ئىزدەخەۋەر > جەمئىيەت >
چەتئەللىك تورداشلار: يۇمغاقسۈت يېگەنلىك سوپۇن غاجىغانلىققا باراۋەر
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:35

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان چەتئەللىك تورداشلارنىڭ ئارىسىدا يۇمغاقسۈت ماجراسى كۆرۈلدى. توغرا، خاتالاشمىدىڭىز، چەتئەللىك دوستلارنىڭ قارىشىچە: يۇمغاقسۈت يېگەنلىك بەئەينى سوپۇننى غاجىغانلىق بىلەن باراۋەركەن!!!! (توۋۋا)

بىزگە ئوخشاش ئوخشىتىپ ئېتىلگەن بىر قاچا سۇيۇقئاش، بىر قاچا چۆچۈرىگە يۇمغاقسۈت قوشىدىغان مېھىماندوست خەلقىمىز ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە پەقەت ۋە پەقەت: «يۇمغاقسۈتنىڭ مېزىلىك پۇرىقىغا قانداقمۇ بەرداشلىق بەرگىلى بولسۇن» دېمەكتىن باشقا ئامالىمىز يوق!

ئەممازە، يۇمغاقسۈتنىڭ چەتئەلدىكى دوستلارغا قانچىلىك دەرىجىدە ئازاب ئېلىپ كەلگەنلىكىنى سىز بىلەن بىز ھەرگىزمۇ ئويلاپ يېتەلمەيمىز.

بىرەيلەن تېخى مەخسۇس يۇمغاقسۈتكە قارشى تۇرۇش تور بېكىتى قۇرۇپ، «يۇمغاقسۈتكە قارشى ئىتتىپاق»نى شەكىللەندۈردى. (ھا، ھا، ھا... بىكار قالغانلار)

تۆۋەندىكىلەر بولسا، يۇمغاقسۈتكە قارىشى ئىتتىپاقنىڭ ئالىي روھلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۇمغاقسۈتكە بولغان غەزەپ-نەپرىتى تۆۋەندىكى ئاجايىپ پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن:

بۇ تور بېكەتتىن باشقا يەنە مەخسۇس ئىجتىمائىي ئالاقە تورى سۇپىسىدا «مەن يۇمغاقسۈتتىن نەپرەتلىنىمەن» تېمىسىدىكى ھەر خىل باش بەتلەر قۇرۇلدى.

ھەتتا بەزىلەر بەدەن چەكمىسى بىلەن يۇمغاقسۈتكە بولغان قارىشى تۇرۇشىنى ئىپادىلىدى.

ئىش بۇنىڭلىق بىلەنلا ئاياغلاشمىدى، بىر قىسىم يۇمغاقسۈتكە ئېلىشى باردەكلا ئۆچ بولۇپ كەتكەن كىشىلەر يەنە توختىماستىن ئۇنىڭغا قارىشى تۇرىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقاردى بۇلارنىڭ كىچىكى ھەتتا كىيىمنىڭ تۈگمىسىچىلىك چوڭى بىر پۈتۈن مايكىدەك كېلىدۇ.

بىراق نەپرەت بار يەردە مۇھەببەت بار بولغانغا ئوخشاش، يۇمغاقسۈتخۇمارلارمۇ «بۇ نەرسە سىلەرگە نېم قىلىپ قويغانىدى» دېگىنىچە سەكرەپ چۈشۈپ، قارشى تۇرغۇچىلارغا قاتتىق زەربە بەردى.

2016-يىلىدىكى «يۇمغاقسۈت خۇرۇچلىرى» ياپونىيەنىڭ شۇ يىللىق ئېسل يېمەكلىكىدىن ئورۇن ئالدى. ياپونىيەدە كىشىلەر يۇمغاقسۈت دېسە، جېنىنى بېرىدىغانلارمۇ بار (دىققەت، بۇ بىر چاقچاق خالاس)

ئەممازە ياپونىيەلىكلەرنىڭ مودىغا ئايلانغان ئۇسۇلى بىزنىڭ يەرلىك ئۇسۇلغا ئوخشىمايدىغاندەك قىلىدۇ، (خوش ھە، مەنمۇ يولۇمغا ماڭاي).

پاھ، يۇمغاقسۈتنىڭ شېرىن ھىدىدىن ھوزۇرلانغاچ ئارشاڭغا چۆمۈلسە، بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەخت بولمىسا كېرەك.

ئەلۋەتتە ياخشى كۆرگەن ئىكەن ئۇنىڭ بارلىقىنى قوشۇپ ياخشى كۆرۈش كېرەك، ياپونىيەلىكلەر ئۆز ئەمەلىيتى بىلەن يۇمغاقسۈتكە بولغان «ئاشىقلىقى»نى نامايەن قىلدى.

يۇمغاقسۈت تەييار چۆپى، يۇمغاقسۈەت بەرەڭگە قەلەمچىسى، يۇمغاقسۈت ئىچىملىكى ۋەھاكازالار... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ساپ مۇھەببەتنىڭ دەلىلى!!!

ھەتتا يەنە يۇمغاقسۈتكە قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىدىكىلەرنىڭ جېنىنى ئالىدىغان يۇمغاقسۈت ئەتىرلىرىنىمۇ ياپونىيەلىكلەر ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدۇ.

ئەلۋەتتە، چەتئەللىك تورداشلارنىڭ يۇمغاقسۈتنى «خورلىشى» بىزنىڭمۇ ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرىدۇ دە، بىزمۇ بوش ئەمەس:

شۇنداق قىلىپ، بىر مەيدان «يۇمغاقسۈت ماجراسى»نىڭ داۋامى قانداق بولدىكىن، بۇنىسى بىزگە نامەلۇم، بىراق مېنىڭچە، ھەر كىمنىڭ تاللاش ھوقۇقى بولىدۇ. شۇنىڭدەك سىز ياخشى كۆردىغان نەرسىنى ماڭا زورلاپ تاڭالمايسىز، مەنمۇ سىزگە ئۆچ نەرسىڭىزنى مەجبۇرلىمايمەن.

تامام!



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش