ئىزدەخەۋەر > جەمئىيەت >
ئايروپىلاندا تاماكا چەككەن يولۇچى ئايروپىلاندىن قوغلاپ چۈشۈرۈلۈپ 3000 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-01-10 17:46:01

1-ئاينىڭ 9-كۈنى، شۈجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى گۇەنيىن ئايرودرومى ساقچىلىرى ئايروپىلانغا يوشۇرۇنچە چاقماق ئېلىپ چىققان ھەم ئايروپىلاندا تاماكا چېكىپ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان گۇماندارغا 3000 يۈەن جەرىمانە قويغان ھەم ئۇنىڭ ئايروپىلانغا چىقىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىغان.

1-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لاردا،گۇەنيىن ئايرودروم جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماق ئىدارىسى ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى دېلو مەلۇماتى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، مەلۇماتتا 3U833 نۆۋەتچى ئايروپىلانىدىكى خادىملار مەلۇم يولۇچىنىڭ ئايروپىلاندا تاماكا چەككەنلىك ئەھۋالىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان. دىجورنى ساقچىلار ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ گۇماندارنى قانۇن بويىچە ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى ساقچىخانىسىغا ئېلىپ كېلىپ سوراق قىلىپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

ساقچىلار ئەھۋال ئىگەللەش ئارقىلىق جىياڭ فامىلىلىك گۇماندارنىڭ بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەنلىكى، سىچۇەن ئۆلكىسى زىجۇڭدىن ئىكەنلىكىنى بىلگەن. 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەتىگەن سائەت 6لەردە، گۇماندار جىياڭ فامىلىلىك چېڭدۇدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ دالىيەنگە بېرىشقا تەييارلانغان. شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت 9لاردا، ئايروپىلان شۈجۇ شەھىرىدىكى گۇەنيىن ئايرودرومىغا كېلىپ ۋاقىتلىق قونغان. جياڭ فامىلىلىك ئەر ئايرودرومدا ۋاقىتلىق ساقلاش جەريانىدا، ئالدى بىلەن يېنىدىكى سەرەڭگىنى چىقىرىپ ئايرودروم تاماكا چېكىش ئۆيىدە تاماكا چەككەن. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن، جياڭ فامىلىلىك ئەر تېخى ئىككى چېكىم چەكمەي تۇرۇپلا، ئايرودروم تەرەپ داليەنگە بارىدىغان يولۇچىلارنىڭ تېزدىن ئايروپىلانغا قايتىپ چىقىشىنى ئۇقتۇرغان. تېخى تاماكا خۇمارى بېسىقمىغان جياڭ فامىلىلىك ئەر ئايروپىلانغا قايتىپ چىققاندىن كېيىن ئۇدۇل ئايروپىلان ھاجەتخانىسىغا بېرىپ تاماكا چېكىشكە باشلىغان، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ناھايىتى تېزلا ئايروپىلان خادىملىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىزنىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيىسى بىخەتەرلىك قوغداش نىزامىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن، يەنە نۆۋەتتە بارلىق ئايروپىلانلاردا تاماكا چېكىش قەتئىي مەنئىي قىلىنغان، يەنە ئايروپىلانلارنىڭ ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈش ۋە يەرگە قونۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۇچۇش جەريانىدا تاماكا چېكىش قەتئىي مەنئىي قىلىنغان، ھەتتا ئايروپىلان قونۇش سۇپىسى شۇنداقلا ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش (قونۇش) يوللىرىنىڭ ھەممىىسدە تاماكا چېكىش قەتئىي مەنئىي قىلىنغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش