ئىزدەخەۋەر > جەمئىيەت >
بالىلار ئىشلىتىدىغان ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ يېرىمدىن ئارتۇقى لاياقەتسىز چىقتى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:39


مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 29-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھازىر بارغانسېرى كۆپ ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئۆيىنى جابدۇغاندا ئالايىتەن بالىلار ئائىلە جابدۇقلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىدىغان بولدى. لېكىن مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، ھازىر ئېلىمىزدىكى بالىلار ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ سۈپىتى ھەر خىل ئىكەن. يېقىندا جياڭسۇ ئۆلكىسى سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى 150 تۈركۈم قېتىم بالىلار ئائىلە جابدۇقلىرىنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرگەن. ئېلىمىز 2011-يىلى ئېلان قىلغان «بالىلار ئائىلە جابدۇقلىرىنى ئىشلىتىش تېخنىكىسى شەرتى» ۋە 2001-يىلى ئېلان قىلغان «ئۆي ئىچى بېزەكچىلىك ماتېرىياللىرى ياغاچ ئائىلە جابدۇقلىرىدىكى زىيانلىق ماددىلارنىڭ چېكى» ئۆلچىمىگە ئاساسلىنىپ، سۈپەت تەكشۈرۈش ئورگىنى قۇرۇلمىسىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئەسكەرتىش بەلگىسى، فورمالىن ۋە مېتال مىقدارى قاتارلىق تۈرلەرنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى يېرىمغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغان.

قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئائىلە جابدۇقلىرىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، دۆلەتنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچىمىدە بالىلار ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى ۋە مەھسۇلات ئۈستىدە ئالاقىدار ئەسكەرتىش بەلگىلىرى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

سۇجۇ شەھەرلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ ئىنژېنىرى ماۋ خەنجۈن: چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدا ئىككى نۇقتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشى كېرەك. بىرسى ماس كېلىدىغان بالىلارنىڭ ياش بۆلىكى، يەنە بىرسى مەھسۇلاتنى قۇراشتۇرۇش كېرەك بولسا «قۇرامىغا يەتكەنلەرلا قۇراشتۇرۇشقا بولىدۇ، بالىلار يېقىن كەلمەڭ» دېگەندەك خەتلەر ئېنىق ئەسكەرتىلىشى كېرەك. تەڭشەيدىغان ئەسلىھەلەر بولسا مەھسۇلات ئۈستىدە يەنە قوشۇمچە قىلىپ «قولىڭىزنى قىسىۋالمىسۇن» دېگەندەك ئەسكەرتىشلەر بولۇشى كېرەك.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق 150 تۈركۈم قېتىم ئەۋرىشكىدىن 71 تۈركۈم قېتىمىنىڭ ئەسكەرتىش بەلگىسى لاياقەتسىز چىققان. لاياقەتسىز ئەۋرىشكىدە 52 تۈركۈم قېتىمىنى چوڭ تىپتىكى تور سودا سۇپىسىنىڭ ماركا بايراقدار دۇكىنى ياكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ تور دۇكىنىدىن سېتىۋالغان: 39 تۈركۈم قېتىمىنى تيەنماۋدىن سېتىۋالغان، 6 تۈركۈم قېتىمىنى جىڭدۇڭدىن سېتىۋالغان، 4 تۈركۈم قېتىمىنى بىرىنچى نومۇرلۇق دۇكاندىن سېتىۋالغان، ئىككى تۈركۈم قېتىمىنى سۇنىڭ يىگوۋدىن سېتىۋالغان، بىر تۈركۈم قېتىمىنى تاۋباۋدىن سېتىۋالغان. جياڭسۇ ئۆلكىسى ئىچىدىكى ئەمەلىي دۇكاندىن سېتىۋالغان 19 تۈركۈم قېتىمى لاياقەتسىز چىققان.

ئەسكەرتىش بەلگىسىدىن باشقا، قۇرۇلمىسىنىڭ بىخەتەرلىكى بالىلار ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭكىدە يوق بولغان يەنە بىر تەكشۈرۈش تۈرى.

سۇجۇ شەھەرلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ ئىنژېنىرى ۋاڭ خاۋمىڭ: بالىلار ئائىلە جابدۇقلىرى توغرىسىدا دۆلەتنىڭ مەجبۇرىي ئۆلچەم بەلگىلىمىسى بار، بۇنداق ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ قىرى ۋە بۇلۇڭى يۇمىلاق شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك. لېكىن بۇنىڭ قىرى يەنىلا ئۇنداق بىر تەرەپ قىلىنمىغان.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق 6 تۈركۈم قېتىم بالىلار ئائىلە جابدۇقىنىڭ قىرى ۋە ئۇچى لاياقەتسىز چىققان. ئۇنىڭ ئىچىدە 4 تۈركۈم قېتىمى تيەنماۋدىن سېتىۋالغان بالىلار كىتاب ئىشكابى، ئۆگىنىش ئورۇندۇقى، بالىلار ئۈستىلى قاتارلىقلار، ئىككى تۈركۈم قېتىمى جياڭسۇ ئۆلكىسى ياڭجوۋ شەھىرىدىكى ئەمەلىي دۇكانلاردىن سېتىۋالغان كىچىك يۇمىلاق ئۈستەل ۋە يۇمىلاق ئورۇندۇق.

تەكشۈرۈش خادىمىنىڭ مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇشىچە، بالىلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا قىزىقىش ياكى بىخەتەرلىك ئېڭىنىڭ كەم بولۇشى سەۋەبلىك بارمىقىنى ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ تۆشۈكلىرىگە قىسىۋېلىشى مۇمكىن ئىكەن. تاسادىپىيلىق يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن دۆلەت ئۆلچىمىدە بالىلار ئائىلە جابدۇقلىرىدىكى تۆشۈكلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئېنىق بەلگىلەنگەن.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش