ئىزدەخەۋەر > جەمئىيەت >
قاتتىق ئىسسىق ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپەلمىدى
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:40

تېڭشۈن تورى 29-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

5-ئاينىڭ 28-كۈنى تاڭزۇڭزا چاغىنىلىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى بولۇپ، مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىكىلەر يۇقىرى تېمپىراتۇرىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان. يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى كۆپ قىسىم رايونلار «يۇقىرى تېمپىراتۇرا ھالىتى»گە كىرىپ تېمپىراتۇرىسى 35 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشقان، بەزى رايونلارنىڭ ھەتتا 39-38 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەن. بىراق، يۇقىرى تېمپىراتۇرا ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى قىلچە سۇسلاشتۇرالماي ھەرقايسى مەنزىرە نۇقتىلىرى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغان. سۈرەتتە، 5-ئاينىڭ 28-كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسى شۈينىڭ شەھىرى دايىڭ ناھىيەسىدىكى نەچچە مىڭلىغان ساياھەتچى جۇڭگودىكى ئۆلۈك دېڭىزدا دولقۇن تېيىلىپ، خۇشال-خۇرام ئوينىماقتا.

5-ئاينىڭ 28-كۈنى چىڭداۋدىكى جەنچياۋ كۆلى مەنزىرە رايونىغا ساياھەتچىلەر لىق تولۇپ كەتكەن. شۇ كۈنى چىڭداۋدا ساياھەت قىزىپ كەتكەن بولۇپ، چيەنخەيگې ساياھەت رايونىغا ئادەملەر پاتماي قالغان، ساياھەتچىلەر ھەرخىل ئۇسۇللاردا كۆڭۈل ئاچقان.

5-ئاينىڭ 28-كۈنى گەرچە بېيجىڭنىڭ تېمپىراتۇرىسى 36 سېلسىيە گىرادۇسقا چىققان بولسىمۇ، ئەمما ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقىغا قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن.

28-ماي لياۋنىڭ دەندوڭدىكى يالۇجياڭ دەرياسى كۆۋرۈكىگە ساياھەتچىلەر لىق تولغان. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر ئارقا-ئارقىدىن يالۇجياڭ ككۋرۈكىگە چىقىپ چاۋشيەنگە قارىغان. بىراق، چاۋشيەننىڭ بىر قۇم كولاش پاراخوتى يېتىپ كەلگەندە ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتى پاراخوتقا يۆتكەلگەن.

28-ماي، جېجياڭ خاڭجۇدىكى ساياھەتچىلەر شىخۇ كۆلى كۆۋرۈكىدە ساياھەت قىلغان.

28-ماي نەچچە مىڭ ساياھەتچى جېجياڭنىڭ شاۋشىڭ بازىرىدىكى لۇشۇننىڭ تۇرالغۇسىغا بار كونا كوچىغا بارغان. گەرچە بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان شاۋشىڭنىڭ تېمپىراتۇرىسى قايتىدىن ئۆرلەپ ئىسسىق ئەۋجىگە چىققان بولسىمۇ، ئامما ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقىغا تەسىر يەتمىگەن.

28-ماي، خېبېينىڭ چېڭدېدىكى مەنزىرە رايونغا ساياھەتچىلەر تولۇپ كەتكەن.

28-ماي تيەنجىندىكى دېڭىز ساھىلى سۇ ئۈستى باغچىسى سالقىنلىغىلى كەلگەن نەچچە مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان.

28-ماي شەندوڭ جىنەن شەھىرىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنىڭ تېمپىراتۇرىسى 38 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن ھەمدە بۇنداق يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ھاۋانىڭ 3 كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. تاڭزۇڭزا بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت چۆلدەرەپ قالغان جىنەن خۇچېڭ دەريا بۇلاق سۈيىگە چۆمۈلۈش مەيدانىغا ساياھەتچىلەر لىق تولغان.

28-ماي شاڭخەي خوڭچياۋ پويىز ئىستانسىسىنىڭ پويىز كۈتۈش زالى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان.

28-ماي بېيجىڭ پويىز ئىستانسىسىنىڭ شىمالىي مەيدانى تاڭزۇڭزا بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا ساياھەتكە چىققانلار بىلەن تولغان.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش