ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
جاڭ دېجياڭ ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې بىلەن كۆرۈشتى
مەنبە : نۇر تورى
2016-05-27 13:00:00


خەلق تورىنىڭ 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 26-ماي خەلق سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې بىلەن كۆرۈشتى.

جاڭ دېجياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، يېقىندىن يىللاردىن بېرى رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ ئەپەندى قاتارلىق ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ تىنچ ۋە گۈللەنگەن ئىستىراتىگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تېز تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋرىنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو ھىندىستان بىلەن ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، بىرلىكتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز-ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇسى، رايون ۋە دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھىندىستان پارلامېنتى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو-ھىندىستان پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق مۇنبىرى، پارلامېنت دوستلۇق گۇرۇپپىسى قاتارلىق ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئىشەنچلىك ھەمكارلىقىغا قانۇنىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ھىندىستان دوستلۇقى ۋە جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مۇكھېرجې مۇنداق دېدى: ھىندىستان ھىندىستاننىڭ پارلامېنتىنىڭ جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھىندىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش