گاڭ قەلەمنى قولىدىن چۈشۈرمەي، ئۆزىنىڭ قېرىماس ئىلھامى بىلەن سۇنماس ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر رەسسامچىلىقىدا، ئۇيغۇر سەنئەت مائارىپىدا تۇتقان يۈكسەك ئورنى بۇ قەدىرلىك ئۇستازنى خەلقىمىزنىڭ، جۈملىدىن سەنئەتكارلىرىمىز بىلەن ئەۋلادلىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى يىقىلماس مۇنارغا، ئۆچمەس مەشئەلگە ئايلاندۇردى. ئۇ بىزنىڭ پەخىرىمىز، ئۇنىڭ روھى بىزنىڭ تەڭداشسىز ئېسىل بايلىقىمىز.

كۆڭلىگە يۈكسەك ئارزۇلارنى پۈككەن، تالانتلىق رەسسام غازى ئەھمەد 20–ئەسىرنىڭ 60–يىللىرىنىڭ بېشىدىلا پېرسوناژلار ئوبرازى يادرو قىلىنغان «ناھەق ھۆكۈم» ناملىق ماي بوياق رەسىمنى ماھىرلىق بىلەن سىزىپ، ئۆزىنىڭ چاقناپ تۇرغان تالانتى ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇبىنى روشەن نامايان قىلدى. بۇ داڭلىق ئەسەر ئۇنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەسۋىرى سەنئەت ئىجادىيىتىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق ياراتقان ئالدىنقى قاتاردىكى مەشھۇر رەسسامغا ئايلاندۇردى. رەسسام غازى ئەھمەدنىڭ ئەينى يىللاردىكى بۇ مۇۋەپپەقىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەسۋىرىي سەنئىتىنى ئېلىمىز رەسسامچىلىقى بىلەن تەڭ قەدەم تاشلىيالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلدى.

ئۇنىڭ «ئۈزۈم پىشتى»، «ئاماننىساخان»، «مۇقام»، «مۇزىكا مەستانىلىرى»، «ئوغلاق تارتىشىش»، «سەنەم»، «ساما»، «ئاتۇش ئۇسسۇلى»، «دولان روھى»، «چۈشلۈك دەم ئېلىش»، «كۈچ سىنىشىش»، «مۇقامچىلار»، «يۇرتۇمدا باھار كۈيى»، «تەڭرىتاغ بۇلبۇلى»، «قەشقەر سەنىمى»، «پېشقەدەم دېھقان»، «قوي بازىرى»، «باياۋاندىكى سەپەر»، «نازىركوم»، «قەشقەر كوچىسى»، «گىلەم، ئۇيغۇرلار»، «يۈرەك ساداسى»، «ئاتۇش ئۇسسۇلى»، «شادلىققا چۆمگەن ئائىلە»، «خوتەندىكى شادلىق ناۋاسى»، «كۇچا شادىيانىسى» قاتارلىق بىر–بىرىدىن ئېسىل ئەسەرلىرى كەينى–كەينىدىن دۇنياغا كېلىپ، غازى ئەھمەدنى ئېلىمىزنىڭ ئىچى–سىرتىغا تونۇلغان مەشھۇر رەسسامغا ئايلاندۇردى. بۇ تەسۋىرىي سەنئەتنىڭ قىممەتلىك ئۈلگىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزەتسەك، رەسسامنىڭ ئۆزگىچە ئىقتىدارىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز. ئۇ سىزغان رەسىملەردىكى پېرسوناژلار ئۆزلىرىنىڭ شۇ قەدەر جانلىق، تەبىئىي سۈرەتلەنگەنلىكى، ئىنتايىن قويۇق تۇرمۇش ھەم چىنلىق پۇرىقىغا ئىگە قىلىنغانلىقى شۇنىڭ بىلەن بىللە بىر – بىرىدىن روشەن پەرقلىنىشتەك ئۆزگىچىلىكى بىلەن بىزنى ئىختىيارسىز ھەيران قالدۇرىدۇ. رەسسام ياراتقان مەزمۇنغا باي، ئاجايىپ كۆركەم، جانلىق ھەم تەسىرلىك بۇ تەسۋىرىي دۇنيادا سەنئەتكە بارلىقىنى بېغىشلىغان بۇ ۋاپادار ئوغلاننىڭ ئۆز ئانا يۇرتىغا، ئۆز قەۋمىگە، ئۆزىنىڭ ئەجدادلىرىغا، ئۆزى تەۋە بولغان خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا، ئۇلۇغ مەدەنىيىتىگە بولغان تەڭداشسىز چوڭقۇر مېھىر–مۇھەببىتى يېلىنجاپ تۇرىدۇ. بىزگە گويا رەسسامنىڭ موي قەلىمىدىن تۆرەلگەن بۇ پېرسوناژلارنىڭ ئارىسىدا بىز كۆرمىگەن، بىز تونۇمايدىغان، بىزگە ئۇچراشمىغان بىرمۇ ئادەم يوقتەك تويۇلىدۇ. رەسىملەردىكى بۇنداق قويۇق چىنلىق رېڭى رەسسام غازى ئەھمەدنىڭ ھەربىر ئەسىرىگە ئۆزگىچە ھاياتىي كۈچ ۋە يۇقىرى ئېستېتىك قىممەت ئاتا قىلغان.

رەسسام تۇرمۇش قاينىمىغا چوڭقۇر چۆكمىگەن، ئېسىل ئەنئەنىلەردىن ئوزۇق ئالمىغان، رەسىم سەنئىتىنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنىيەتلىرىنى پىششىق ئىگىلىمىگەن، ئۈزلۈكسىز بىلىم تولۇقلىمىغان، ئانا مەدەنىيىتىمىز بىلەن تولۇق ئۇچراشمىغان، ھەرخىل كەسىپ بىلەن تونۇشمىغان، بىر–بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان خاراكتېرلارنى ئىنچىكە كۆزەتمىگەن، ئۆزىگە خاس ماھارەت يېتىلدۈرمىگەن ۋە پېرسوناژلارنى تەسۋىرلەش جەريانىدا يېتەرلىك قان–تەر ئاققۇزمىغان بولسا، «مۇقام» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرى دۇنياغا كەلمىگەن، رەسسام غازى ئەھمەدمۇ بۈگۈنكىدەك يۈكسەك نوپۇزغا ھەم شان–شۆھرەتكە ئېرىشەلمىگەن بولاتتى.

مەشھۇر رەسسام غازى ئەھمەدنىڭ شەرق رەسىمچىلىكىنىڭ سىزىق ئارقىلىق شەكىل يارىتىش ماھارىتى بىلەن غەربنىڭ ئەنئەنىۋى ماي بوياق رەسىم سەنئىتىنى پىششىق ئىگىلىگەنلىكى ۋە ئۇلاردىن ئىجادىي پايدىلانغانلىقى بۇددا دىنى دەۋرىدىكى مىڭئۆي، تاش كېمىر رەسىم سەنئىتى بىلەن ئىسلام دىنى دەۋرىدىكى مىنياتىيۇرا رەسىم سەنئىتىدىن زۆرۈر ئۇزۇق ئالغانلىقى ۋە ئۆزىگە خاس رەسساملىق تىلى ھەم ئۇسلۇبى يارىتىپ، ھەقىقىي سەنئەتكارغا خاس جاسارەت بىلەن سەنئەتنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا قاراپ تىنىمسىز ئىلگىرىلىگەنلىكى بىزنى ئىختىيارسىز سۆيۈندۈرىدۇ.

رەسسام غازى ئەھمەد مەھمۇد كاشىغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلشىر نەۋائى، مىرزا ھەيدەر كوراگان قاتارلىق كىلاسسىكلار بىلەن تاجىك، قازاق قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ۋە ئېران، تۈركمەنىستان قاتارلىق ئەللەردىكى دوستلارنىڭ رەسىملىرىنى ئىشقى – زوق بىلەن كېلىشتۈرۈپ سىزىپ، ئىجادىيىتىنى كۆپ تەرەپلىمىلىككە، كەڭلىكلىككە ئىگە قىلدى. ئۇنىڭ «پامىردا باھار كۈيى»، «پامىردىكى مۇھەببەت»، «پامىردا باھار پەسلى»، «دومبىرام»، «ئېران قىزلىرى»، «تۈركمەن خەلق ناخشىسى» قاتارلىق رەسىملىرىدە تەسۋىرلەنگەن پېرسوناژلار ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرنى قەدىرلەيدىغان، كۆپ مىللەتلىك دۇنياغا ئىشتىياق باغلىغان، دوستلۇقنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدىغان ئالىيجاناب سەنئەتكارنىڭ باي روھى ئالىمىنى روشەن نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

غازى ئەھمەد موي قەلەم بىلەن سىزىلغان رەسىمىنى گاڭ قەلەم بىلەن يېزىلىدىغان شېئىرغا، گاڭ قەلەم بىلەن يېزىلغان شېئىرنى موي قەلەم بىلەن سىزىلىدىغان رەسىمگە ئايلاندۇرالايدىغان سەنئەتكار. رەسىمنى شېئىرنىڭ ئانىسىغا، شېئىرنى رەسىمنىڭ ئانىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۇنىڭ كۆپ قاتلاملىق ئىجادىيىتىدىكى روشەن ئۆزگىچىلىك. رەسسام 2013–يىلى سېنتەبىردە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان «ئارزۇ» ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن نەزمىي ئەسەرلەر شېئىرغا ئايلاندۇرۇلغان رەسىملەرگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. رەسسامنىڭ يۈرىكىدىن ئۇرغۇپ چىققان بۇ نەزمىلەر ئۇنى شائىرلىق بەختىگىمۇ ئېرىشتۈردى.

كۆپ قاتلاملىق ئۇيغۇر سەنئىتى، جۈملىدىن رەسسامچىلىق سەنئىتىمىز ئېسىل ئەنئەنىلەرگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېڭى پەللىلەرگە ئۈزلۈكسىز يۈرۈش قىلىدۇ. قىممەتلىك موي قەلەم بىلەن گاڭ قەلەم بىر ئەۋلادنىڭ قولىدىن يەنە بىر ئەۋلادنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا پېشقەدەم سەنئەتكارنىڭ زىممىسىگە ياراملىق ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسى يۈكلىنىدۇ. غازى ئەھمەد يېڭى جۇڭگودا يېتىلگەن تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر رەسسام بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ زىممىسىدىكى بۇ مەجبۇرىيەتنى باشتىن–ئاخىر ئاڭلىق ئادا قىلدى. ئۇ تەسۋىرىي سەنئەت مائارىپى بىلەن 40 يىل شۇغۇللىنىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تالانت مايسىلىرىنى، ئۈمىد چېچەكلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىپ يېتىشتۈردى. ئۇيغۇر رەسساملىق سەنئىتىنىڭ سەھىپىلىرىدە رەسسام غازى ئەھمەدنىڭمۇ، ياراملىق ئىزباسارلىرىنىڭمۇ ئۆچمەس ئىزلىرى قالدى. بۇ مۇبارەك ئىزلاردىن گۈزەل بىر تارىخ ئاپىرىدە بولدى.

غازى ئەھمەدنىڭ موي قەلەمدە رەڭ بىلەن ئاپىرىدە قىلغىنى ئادەتتىكى رەسىم ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس بىر تارىخ، تەڭداشسىز ئېسىل بىر مەدەنىيەت. بۇ بۈيۈك تارىخنى، بۇ ئۇلۇغ مەدەنىيەتنى مۇشۇ ئۇلۇغ ئانا زېمىندا ياشىغان ئۇلۇغ ئەجدادلار، ئاددىي، ئاق كۆڭۈل، ئەمگەكچان، سەنئەتخۇمار خەلق ياراتقان. ھەسەن–ھۈسەندەك جۇلالىنىپ تۇرغان بۇ رەڭدار، ئېسىل، كۆركەم، قىممەتلىك، مەدەنىيەتكە تەڭرىتاغ ئوغۇل–قىزلىرىنىڭ بىھېساپ قان–تەرى سىڭگەن، ئانا يۇرتىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، ۋاپادار سەنئەتكار، تالانتلىق رەسسام غازى ئەھمەد تەسۋىرىي سەنئەتنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزىگە خاس يۈكسەك ماھارەت بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى دۆلەت ئىچىگە ھەم دۇنياغا تونۇتتى. رەسىملىرى ئارقىلىق ئۆزىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئانا يۇرتىنى، ئۇلۇغ ئانا مەدەنىيەتىنى، ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان خەلقنى گەۋدىلەندۈردى. سەنئەتكارنىڭ ئوتلۇق سۆيگۈسى بىلەن سوغۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ خىسلەتلىك موي قەلىمىدىن تۆرەلگەن بۇ ئۆلمەس ئەسەرلەر خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىنمۇ، دۆلەت ئىچى–سىرتىدىكى سارايلارنىڭ تۆرىدىنمۇ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئاددىي ئۆيلىرىنىڭ تۆرىدىنمۇ ئورۇن ئالدى. مېنىڭچە، بۇ مەشھۇر رەسسامىمىز غازى ئەھمەدكە بېرىلگەن ئەڭ كاتتا مۇكاپاتتۇر.

غازى ئەھمەد ۋە «مۇقام»

خەن زىيوڭ


ئۇيغۇر مۇقاملىرى تېما قىلىنغان بارلىق گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى ئىچىدە غازى ئەھمەد سىزغان « مۇقام» ناملىق ماي بوياق رەسىم ئەڭ داڭلى .

مۇقام — بوستانلىقنىڭ سوۋغىسى. ئاسىيا–ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تۈگۈنىگە، دېڭىز بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يىراق ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان شىنجاڭ دۇنياغا مەشھۇر مۇقام يۇرتى. مەن دائىم تەڭرى بەئەينى ناننىڭ يۇمشىقىنى ئامراق بالىسىغا قىسنىدىغان مېھرىبان ئانىدەك ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنى مۇشۇ چەت، بېكىك زۇنىنىغا يوشۇرغانىكەن،–دېگەن خىيالغا كېلىپ قالىمەن.

چۆللۈك بىلەن قۇملۇق تىنمسىز كېڭىيىۋاتقان بۇ ۋادىدا بوستانلىقنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە ئىدى. قۇياشنىڭ كۆيدۈرگۈچ ئاپتىپىدا ھەمىشە تونۇردەك قىزىپ تۇرىدىغان بۇ تىمتاس زېمىندا مۇقام ساداسىنىڭ دەۋرمۇ دەۋر ئاڭلىنىپ تۇرۇشىنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە ئىدى. ھەممە جايدىن قىيامەت ھىدى كېلىپ تۇرىدىغان بۇ زېرىكىشلىك قۇملۇقتا ئۇيغۇر مۇقاملىرى بەجايىكى ئالۋۇن ئىچىدىكى ساماۋى ئوردىلاردەك ھەيۋەتلىك سەنئەت ئىمپېرىيىسىگە ئايلانغانىدى .

ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقام» توغرىسىدا نۇرغۇن گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى ئىجاد قىلىنغان بولسىمۇ، پەقەت غازى ئەھمەدنىڭ «مۇقام» ناملىق رەسىمىلا مۇقامنىڭ ماھىيىتىگە ھەم ئوبرازىغا ئەڭ يېقىنلاشقانىدى. چۈنكى: ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقام» ى ئوتلۇق ھېسسىيات بىلەن تويۇنغان. ئۇنىڭ يالقۇنى ئاتەشلىك قۇم–دېڭىزنىمۇ كۆيدۈرۈپ كۈل رەڭگىگە كىرگۈزۈپ قويغان. ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقام» ى ھەسرەت بىلەن يۇغۇرۇلغان. ئۇنىڭ تارام–تارام ھاياجان ياشلىرى قاغجىراق زېمىننى ياشارتىپ، چاڭقاق قەلىبلەرنى سۇغارغان. ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقام» ى مۇڭ بىلەن قوپۇرۇلغان. ئۇنىڭ «چوڭ نەغمە» سىدىكى ساتارنىڭ مۇڭلۇق كۈيى مۇقامغا ئۆڭمەس رەڭ، ئۆكسىمەس قان ئاتا قىلغان. ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقام» ى ئەسلىمىلەردىن توقۇلغان. ئۇنىڭ «داستان» قىسمىدا جاننى ئېلىپ جاڭگالدا قويىدىغان ئوتلۇق ناخشا–قوشاقلار ھەم يۈرەكلەرنىڭ بېغىشىغا ئورناپ كەتكەن ئاجايىپ ئىشقى-مۇھەببەت قىسسىلىرى پارلاپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقام» ى مەۋجۇتلۇق گۈلخانلىرىدا تاۋلانغان. ئۇنىڭ «مەشرەپ» بۆلىكىدىكى شادلىق بايرىمىدا جىمىكى ئادەم باراۋەر سالاھىيەتتە سورۇنغا چۈشۈپ ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقام» ى زېمىندىن ئۆرنەك ئالغان. ئۇنىڭ ھەجمى، قۇرۇلمىسى، ئۇدار خۇسۇسىيتى ھەم مېلودىيە ئالاھىدلىكى قۇملۇق گەۋدسىگە، ئېگىز–پەس بارخانلارغا، چىغىر يول ھەم ئويناق سۇغا تەقلىد قىلىنغان. ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقام» ى يۈكسەكلىككە سىمۋول قىلىنغان. ئەسىرلەر مابەينىدە، بوستانلىق خەلقلىرى ئۆزىدىكى يۈكسەكلىككە ئىنتىلىش خاھىشىنى مۇقامدىن ئىبارەت بۇ زور مۇزىكا قامۇسىدا مەركەزلىك ئىپادىلەپ كەلگەن.

«ئون ئىككى مۇقام» ىنى ئۆز لايىقىدا تەسۋىرلەش شۇنىڭ ئۈچۈن قىيىنكى، ئۇنىڭدىكى رەڭ تۈسىگە قارىغاندا ئاۋاز–سادا بەكرەك ئابىستىراكىتلىشپ كەتكەن. «ئون ئىككى مۇقام» نى ئۆز لايىقىدا تەسۋىرلەش شۇنىڭ ئۈچۈن قىيىنكى، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن تېماتىك مەزمۇن، روھىيەت تەسۋىرلىرى ھەم ئۇنىڭغا سىغدالغان مۇزىكىلىق رەڭ، مەنىۋى ئوبرازلار ھەر قانداق زور ھەجىملىك رەسىمدىكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. «ئون ئىككى مۇقام» نى ئۆز لايىقىدا تەسۋىرلەش شۇنىڭ قىيىنكى، ئۇ كۆپ خىللىق، زىدىيەت ۋە مۇرەككەپلىك بىلەن تولغان. ئۇ ئەقىل بىلەن ھېسسىياتنىڭ بىرلىكى. ئۇ قەلب بىلەن يوشۇرۇن ئاڭدىن پارتلىغان روھىي غەليان. ئۇ مەۋجۇدلۇق ھەم يوقلۇق. ئۇ شادىمان ھەم مىسكىن. ئۇ ھەم قېرى، ھەم ياش. ئۇ ھەم نەپىس، لىرىك، ھەم ساددا، ياۋايى. ئۇ ھەم تىزگىنلىك، ھەم ساياق. ئۇ ھەم ھېكايە، ھەم شېئىر.... قىسقىسى، ئۇ ئۈگە–مۇسكۇللىرى ناھايىتى مۇستەھكەم كەلگەن غايەت زور گەۋدە!

«مۇقام» ناملىق ماي بوياق رەسىم غازى ئەھمەدنىڭ بەدىئىي تاۋلىشىدىن ئۆتكەن يىگىرمە نەچچە مۇقامچىنىڭ ئوبرازىدىن پۈتكەن، ئۇلارنىڭ كەيپىياتى ھەر خىل، قىياپەتلىرىمۇ بىر–بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بىرلىرى ئېتىزلىقتىن ئۇدۇللا كەلگەندەك، بىرلىرى ھېلىلا ئاشپۇزۇلدىن چىققاندەك، بىرلىرى ئۈچەيدەك تار كوچىلاردىن يۈگۈرگىنىچە چىقىپ كەلگەندەك، يەنە بىرلىرى تۆمۈرچىخانىدىكى ھۈنىرىنى تاشلاپ ئۇدۇللا كەلگەندەك، يەنە بىرلىرى قومۇشلۇق ئارىسىدا قىيسىيىپ تۇرغان كەنت مەكتىپىدىن....ئۇلارنىڭ ئىچىدە چاچ–ساقاللىرى تۇچتەك ئاقارغان بوۋايلارمۇ، چىرايى مىستەك قارايغان دېھقان ياشلىرىمۇ، بوي–بەستى قاملاشقان كاسىپ يىگىتلەرمۇ بار. بۇ رەسىمگە سىنچىلاپ قارىغان ھەر قانداق ئادەم ھەر بىر ئوبرازنىڭ بىردىن چالغۇ ئەسۋابقا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئورا كۆزلىرىدىن مۇقام كۈيلىرىنىڭ ئېيتىلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماي قالمايدۇ.

ئاتا مىراس گۆھەرنى قۇچاقلاپ تۇرغان بۇ سەنئەت مۇرىتلىرى، بوستانلىق ۋادىدىكى بۇ بەختلىك ئەبلەخلەر، مۇزىكا ئېقىنىدا گاھ لەيلەپ، گاھ چۆكۈپ يۈرۈپ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بۇ «ئاشىق» لار، قاپ يۈرەكلىك بىلەن تەڭرى دەرگاھىغا چىقىپ، جەننەتتىكى ئەڭ گۈزەل كۈينى ئېلىپ چۈشۈشكە جۈرئەت قىلغان بۇ قەھرىمانلار...مۇستەھكەم سەپ بولۇپ ئۇيۇشۇپ، بوستانلىق ۋادىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆتمۈشىنى بايان قىلماقتا. ئەسەردە سىياقىدىن تەمكىنلىك، مەردانىلىك، قىزىقچىلىق، مەيۈسلۈك، مىسكىنلىك ئالامەتلىرى يېغىپ تۇرىدىغان ھەر خىل ئوبرازلىق بۇ سەنئەت پىدائىيلىرىنىڭ چالغۇ تۇتقان قوللىرى خۇددى ئۇستاز رەسسامنىڭ پەلكۈش تۇتقان قولىدەكلا چېۋەر ھەم ماھارەتلىك، قەلبىمۇ ئۇنىڭ قەلبىدەكلا ساپ ھەم پاكىز يارىتىلغان.


تۆۋەندە ئۇستاز غازى ئەھمەدنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنايلى

مەنبەلەر: بەيدۇ قامۇسى، ئىزدە قامۇسى، شىنجاڭ گېزىتى، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

رەسىملەر تور دۇنياسىدىن توپلاندى



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش