ئىزدەخەۋەر > خەلقئارا >
سۇداندىكى كۆپلىگەن جايلار كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
مەنبە : نۇر تورى
2016-09-07 18:41:49

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

6-سېنتەبىر كۈنى سۇداندىكى قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئوسماننىڭ ئېيتىشىچە، سۇداندىكى كۆپلىگەن جايلار بۇ يىل يازدىكى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھازىرغا قەدەر ئاپەتتە ئاز بولغاندا 80 ئادەم قازا قىلىپ، 160 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان.

ئوسماننىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، كەلكۈن سۈيى سۇداننىڭ شەرقىي قىسمىدىن ئېقىپ كەلگەن بولۇپ، نىل دەرياسى بويىدىكى مىڭ كىلومېتىرغا يېقىن جاي ئېغىر دەرىجىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان، قىسمەن رايونلاردا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تارقىلىشقا باشلىغان. نۆۋەتتە، ئاپەتتە ئاز بولغاندا 80 ئادەم قازا قىلغان، تەخمىنەن 40 مىڭ ئادەم ئۆيلىرىدىن ئايرىلغان، 160 مىڭ ئادەم ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، 20 مىڭ يۈرۈش ئۆينى كەلكۈن سۈيى يۇتۇپ كەتكەن.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى ئېغىر بولغان سۈزۈك نىل ئىشتاتىدىكى زور تۈركۈم تېرىلغۇ يەر ۋە بوش يەرنى كەلكۈن يۇتۇپ كەتكەن. سۈزۈك نىل ئىشتاتىنىڭ باشلىقى مۇسانىڭ ئېيتىشىچە، كۈچلۈك يامغۇرنىڭ تەسىرىدە، نىك دەرياسىنىڭ سۇ ئورنى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىن ئېشىپ كېتىپ، كەلكۈن سۈيى بۇ ئىشتاتتىكى تادامون رايونىدىكى نەچچە ئون كەنتنى ئايرىۋەتكەن. بەزى جايلار كەلكۈن سۈيى تەرىپىدىن نەچچە ئاي قاپسىلىپ قالغان، بۇ جەرياندا سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان.

ئوسماننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە سۇدان قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى نۆۋەتتە ئىزچىل تۈردە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىۋاتقان بولۇپ، جۇڭگو قىزىل كىرىست جەمئىيىتىمۇ جۇڭگونىڭ سۇداندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئارقىلىق مەخسۇس ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇشقا 100 مىڭ دوللار ئىئانە قىلغان. نۆۋەتتە، سۇداننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقكە چېدىر، يورۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى، يېمەكلىك، دورا قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى تارقىتىپ بېرىشكە باشلىغان.

سۇداندا يامغۇر پەسلى 7-ئايدىن باشلىنىدىغان بولۇپ، 9-ئاي ياكى 10-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ يىل 6-ئايدىن بۇيان، يامغۇر مىقدارى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقانلىقتىن، نىل دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ سۇ ئورنى ئۆرلەپ كېتىپ، سۇداندىكى كۆپلىگەن ئىشتاتلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاپەتكە ئۇچراپ، خېلى زور كۆلەمدىكى ئادەملەرنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە مال-مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.



...

تولۇق مەزمۇنى: بۇ يەرنى چىكىڭ!

wiki.izda.com
izda
  • 01
  • 01

ئۈستىگە قايتىش