ئىزدەخەۋەر > جەمئىيەت >
دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قانداق ئۆگىنىدۇ
مەنبە : نۇر تورى
2017-05-30 17:05:43


دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قانداق ئۆگىنىدۇ


شى يۈجى


A.ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ساپاسىدىن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سەۋىيەسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ

بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قانداقلىقىنى ئۆلچەش ئۈچۈن بىرى ئۇنىڭ پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قاراش، يەنە بىرى شۇ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساپاسىغا قاراش كېرەك. مېنىڭچە، بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ساپاسىغا باھا بېرىشتىكى مۇھىم ئۆلچەم بولسا شۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدىن نوبېل مۇكاپاتى قاتارلىق خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەنلەرنىڭ سانىغا قاراش كېرەك.

دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەت تەرتىپى خىلمۇخىل، ئىسىم تەرتىپىدىكى پەرق بەك چوڭ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاساسلىنىدىغان ئۆلچىمى ئوخشاش ئەمەس. ھازىرغا قەدەر مەن بىرمۇ رەت تەرتىپنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خالقئارالىق يۇقىرى دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ئۆلچەم قىلغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئەمەلىيەتتە بىر ئالىي مەكتەپ تەربىيىلەپ چىققان باكلاۋر ياكى ئاسپىرانتنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى ئىلىم ساھەسىدىكى ئىپادىسى بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مائارىپ ئەقىدىسىنىڭ مائارىپ قائىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

دۇنيادا ئېتىراپ قىلىنغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى كۈچلۈك، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار مۇنەۋۋەر. ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئادەم سانى بويىچە رەتكە تىزغاندا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى بەش ئالىي مەكتەپ بولسا:

بىرىنچى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى: ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەردىن 76سى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئىككىنچى كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى: ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەردىن65ى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئۈچىنچى،كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى: ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەردىن 44ى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

تۆتىنچى ماسساچۇستېس تېخنىك ئىنىستىتۇتى: ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەردىن 34ى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

بەشىنچى كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى: ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەردىن 32سى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

مەن يۇقىرىقى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ، مەكتەپ مەدەنىيىتىنى كۆرۈپ باققان ئىدىم. ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخى بىر قەدەر قىسقا، بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىققان ئوقۇغۇچىلاردىن 13ى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، لېكىن ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلار ۋە پەن-تەتقىقات قوشۇنىدىكىلەردىن 20 نەچچە نەپىرى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، جۈملىدىن يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان بۇ مەكتەپتىن 11 ئادەم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق كۇرسقا ئوقۇشقا كىرىش رىقابتىنىڭ كەسكىنلىك دەرىجىسى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلاردىن ئېشىپ چۈشتى، بۇنىڭدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

باشقا بىر قىسىم دۇنياۋى داڭلىق مەكتەپلەر ياراملىق ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ چىققانلىقىدەك نەتىجىسى بىلەن پۇت تىرەپ تۇرماقتا. 2008-يىلى مەن گېرمانىيەگە يىغىنغا بارغاندا ھېيدىلبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىغىمۇ باردىم. ئۇ مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىققان ئوقۇغۇچىلاردىن 17 كىشىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىنمۇ ئون نەچچە ئادەمنىڭ بۇ شەرەپكە نائىل بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. گېرمانىيەدە بۇنىڭدىنمۇ قالتىس ئالىي مەكتەپلەر بار، مەسىلەن، خۇمبۇلد ئۇنىۋېرسىتېتى، ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار. بۇ ئالىي مەكتەپلەرمۇ نۇرغۇن ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ چىققان.

ئاسىيا قىتئەسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، پۈتتۈرۈپ چىققان ئوقۇغۇچىلىرىدىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ سانىنى ئۆلچەم قىلىپ رەتكە تىزغاندا، ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، 11 كىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئىككىنچىسى، ياپونىيە كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، ئالتە ئادەم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ ياپونىيە ناگويا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىسرائىلىيەدىكى ئىبراي ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئوخشاشلا بەش كىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ سانلار شۇنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پۈتتۈرۈپ چىققان ئوقۇغۇچىلاردىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئادەم سانىنى ئۆلچەم قىلىش بىر ئالىي مەكتەپنىڭ سەۋىيەسىنى بېكىتىدىغان مۇقىم كۆرسەتكۈچ.

B. ئوقۇغۇچىنىڭ «شان-شەرەپ ئىمتىھان تۈزۈمى»گە تولۇق ئىشىنىش

سەمىمىيلىك مائارىپنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش-بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مۇنەۋۋەر ئىقتىساسلىق خادىم تەربىيىلەپ چىقىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرىنچى ئالاھىدىلىكى بولسا سەمىمىي بولۇش.

ئامېرىكىدا ئاز ساندىكى بىر نەچچە داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت «شان-شەرەپ ئىمتىھان تۈزۈمى»نى يولغا قويغان، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. بۇ خىل تۈزۈمدە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىمتىھانغا نازارەتچىلىك قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئوقۇغۇچىغا پۈتۈنلەي ئىشىنىدۇ. ئىمتىھان ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچى ئىمتىھان قەغىزىنى تارقىتىپ بولۇپلا ئىمتىھان مەيدانىدىن ئايرىلىدۇ. ئىشخانىسى يىراقراق يەردىكى ئوقۇتقۇچى ئورۇندۇقنى ئەكىلىپ ئىمتىھان مەيدانىنىڭ سىرتىدا ئولتۇرىدۇ، ئوقۇغۇچىنىڭ سوئالى بولسا چىقىپ سورايدۇ. ئىشخانىسى يېقىنراق ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كېتىدۇ. ئېنىق بولمىغان جايلارنى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ سورايدۇ. ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ھەرقانداق نەرسىسىنى، مەسىلەن، تاپشۇرۇق دەپتىرى، دەرسلىك ماتېرىيالى، لۇغەت قاتارلىقلارنى ئىمتىھان مەيدانىغا ئېلىپ كىرسە بولىدۇ، بۇنىڭغا ھېچقانداق چەكلىمە يوق، يەنە كېلىپ قەيەرگە قويغۇسى كەلسە شۇ يەرگە قويىدۇ، ئىمتىھان قەغىزىنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالسىمۇ بولىۋېرىدۇ.

ئىمتىھان ئارىلىقىدا ئوقۇغۇچىنىڭ ھاجەتكە چىققۇسى كەلسە، ھەتتا سىرتقا چىقىپ شامالداپ كىرمەكچى بولسا بىرەرىدىن رۇخسەت سورىشىنىڭ ياكى تىزىملىتىپ قويۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئوقۇغۇچى سوئاللارغا جاۋاب يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئۈستەلگە قويۇپ قويۇپ چىقىپ كەتسە بولىدۇ، ئوقۇتقۇچى كىرىپ ئىمتىھان قەغىزىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر «بۇنداق بولسا قالايمىقانلىشىپ كەتمەمدۇ؟» دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ سەمىمىيلىك ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان جەمئىيەتتە ئىمتىھان نازارەتچىسى، كامېرالاردىن بەكرەك بېسىمى ئېغىر، قورقۇنۇچلۇق بولۇپ، ئوقۇغۇچىغا ئەتراپىدىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى «ئىمتىھان نازارەتچىسى»دەك تەسىر بېرىدۇ، كىچىككىنە بىنورمال ھەرىكەت قىلىپ سالسىمۇ باشقىلار مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ.

«شان-شەرەپ ئىمتىھان تۈزۈمى» ئوقۇغۇچىلارغا تولۇق ئىشىنىش، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى سەمىمىي، مۇنەۋۋەر دەپ قاراش دېگەنلىكتۇر. ئۇنداقتا ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۆز ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ غورۇرى ۋە شان-شەرىپىنى قوغدىشى كېرەك. مەن ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ۋاقتىمدا نۇرغۇن يېپىق ئىمتىھان مەيدانلىرىدا بولغان، بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرگەنلىكىنى كۆرمىدىم ھەم ئاڭلاپمۇ باقمىدىم، بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرگەنلىكى سەۋەبلىك مەكتەپتە ئېلان قىلىنغانلىق خەۋىرىنى تېخىمۇ ئاڭلاپ باقمىدىم. ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بەك ساددا، ھېچكىممۇ غەلىتە خىياللاردا بولمايدۇ. ئادەتتە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ، ئىمتىھان ۋاقتىدىمۇ يۇۋاشلىق بىلەن ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىقتىدارىنى ئىسپاتلاپ بېرىشكە تىرىشىدۇ. قارىماققا ئىنتايىن ئادەتتىكى ئىشتەك كۆرۈنگەن بۇ ئىشنىڭ ئۈنۈمى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكىچە ئەمەس، ئۇ ھەر بىرەيلەننىڭ ئازادە، خۇشال-خورام كەيپىياتتا ئۆز ئىقتىدارىنى تولۇق نامايان قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

مەن 2010-يىلى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ۋاقتىمدا ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ «ھازىرقى زامان ئالگېبىراسى» دېگەن تولۇق كۇرس دەرىسىگە قاتناشتىم. بۇ پەن دەرسنىڭ چارەكلىك ئىمتىھانى بار ئىكەن، ئىمتىھان مەيدانى ۋە ۋاقتىنى ئوقۇغۇچى ئۆزى تاللايدىغان بولۇپ، دەرس ۋاقتىنى ئىگىلىۋالمايدىكەن. ئىمتىھان شەكلى كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچى بىر ھەپتە بۇرۇن مەكتەپنىڭ شۇ دەرسنىڭ ئوقۇتۇش تورىغا ئىمتىھان سوئاللىرىنى يوللايدىكەن، ئوقۇغۇچى ئۆزى مەلۇم بىر جاينى تاللاپ، ئىككى سائەت ئىچىدە سوئالنى ئىشلەپ بولىدىكەن، بەلگىلەنگەن كۈنى كەلگەندە ئوقۇغۇچى جاۋاب يېزىلغان قەغەزنى ئوقۇتقۇچىغا تاپشۇرۇپ بەرسىلا بولىدىكەن.

بۇ قېتىملىق مەكتەپ زىيارىتىمدە مەن يەنە كومپيۇتېر فاكۇلتېتىنىڭ «ئۇچۇر نەزەرىيىسى» دەرىسىگە قاتناشتىم. بۇ پەن دەرسنىڭ يېپىق شەكىلدىكى ئىمتىھانى يوق بولۇپ، ئادەتتىكى ئۈچ قېتىملىق چوڭ تاپشۇرۇق ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىسى بېكىتىلىدىكەن. ئوقۇغۇچى تاپشۇرۇق تاپشۇرىدىغان كۈنى شۇ دەرسنى ئۆتىدىغان پروفېسسور بارلىق تېمىلارنىڭ جاۋابىنى بېسىپ تەييارلاپ، قېلىن قىلىپ مۇنبەرگە قويۇپ قويىدىكەن. دەرس ۋاقتىدا بۇ پروفېسسور: «بۈگۈن تاپشۇرۇق تاپشۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار جاۋابنى ئېلىپ بېرىپ سېلىشتۇرۇپ بېقىڭلار، يازغان جاۋابىڭلار توغرىمۇ خاتامۇ؟ بۈگۈن تاپشۇرۇق تاپشۇرمايدىغان ئوقۇغۇچىلار كېيىنكى قېتىم ئېلىڭلار» دەپ ئېلان قىلىدىكەن. شۇ كۈنى تاپشۇرۇق تاپشۇرالمايدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاڭلىقلىق بىلەن كېيىنكى ھەپتە جاۋاب قەغىزىنى ئېلىشقا تەييارلىنىپ تۇرىدىكەن. ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولالمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلەپ بولغانلاردىن جاۋابنى ئېلىپ كۆچۈرىۋېلىشىدىن ئەنسىرىمەيدىكەن، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۇنداق خىيالدا بولمايدىكەن. مانا بۇ ئىشەنچ، ئۇ ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىدىكى مۇقەددەس نەرسە، ھېچكىممۇ بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمايدۇ.


C. سىنىپتىكى ئورۇن ۋە تاماق ۋاقتىدا ئەكىس ئەتكەن روھىي قىياپەت

ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپتا ئولتۇرىدىغان ئورنىنى تاللاش ئەھۋالىدىن شۇ ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىق ئەھۋالىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەن سىنگاپوردا ئۇزۇن يىل دەرس ئۆتتۈم، دۆلەت ئىچىدىمۇ بىر نەچچە ئۇنىۋېرسىتېتتا دەرس ئۆتتۈم، بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ۋاقتىدىكى ئورنىنىڭ تارقىلىش قانۇنىيىتىنى بايقىدىم، ئالدىدىكى ئىككى، ئۈچىنچى رەتتە ئادەتتە ئادەم يوق، كەينىدىكى بىر نەچچە رەتتە لىققىدە ئوقۇغۇچى ئولتۇرىدۇ. ستەنفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا بولسا ئەھۋال دەل ئەكسىچە، ئالدىنقى بىر نەچچە رەتتە ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ، كەينىگە بارغانچە ئازلايدۇ. بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىكى ئورۇن تاللاش ئەھۋالى بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ قانداقلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان پەننىڭ دەرىسىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

تاماق ۋاقتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئۆگىنىش قىلىشمۇ دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئومۇمىيۈزلۈك ئىش. بۇ يەردە مەن ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي. 2011-يىلى 2-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ئىدى. مەن تاماقنى ئېلىپ ئۆزۈم يالغۇز بىر قۇرۇق ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇم. بىر ئاسىيالىق ئوقۇغۇچى بىر قاچا تاماقنى كۆتۈرۈپ كېلىپ شۇ ئۈستەلدە ئولتۇرسا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىدى، بۇمۇ ئامېرىكىلىقلاردىكى بىر خىل ئەدەپ-ئەخلاق ئىدى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا ھەر قانداق ئادەم ئولتۇرغان كىشىنىڭ رۇخسىتىنى ئالاتتى. مەن ماقۇل بولدۇم. ئەينى ۋاقىتتا مەن بۇ ئوقۇغۇچى بىرەر كىتاب چىقىرىپ ئوقۇمدۇ قانداق، دەپ ئويلىدىم. دېگەندەك، بۇ ساۋاقداش ئولتۇرۇپلا كىتابىنى چىقىرىپ تامىقىنى يىگەچ كىتاب كۆرۈشكە باشلىدى، مەن تامىقىمنى يەپ بولۇپ ماڭىدىغان ۋاقىتقىچە ئۇنىڭ بېشى كىتابتىن كۆتۈرۈلمىدى. بۇنداق ئىش بۇ يەردە ئىنتايىن نورمال ئىش ھېسابلىناتتى.

2011-يىلى يازدا، مەن پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئېكىسكۇرسىيەگە بارغىنىمدا مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى كىچىك گۈللۈكتە بىر سەنئەت بۇيۇمىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ ئىسمى «چۈشلۈك تاماق ۋاقتى» بولۇپ، مىس ھەيكەل ئىدى. بىر ئوقۇغۇچى يەردە ئولتۇرۇپ بىر قولىدا تېخى ھېلىلا بىر چىشلەم چىشلىگەن ساندۋىچ، يەنە بىر قولىدىكى كىتابقا بېرىلىپ كەتكەن ھالەتتە ئىدى. بۇ مىس ھەيكەلدىكى كۆرۈنۈش دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالمىي مەكتەپلەردىكى ئومۇمىي كۆرۈنۈش. بەلكىم تاماق يېگەندە كىتاب كۆرۈش ياخشى ئادەت بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بۇ دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش كەيپىياتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ ھويلىسى چوڭ ھەم چىرايلىق، ھەممە يەردە ئورۇندۇق، گۈللۈكلەر بار، بۇ مۇھەببەتلىشىدىغان ۋە سەيلە قىلىدىغان ياخشى جاي بولسا كېرەك. لېكىن مەن ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا شۇنچە يىل تۇردۇم، كەچ بولغان ھامان مەكتەپ ئىچى جىمجىت بولۇپ كېتىدۇ، مەن ئەزەلدىن بىر-بىرى بىلەن قولتۇقلىشىپ، قۇچاقلىشىپ سۆيۈشۈپ يۈرگەنلەرنى كۆرۈپ باقمىدىم.

D. ئوقۇغۇچىلار «پروفېسسور ئامبۇلاتورىيەسى»دە ئۆچىرەتتە تۇرۇپ سوئال سورايدۇ

ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر بولىدۇ، شۇڭا ئۆگىنىش توغرىلىق ئۇنداق ياكى مۇنداق سوئاللارنى ئاكتىپلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىدىن سوراش داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئالاھىدە ئەھۋال. ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ھەر ھەپتىدە ئىككى مۇقىم ۋاقىتنى بېكىتىپ ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ مەخسۇس ئوقۇغۇچىلار يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىدۇ. پروفېسسورنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا دائىم بىر نەچچە ئورۇندۇق تىزىقلىق تۇرىدۇ، چۈنكى ئوقۇغۇچىلار بۇ يەرگە دائىم سوئال سوراش ئۈچۈن كېلىپ تۇرىدۇ، پروفېسسور ھەممىسىگە جاۋاب بېرىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالسا، ئوقۇغۇچىنى ئىشىك ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۆچىرەت بىلەن كىرىپ سوراشنى ئېيتىدۇ. بۇ ئېنىقلا «پروفېسسور ئامبۇلاتورىيەسى».

بۇنىڭدىن باشقا، دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى شۇنى بىلىدۇكى، پەقەت چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شوغۇللىنىدىغان تېخنىك ئىشچىلارنىلا كوللېكتىپ تەربىيەلىگىلى، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، لېكىن ئىقتىساسلىق خادىملارنى پەقەت قايتا-قايتا سىلىقلاپ، ئىنچىكىلىك بىلەن، ئىخلاس بىلەن ئىشلىگەندىلا ئاندىن ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار كىچىك سىنىپلارنى تەسىس قىلغان. مەن بىر نەچچە ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار نىسبىتىنى نىسبەتلەشتۈرۈپ ئىستاتىسكىلاپ باقتىم، بۇنىڭ ئىچىدە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى، ماسساچۇستېس تېخنىك ئىنىستىتۇتى، كالفورنىيە تېخنىك ئىنىستىتۇتى قاتارلىقلار بار، بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نىسبىتى ئادەتتە 1:5 ئەتراپىدا، ئاسپىرانتلارنى قوشقاندا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 1:10دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

كىچىك ھەم تۈجۈپىلىك ئۆگىتىش ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغىنى كالفورنىيە تېخىك ئىنىستىتۇتى، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئاسپىرانتلارنى قوشقاندىمۇ 2000دىن ئارانلا ئاشىدۇ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار تەخمىنەن 300 نەپەر، لېكىن ئۇلارنىڭ نەتىجىسى ئادەتتىكىچە ئەمەس، نۇرغۇن داڭلىق بىلىم ئەھلىلىرىنى تەربىيىلەپ چىققان، بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر 20 نەپەر، نىسبەت بويىچە ھېسابلىغاندا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. جۇڭگونىڭ داڭلىق ئالىمى چيەن شۆسېن ئەپەندىمۇ مۇشۇ مەكتەپتە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغان.

دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەشۋىقات ئستراتېگىيەسىدىنمۇ ئۇلارنىڭ مائارىپ ئەقىدىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر مەكتەپ تەشۋىقاتىدا ئالاھىدە قىلىپ، ئۇلارنىڭ %70 ئەتراپىدىكى تولۇق كۇرس سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 20گە يەتمەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇئەللىم بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولىدىغانلىقى، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

E. خەلقئارالىق تونۇش، دەسلەپكى بىلىملەر بىلەن بالدۇرراق تونۇشۇش مەسىلىسى

دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىنىڭ خەلقئارا نەزەر يېتىلدۈرۈشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارغا ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ ئالدىنقى مەسىلىسىنى بالدۇرراق تونۇتىدۇ.

ئالدى بىلەن، ئۆز مەكتىپىدىكى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرغۇزىدۇ، بۇ يېڭىلا ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۇنياۋى داڭلىق ئۇستازلار بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىدىكى سىرلىقلىق تۇيغۇسىنى يوقىتىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلۇغۋار غايە تىكلىشىگە پايدىلىق.

ئاندىن ئوقۇغۇچىنى مەكتەپ تەشكىللىگەن يۇقىرى سەۋىيەدىكى خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. مەن 2010-يىلى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە خىمىيە فاكۇلتېتى بىر يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىلمىي دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپتۇ، دوكلات بەرگۈچى نوبېل مۇكاپاتى ئېرىشكۈچى ئىكەن، دوكلات بېرىدىغانلار 10غىمۇ يەتمەيدۇ، لېكىن ئاڭلايدىغانلار ئىنتايىن كۆپ ئىدى. بۇ يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن دوكلات بېرىش بېرىشتىن سىرت، كۆپچىلىك بىلەن شۇ ساھەدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەسىلىلەر قايسىلار دېگەندەك تېمىلاردا مۇنازىرلىشەلەيدۇ. ئەگەر بىرەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش داۋامىدا شۇنداق داڭلىق ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، شۇ ساھەدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزەلىسە، ئېنىقكى بۇ شۇ كىشىنىڭ كېيىن ئىنقىلاب خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، باشقا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئەڭ داڭلىق ئىلىم ئەھلىلىرىنى پات-پات ئىلمىي لېكسىيەگە تەكلىپ قىلىپ تۇرىدۇ. مەن ئۇ يەردە زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەزگىلدە ماتېماتىكا فاكۇلتېتى بىلەن فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ لېكسىيەلىرىنى ئاڭلىغان، تەكلىپ قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى فىيلدىز مۇكاپاتى ۋە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئىدى.

تۆتىنچىدىن، ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىنىڭ نەزەر دائىرىسى ۋە كۆڭلى-كۆكسىنىڭ كەڭ بولۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ سۆزلىگەن سۆزى مەكتەپنىڭ مائارىپ ئەقىدىسىنى ئىنتايىن ياخشى يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئوقۇش باشلاش ياكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا مەكتەپ مۇدىرلىرى دائىم دۇنيادىكى ئەڭ رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بولغان قىيىن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ، مەسىلەن، كىلماتنىڭ ئىللىپ كېتىش مەسىلىسى، ئېنېرگىيە كىرىزىسى مەسىلىسى دېگەندەك، ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنى رىقابەتكە جۈرئەت بىلەن تاقابىل تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. بۇنداق سۆزلىگەن سۆزلىرىدە مەكتەپ مۇدىرلىرى دائىم بىر تېمىنى تىلغا ئالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەركىنلىك روھى، تەۋەككۈلچىلىك روھى، خەلقئارالىق كۆز قارىشىنى يېتىلدۈرۈش، شۇنداقلا ئەقلىنى ئېچىش قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇشۇنداق شارائىتتا تەربىيىلەنگەن ئوقۇغۇچى تېخىمۇ ئاسانلا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئۇستاز بولالايدۇ.

ئوقۇغۇچىنىڭ خالقئارا نەزىرى ۋە ئۇلۇغۋار غايىسىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ستەنفورد ئۇنىۋېرسىتېتى يەنە ھەر خىل فۇندلارنى تەسىس قىلغان بولۇپ، ھەر يىلى ئوقۇغۇچىلارنى چەتئەللەرگە تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتكە ئەۋەتىدۇ. مەن بىر تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسىنى تونۇيتتۇم، ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان تۆت يىلدا ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە فوند ئىلتىماس قىلىپ چەتئەلگە زىيارەتكە بېرىپتۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بارغان ئىكەن. بۇ ئوقۇغۇچى ئىلگىرى ياپونىيەگە بېرىپ ياپون تىلى ئۆگىنىپتۇ، جۇڭگوغا كېلىپ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىپتۇ، ھەر ئىككى تىلنى شۇنداق راۋان سۆزلىيەلەيدىكەن. بۇنداق ئۇسۇلدا تەربىيىلەنگەن ئوقۇغۇچىنىڭ نەزەر دائىرىسى ئادەتتىكىچە بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

F. ھەر خىل ئىلىم كوللېكتىپلىرى ۋە كىتاب ئوقۇش ئۇيۇشمىلىرى

سىنىپتا دەرس ئوقۇش ئالىي مەكتەپتىكى ئۆگىنىشنىڭ بىر قىسمى، دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەر خىل ئىلىم كوللېكتىپلىرى تەشكىللىگەن ھەر خىل پائالىيەتلەرمۇ ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغان. ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەر بىر فاكۇلتېتنىڭ ئىلىم كوللېكتىپى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىلمىي لېكسىيەلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ. كومپيۇتېر فاكۇلتېتىنى مىسالغا ئالساق، چۈش سائەت 12 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 6 گىچە ھەر بىر ۋاقىت ئارىلىقىغا بىردىن ئىلمىي لېكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ ئىلمىي پائالىيەتلەرمۇ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، بەزىلىرى ئوخشاش يۆنىلىشتىكى ئاز ساندىكى مۇتەخەسسىسلەرگە قارىتىلغان بولسا، بەزىلىرى شۇ فاكۇلتېتتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلىدۇ، يەنە بەزىلىرى بولسا پۈتۈن مەكتەپ، ھەتتا جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن بولىدۇ. ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن لېكسىيەلەر ماتېماتىكا، فىزىكا، بىيولوگىيە قاتارلىق پەنلەر بولۇپ، بۇنى ئادەتتىكى ئادەملەرمۇ چۈشىنەلەيدۇ. مېنىڭ تەجرىبەم شۇ بولدىكى، مەيلى قانداقلا لېكسىيە بولسۇن، ئاڭلىسىلا ئازدۇر-كۆپتۇر نەپكە ئېرىشكىلى بولىدىكەن.

2010-يىلى زىيارەتتە بولغان ۋاقتىمدا، «مۇرەككەپ سىستېما تەتقىقات گورۇپپىسى» دەيدىغان بىر ئىلىم كوللېكتىپىغا قاتناشتىم. بۇ ئىلىم كوللېكتىپىنىڭ ھەر قېتىملىق پائالىيىتىگە 50، 60 ئادەم قاتنىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نوپۇزلۇق ئەربابلارمۇ، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىمۇ، ئاسپىرانتلارمۇ بار. قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىچىدە ھەرقايسى فاكۇلتېتتىكىلەر بار، يەنى بىيولوگىيە، خىمىيە، فىزىكا، تىلشۇناسلىق، پىسخولوگىيە دېگەندەك فاكۇلتېتتىكىلەر، ئەدەبىيات فاكۇلتېتىتى، تارىخ فاكۇلتېتىدىكىلەرمۇ بار. تەشكىللىگۈچى ئىككى قولىنى كەڭ يېيىپ، قاتنىشىشقا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەيلى سىز قايسى فاكۇلىتېت ياكى قايسى دۆلەتتىن كەلگەن بولۇڭ، ئوخشاشلا قىزغىن قارشى ئېلىنىسىز. ھەر بىر يېڭى كەلگۈچىگە تەشكىللىگۈچى تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويۇشنى ئېيتىدۇ، كېيىن بارلىق پائالىيەتلەرنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ تەتقىقات گورۇپپىسىدا دەسلىپىدە بىر نەچچەيلەنلا بار ئىدى، كېيىنچە بارا-بارا كۆپىيىپ، ھازىر نەچچە يۈز كىشىلىك چوڭ ئىلىم توپىغا ئايلاندى.

ئالىي مەكتەپلەردىكى بۇنداق ئىلىم كوللېكتىپلىرى پۈتۈنلەي ئۆزلۈكىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، تامامەن قىزىقىشنى چىقىش قىلغان، مەكتەپنىڭ ھېچقانداق بىر رەھبىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىلىنغان ئەمەس، ھېچقانداق مەنپەئەت تەمەسى بىلەن ئويۇشتۇرۇلغان بولمايدۇ، بەك بولسا مەكتەپتىن ئازراق پائالىيەت خىراجىتى ئىلتىماس قىلىپ، يىغىن ئاچقاندا ئىشلىتىدىغان تاتلىق تۈرۈم ۋە ئىچىملىكلەرنى ئېلىشقا ياكى باشقا مەكتەپتىن تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسنىڭ كىرا ھەققى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. تەشكىللىگۈچى پائالىيەت ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىدۇ، لېكىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايدۇ. بۇ خىل ئاڭلىق ھالدىكى ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ئىلىم يولىدا كەم بولسا بولمايدۇ. بۇ كوللېكتىپلارنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارمۇ بار. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ رولىغا سەل قارىساق بولمايدۇ، ئۇلار بەلكىم مەلۇم بىر چوڭ ئىلمىي بايقاشنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

بىر تۈركۈم جۇڭگولۇقلار ئەۋلادى «مۇھاكىمە ۋە بايان» دەيدىغان كىچىك گۇرۇپپىنى تەشكىللىگەن، ئۇنىڭدا 10، 20 دەك ئادەم بار بولۇپ، ھەممىسى خەنزۇچىنى چۈشەنمىگەچكە ئېنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىنى ئوقۇيدىكەن، ھەر چارشەنبە كۈنى كەچتە يىغىلىپ ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئورتاقلىشىدىكەن. ئۇلار مېنىڭ «كۇڭزى ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى» دەپ كىتاب يازغىنىمنى ئاڭلاپ، مېنى ئۆزلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلدى.

ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى نۇرغۇن فاكۇلتېتلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ھەر جۈمە كۈنى كەچتە «گۈزەل چاغلار» دەپ ئاتىلىدىغان بىر سائەتلىك ساۋاقداشلار يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ شۇ ھەپتىدە ئوقۇغان كىتابلىرى ھەققىدە تەسىرات سۆزلىشىدىكەن. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئوقۇغان كىتابى، چۈشىنىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن تەسىراتلىرىمۇ ھەر خىل بولىدىكەن، بۇ خىل پائالىيەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىلھامىنى قوزغىتىپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.


G. يېتەرلىك چوڭ تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش بوشلۇقى

ئەقلىي ئەمگەك قىلىدىغانلار يېتەرلىك چوڭ تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش بوشلۇقىغا موھتاج. قىستا-قىستاڭچىلىق ۋە شاۋقۇن-سۈرەن ئەقلىي ئەمگەك قىلغۇچىلارغا تەسىر قىلىدۇ، شۇڭا دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا يېتەرلىك چوڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش بوشلۇقى بېرىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

ياتاق مۇھىتى ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئارام ئالىدىغان، شۇنداقلا ئۆگىنىش قىلىدىغان جايى. ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ئىككى ئادەم بىر ياتاقتا تۇرىدۇ، ئاسپىرانتلار بىر ياتاقتا بىر ئادەم تۇرىدۇ، ئائىلىسى بار ئاسپىرانتلار كىچىك بىر يۈرۈش ئۆيدە تۇرىدۇ. مەن ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقاندا ئۆيۈمدىكىلەر مەن بىلەن بىللە بارغان، ماڭا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن ئوقۇغۇچىلار ياتىقى ئۈستىدە ئىككى ياتاق، ئاستىدا بىر مېھمانخانا ۋە بىر ئاشخانا، يەنە بالكون ۋە كەينى گۈللۈكى بار بىر يۈرۈش ئۆي ئىدى. مۇشۇنداق ياتاق شارائىتى بولغاندىلا ئاندىن ئوقۇغۇچىلار ئارا بىر-بىرىگە دەخلى قىلىدىغان ئىشلار كۆرۈلمەيدۇ، ئائىلىسى بار ئوقۇغۇچىلارمۇ خاتىرجەم ئۆگىنەلەيدۇ. مەن يەنە سانتياگو كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا، سانتبابالا كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغىمۇ باردىم، ھەممىسىدە ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكىگە ئوخشاش ياتاق شارائىتى ھازىرلانغان ئىكەن.

ئامېرىكىدا چوڭراق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە ئاسپىرانتلارغا ئايرىم ئىشخانا بېرىلىدۇ.مەن 1993-يىلى سانتياگو كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغاندا، ئاسپىرانتلارغا ئىككى ئادەمگە بىر ئىشخانا بېرىلەتتى. ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر فاكۇلتېتى ئەڭ ئىختىساسلىق كىشىلەر چىقىدىغان فاكۇلتېت بولۇپ، زور تۈركۈمدىكى IT ساھەسىدىكى ئىقتىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرگەن، بۇنى ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش شارائىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مەن ئۇلارنىڭ فاكۇلتېتىغا بارغان، ھەربىر دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ بىردىن ئىشخانىسى بار ئىكەن. ھەتتا مەندەك بىر يىللىق زىيارەتكە بارغان ئادەمگىمۇ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى كىچىك ئىشخانىدىن بىرنى ئاجرىتىپ بەردى، بۇنىڭ مېنىڭ ئۆگىنىش ۋە خىزمىتىمنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا زور ياردىمى بولدى.

ئۆگىنىشتە ئاسانلا باشقىلارنىڭ نەزىرىگە ئىلىنمايدىغان بىر ئامىل بار، ئۇ بولسىمۇ بوشلۇق. بۇ ئارام ئېلىش بوشلۇقى، مۇنازىرە بوشلۇقى، تاماق يەيدىغان بوشلۇق، سەيلە قىلىدىغان بوشلۇق. بۇ بوشلۇقلار ھازىرلانغاندىلا ئاندىن ئوقۇغۇچىنىڭ تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولىدۇ.


H. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ھەرگىزمۇ باغچىدا سەيلە قىلغاندەك ئىش ئەمەس، بەلكى ئېكىسپىدىتسىيە قىلىش جەريانى

مەن نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دەرس سۆزلىدىم، ئوقۇغۇچىلار دائىم ماڭا:«سەمىمىي مەسلىھەت كۆرسەتسىڭىز؟» دەپ تۇرۇۋالىدۇ. مەن ئۇلارغا: «ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى ئېكىسپىدىتسىيە قىلىش دەپ بىلىڭلاركى، ھەرگىزمۇ باغچىدا سەيلە قىلغانلىق دەپ قالماڭلار!» دېدىم.

ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى سودا ئىنىستىتۇتى ئامېرىكىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن كارخانىچىلارنى يېتىشتۈرگەن. بۇرۇنقى ئىنىستىتۇت باشلىقى روبېرت جېمىس پروفېسسور ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا دوكلات بەردى، دوكلاتتا: «سىزنى راھەتلەندۈرگەن مۇھىتتا بەك ئۇزۇن تۇرۇۋالماڭ» دېدى. ھەقىقەتەنمۇ بىر ئادەم كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئۆزىدىن ھالقىيالىشى، ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلالىشى كېرەك.

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئىچىدە مۇتلەق كۆپ قىسىمدىكىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئىمتىھان نەتىجىسى B . نيۇتون بىلەن ئېينىشتىيىن ھەتتا مۇئەللىمى تەرىپىدىن كاللىسىدا مەسىلە بار دەپ قارالغان ئوقۇغۇچىلار ئىدى. نەتىجىسى A بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك. بۇ ئىنتايىن نورمال ئەھۋال. ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلالىغان ئوقۇغۇچىلار ئاسانلا باشقىلار تەرىپىدىن «بىنورمال» دەپ قارىلىپ قالىدۇ، ئادەتتە نەتىجە جەھەتتە ئۆزىنى بەك ئىپادىلەپ كەتمەيدۇ، لېكىن ئىلىم-پەن ھەقىقەتلىرى دەل مۇشۇ «بىنورمال» كىشىلەر تەرىپىدىن بايقالغان.

يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2010-يىلىدىكى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، رىچارد لېۋېن مۇدىر يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق دېگەن: «يالې ئۇنىۋېرسىتېتىدا 2000دىن ئارتۇق دەرس تەسىس قىلىنغان، لېكىن سىز %98 دەرسكە قاتنىشالمايسىز. شۇنداقتىمۇ مەن سىلەرنىڭ كۆپرەك دەرسلەرنى ئاڭلاپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھەر بىر دەرس ئىنسانلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەجرىبىلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ھەر قانداق بىر پەن سىزنى ئوخشاش بولمىغان كۆزنەك بىلەن تەمىنلەپ، تەبىئەت دۇنياسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت جۇغلانمىلىرىدىن بەھرىمەن قىلدۇرۇپ، سىزگە دۇنيانى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مەندىن قايسى پەننى ئۆگەنسەك بولىدۇ دەپ سورىساڭلار، ئامال بار كۆپرەك پەننى تاللاشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھەرگىز ئالىي مەكتەپكە كېلىشتىن بۇرۇن تاللاپ قويغان پەننىلا ئۆگىنىشىمگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ دەپ قارىماڭ، ئىلگىرىكى بىلىمىڭىزدىن ھالقىغان دەرسلەرنى تاللاپ ئۆگىنىڭ. شۇنداق بولغاندا بىلىم دائىرىڭىز كېڭىيىپلا قالماي، ئۆزىڭىزدىكى ئۆزىڭىز تېخى ھېس قىلىپ باقمىغان يوشۇرۇن كۈچنى بايقىيالايسىز، بۇ ھەتتا ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن».



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش