ئىزدەخەۋەر > جەمئىيەت >
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ كوستا سېرېنا(Costa Serena)دىكى جۇلاسى
مەنبە : نۇر تورى
2017-03-13 14:36:08

ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ كوستا سېرېنا(Costa Serena)دىكى جۇلاسى

مۇھەممەد ئىبراھىم ھۇنبەگ

يىل بېشىنىڭ ئاپئاق زىيالارغا ئورالغان كۈنلىرىنىڭ بىزگە قۇچاق ئېچىشى بىلەن غەمناك كۆڭۈللەر ئاۋۇپ، خۇشراھەت تۇيغۇسىغا كىرىۋاتقان 1-ئاينىڭ جۇدۇنلۇق كۈنلىرىگە گۈزەللىك بىلەن قاراۋاتقان دەملەردە، ئۇيغۇر خەتتاتلىقىمىز ئۈچۈن يەنە بىر كاتتا خۇشخەۋەر بىزنى تولىمۇ ھاياجانغا سالدى.

شىيامېن «ئەنۋەر قاشتاش گۇروھى» بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پېشقەدەم كادىرلار خەتتاتلىق-رەسساملىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدىكى ئىتالىيەنىڭ غايەت چوڭ پاراخوتى كوستا سېرېنا (Costa Serena)دا خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش پىلانى مۇقىملىشىپ، خەتتاتلىق ئەسەرلىرىمىزنىڭ تىنچ ئوكياندا نۇرلىنىشى ئەمەلگە ئاشتى.

بۇ پاراخوت 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى شاڭخەيدىن يولغا چىقىپ، تىنچ ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ، كورىيەنىڭ جېجۇ ئارىلىغا بېرىپ، 26-چېسلا يەنە شاڭخەيگە قايتىپ كېلەتتى. پاراخوت 2007-يىلى پۈتۈپ سۇغا چۈشۈرۈلگەن، ئۇزۇنلۇقى 290 مېتىر، كەڭلىكى 36 مېتىر، ئېغىرلىقى 114500 توننا، 14 قەۋەتلىك يەتتە يۇلتۇزلۇق ھەشەمەتلىك ساياھەت پاراخوتى بولۇپ، 100 يىل بۇرۇنقى داڭلىق تىتانىك (لاتىنچە) ماركىلىق پاراخوتتىن بىر ھەسسە چوڭ. 1200 نەپەر پاراخوت خىزمەتچىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا 3780 ساياھەتچىنى بىمالال سىغدۇرالايدىكەن.

چەكسىز دېڭىز، كۆز يەتكۈسىز سۇ ئۈستى شەھىرى، ئىزغىرىن شامالغا ئەگىشىپ تىنچ ئوكياندا سەير ئېتىۋاتقان يۈكسەك ئارزۇلار، ئىپتىخار ۋە ئۈمىد بىلەن دېڭىز كوچىسىدىن ئۆتمەكتە.

دېڭىز كوچىسى،

قەلەم سۈمۈرۈپ ئۆتمەكتە ئۇنى.

دېڭىز سىياھ،

قەلەم پۈتەر ئالەم سىرىنى.

پۈتۈكچى،

بۈگۈنكى كۈندە.

خەت ھۆسنىدە،

تۆكمەكتە دېڭىزغا گۈزەل قەلبىنى.

يەلپۈنەر ئىزغىرىن شامالدا،

ھەرپلەر،

قەدەھكە تۆكۈلەر.

دېڭىزدا كېچە،

ئايغا كۆتۈرۈلەر.

چېكىتلەر،

يۇلتۇز بوپ كۈلەر...

پالۇبىدا يىراق دېڭىز ئۇپۇقىغا قاراپ تۇرۇپ يۇقارقى مىسرالارنى شىۋىرلىدىم. پاراخوت يوغان گەۋدىسى بىلەن، دېڭىزدا خۇددى بىر كوچىنى ھاسىل قىلىۋاتقاندەك، دولقۇنلارنى يېرىپ بىرخىل رىتىمدا ئالغا ئىلگىرلەيتتى.

بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزنىڭ مەنزىلى بولغان كورېيەدىكى داڭلىق ئارال جېجۇ ئارىلىغا 24-چېسلا چۈشكە يېقىن يېتىپ كەلدۇق. ئاسمان گۈمبىزى رەنجىگەندەك، قاپقارا بۇلۇتلار ھازىرلا كۆز يېشىنى تۆكىدىغاندەك بىر مۇھىت بىزنى قارشى ئالدى. ئەمما ھاۋا شۇقەدەر ساپ، دېڭىز شامىلى ئارال مۇھىتى بىلەن بىرىكىپ تەننى ئازادە، قەلبنى بەھۇزۇر قىلاتتى. 1-ئايدىمۇ كۆپكۆك تۇرغان ھەرخىل دەرەخلەر، پاكار-پاكار ئىككى قەۋەتلىك داچىسىمان ئۆيلەر، قىستاڭچىلىقىتىن خالىي ئازادە كوچىلار، بەخۇدىك كورېيە پۇقرالىرى... ھەممىسى كىشىگە بىر خىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرەتتى.

بىزنىڭ ياتاق-تامىقىمىز پاراخوت ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ياتاقنىڭ شارائىتى تولۇق، تاماقخانىلىرىمۇ چوڭ ھەم ھەشەمەتلىك ئىدى، مۇسۇلمانچە تاماقخانا ئايرىم بولۇپ 5-قەۋەت، پاراخوتنىڭ قۇيرۇق قىسمىغا جايلاشقانىدى. ئۈستى ئەينەكلىك بولغاچقا ئاسمان گۈمبىزى خۇددى بىزگە يېقىنلا يەردە تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى. ھەتتا ئەتراپمۇ ئەينەك بولۇپ دېڭىز دولقۇنلىرى ۋە دېڭىز ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى. پاراخوتنىڭ يىنىك دولقۇندا تەۋرىنىشكە ئەگىشىپ،خۇددى يىنىك مۇزىكا رېتىمغا جۈر بولۇپ، چەكسىز دېڭىزغا قاراپ ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچكەچ پاراڭلىشىش ئاجايىپ بىر ھۇزۇر ئىش ئىدى. بىز ئەنە شۇ مىنۇتلاردا بۈگۈن كەچ كوستا سېرېنا (Costa Serena) دا تىنچ ئوكياندا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەتتاتلىق كۆرگەزمىسى ۋە ئۇيغۇر كارخانىچىلار مۇنبىرى ھەققىدە مەسلىھەتلىشىپ ئولتۇراتتۇق.

بۇ قېتىمقى دېڭىز سەپىرى خەتتاتلىق پائالىيىتىمىزگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پىشقەدەم كاردىرلار خەتتاتلىق-رەسساملىق ئىلىمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۈن –سىن نەشرىياتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت لايىھەلىگۈچىسى، خەتتاتلىق سىياھلىرىنىڭ ئىجادچىسى، ئالىي ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىسى، ئۇستاز خەتتات كېرىم خوجا، بۇ جەمئىيەتنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، ئۇيغۇر خەتتاتلىق تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقلىرىدىن ئۈرۈمچى «ھۇنبەگ كىتابخانىسى»نىڭ مەسئۇلى، تونۇلغان ياش خەتتات، يازغۇچى مۇھەممەد ئىبراھىم ھۇنبەگ، خەتتاتلىقىمىزدىكى يارقىن يۇلتۇز، كۆپكە ماھىر كەسپىي خەتتات ئەرشىدىن رىشىت راشىد، توختەم ئەلا ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كۆزگە كۆرۈنگەن خەتتاتلاردىن: پېشقەدەم خەتتات قاسىمجان شېرىپ، جامالىدىن بىلال، راھمانجان توختى، ئابدۇغەنى ئەرك، كورلا «ئوغلانى مەدەنىيەت بۇيۇملىرى دۇكىنى»نىڭ قۇرغۇچىسى ئوسمانجان مۇھەممەد، مۇھەممەدجان ئەرك، ئۆزىنىڭ سىپتا، ئەپلىك خەتتاتلىق قەلەملىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان قەلەم ساھىبى يۇنۇس ياقۇپ، ئەھمەدجان مۇھەممەد، «تۇيغۇ گۈزەل سەنئەت سالونى»نىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەتجان قاتارلىق خەتتاتلار قاتناشقان بولۇپ، كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلەپ، مەدەنىيەت ساھەسىدە يۇلتۇز كەبى پارلاۋاتقان ئۇيغۇر خەتتاتلىقىمىزنىڭ ھارماس خىزمەتكارلىرى گويا بىر ئۇيۇلتاشقا ئوخشاش مېھرى ۋە رىشتى بىر يىپقا باغلانغان ھالدا تىنچ ئوكياندا قول تۇتۇشۇپ ئۈزمەكتە ئىدى.

25-چېسلا كەچ تىنچ ئوكيان بىزنى قوينىغا ئالدى. يىراقتىن قارىغاندا چەكسىز دېڭىزنىڭ دولقۇنسىمان يۈزىدە رەڭگارەڭ چىراقلار چاقناپ تۇرغان بىر شەھەر ئاستا-ئاستا ماڭماقتا ئىدى. پاراخوت ئىچى ئاجايىپ قاينام-تاشقىنلىققا تولغان. نەپس، ئۆزگىچە بېزەلگەن ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش ئۇرۇنلىرى، ئىتالىيەچە لىرىك مۇزىكىلار چىقىپ تۇرغان چايخانا، قەھۋەخانا، تاماقخانا، رەتلىك، سالاپەتلىك كېيىنگەن كىشىلەر... بۇلار خۇددى بۇندىن 100 يىل مۇقەددەم دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان تىتانىك (Costa Serena) ناملىق پاراخوتتىكى ئاجايىپ ئېسىل كۆرۈنۈشلەرنى ئېسىمىزگە سالىدۇ، بۇ ھاياجانغا ياندىشىپ تىنچ ئوكياننىڭ كۆز يەتكۈسىز دېڭىزىغا قاراپ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەستىن چىقماس قورقۇنچلۇق پاجىئەنىمۇ غىل-پال تاشلاپ ئۆتىدۇ. مانا مۇشۇنداق خۇشاللىق بىلەن ئەندىشە ئارىلىشىپ قەلب ئىستاكانىغا تامچىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۇچىسىغا قارا شىم–كاستيۇم، بېشىغا بادام دوپپا كىيىپ ھەممىنى ھەيرەتتە قالدۇرىۋاتقان، ئاپپارات ۋە تېلېفونلارنىڭ كۆزلىرى توغرىلىنىپ، توختىماي سۈرەتكە تارتىۋاتقان ھالەتتە كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ كېلىۋاتقان ئۇزاق مەدەنىيەتلىك مىللەتنىڭ بۈگۈنكى ۋارىسلىرى بولمىش ئۇيغۇر خەتتاتلىرى ئۇستاز كېرىم خوجىغا ئەگىشىپ مەزمۇت ۋە مەردانە قەدەملىرى بىلەن ئوڭ قولىنى سول كۆسىگە ئېلىپ ھەممىگە تەكشى سالام بېرىپ كىرىپ كەلمەكتە ئىدى. كۆرگەزمە زالىغا چۆرىدەپ ئېسىلغان نەپىس خەتتاتلىق ئەسەرلىرى ھەممىنى مەھلىيا قىلىپ،ئۆز جۇلاسىنى يۇقىرى پەرق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى.


بۈگۈنكى كېچىلىكتە كارخانىچىلار مۇنبىرىمۇ بار بولۇپ، ساھىبخان «ئەنۋەر قاشتاش گۇروھى» نىڭ قۇرغۇچىسى، باش لىدىرى ئەنۋەر تۇردى ئەپەندىنىڭ مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرى، قوللۇغۇچىلىرى، ھىندىستان بوللىۋودنىڭ بىر قىسىم چولپانلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستاندا كۆزگە كۆرۈنگەن ھىندىستانلىق لاكى خانىم بىلەن ئۇيغۇر قىزى ئامانگۈل ھەمكارلىقىدىكى «لاكى –ئامانى» شىركىتى، ئۇيغۇر كارخانىچىلار ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى بولۇپ 300 نەپەرگە يېقىن كىشى قاتناشتى.

بۇ پائالىيەتكە ئەنۋەر تۇردى ئەپەندىنىڭ قوللىغۇچىلىرى، ھەمكارلاشقۇچىلىرى، دوستلىرى قەدەم تەشرىپ قىلغان بولۇپ، تەيۋەن كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، بېيجىڭ سودىگەرلەر ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى، بېيجىڭ ئۇنۋېرىستېتىنىڭ پىروفېسسورى، شىيامېن شەھرىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى، شىيامېن سودىگەرلەر ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى، ۋىنجۇ سودىگەرلەر ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە بىر قىسىم چوڭ قاشتېشى سودىسى شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىدىن شىنجاڭ شانئال تەربىيەلەش مەركىزى، شىنجاڭ سەبىيلەر يېمەك-ئىچمەك شىرىكىتى، شىنجاڭ ئابىدە بىيو-پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، بىر قىسىم ساياھەت، سودا شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، داڭلىق سەنئەتكارلىرىمىزدىن زاھىر بورھان، ئادىلە سىدىق... قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى. شىنجاڭ شانئال تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ئايتۇرسۇن خانىم پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

تىنچ ئوكيان بۇ كېچە ئۇيغۇر ھەرپلىرىنى دولقۇنغا ئايلاندۇرماقتا، پاساھەت ۋە ماھارەت بىلەن يېزىلغان خەتتاتلىق ئەسەرلىرى دېڭىز كېچىسىنىڭ ئۈستىدە پارلاق يۇلتۇز كەبى نۇر چاچماقتا. ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى بىلەن ھەرقايسى ئەل ۋە مەملىكىتىمىز دىكى كارخانىچىلارنىڭ ئۆز-ئارا سودا ھەمكارلىقى بۇ يەرە ئەمەلگە ئاشماقتا. ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ يۇقىرى ماھارەتتە ئورۇندالغان ئىسىل كۈيلىرى ئۇزاق ئۇتۇپىيەدىكى ئۇيقۇغا كەتكەن تۇيغۇلارنى ئويغىتىپ، ئۇلارنى گۈزەللىك ئۈچۈن، مېھىر-مۇھەببەت ئۈچۈن، ھەمكارلىق ئۈچۈن چاقىرماقتا.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش